دوكتور ئالىمجان ھەمرايېاف: بۈيۈك ئەلىشىر ناۋايى سۆز ۋە ئالەمشۇمۇل ئىجادىيەتلىرى بىلەن روھىمىزغا، قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن نامايەندە
2021.02.12

مەلۇمكى، بۇ يىلى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تۇغۇلغىنىغا 580 يىل تولدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا بىرقىسىم ئەللەردە ئۇنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 580 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدىكى قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەلىشىر ناۋايى تۇغۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىپ، تۈركىيە، ئامېرىكا، قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ۋە ئۆزگىچە يېڭى كۆز قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ پارس ۋە تۈركىي تىلىدا قالدۇرغان باي ئىجادىي مىراسى پەقەت تۈركىي خەلقلەرلا ئەمەس، بەلكى پارس تىللىق خەلقلەرنىڭمۇ مەدەنىيىتىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ئارىدىن ئالتە ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەدىب ئەسەرلىرى ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتماي، ئەكسىچە كۆپلىگەن زىيالىيلار، ئاددىي خەلقلەر ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتماقتا. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ ئونلىغان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە ھەر قايسى ئەل ئالىملىرى كۆپ ئىزدىنىپ، زور بىر قىسىم ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. جۈملىدىن ئەلىشىر ناۋايى ئىجادىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە تەتقىق قىلىندى ھەم ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغانىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئەلىشىر ناۋايى مىراسى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ، سەنئەتكارلىرىنىڭمۇ چوڭ قىزىقىشىنى پەيدا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھازىرمۇ مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىكەن. ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىدە مەخسۇس ئوقۇتۇلماقتا.
قازاقىستاندىكى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئەلىشىر ناۋايى چاغاتاي دەۋرىنىڭ تەڭدىشى يوق سۆز ماھىرى بولۇپ، بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خاتىرىسىدە ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى:
«19-ئەسىردە ياشىغان مۇزىكىشۇناس ئىسمەتۇللا مۆجىزى ئەلىشىر ناۋايىنى دۇنيادىكى 8 ئۇلۇغ كىشىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەلىشىر ناۋايى چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، مۇسۇلمان ئويغىنىش دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت سۇلتانى، پېشۋاسى. ئۇ شەرق ئۈلگىسىدىكى مىللىي كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى، يېڭى ئەدەبىيات ئۈلگىسىنى ياراتقان ئەدىب. ئەلىشىر ناۋايى بىزگە ھەم قان، ھەم تىل، ھەم مەدەنىيەت بويىچە پۈتۈن جان-تومۇرۇمىزغا سىڭىپ كەتكەن بىر ئەدىب، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان كىشى. ئەلىشىر ناۋايى سۆز ۋە مۇزىكا سەنئىتى بىلەن روھىمىزغا، قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن نامايەندە.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئەلىشىر ناۋايى 1441-يىلى خوراسان مەملىكىتىنىڭ پايتەختى ھىرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى غىياسىدىن كىچىككىنەنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا خوراسان مەملىكىتىنىڭ سەبزەۋار شەھىرىدە ھاكىملىق خىزمىتىنى ئاتقۇرۇۋاتقان ۋاقتىكەن. ئەلىشىرنىڭ ئانا جەمەتىدىن بولغان بوۋىسى ئەبۇسەئىد-چوڭ ھۈسەيىن بايقارانىڭ بوۋىسى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ھۇزۇرىدا ئەمىرلىك خىزمىتىنى ئاتقۇرسا، ئانىسى بىلەن مومىسى ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىدە بولغان. شۇڭلاشقا ناۋايى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوردىدا تەربىيە ئالغانىكەن.
ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئىلىم دەرگاھىدا ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلانغان يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇ «ئەلىشىر ناۋايى: تۈركىي تىللىق ئەدەبىياتتا ۋارىسلىق مەسىلىسى» ماۋزۇسىدا دوكلات قىلغانىكەن. ئۇنىڭغا قاتناشقان ئالىملار ئۆز سۆزلىرىدە قازاقىستاندا شائىر ئىجادىيىتىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە بۇ تەۋەللۇدنىڭ ئالمۇتادىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدىمۇ ئاتاپ ئۆتۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئالىم ئاتاقلىق كومپوزىتور ئازاد بۇرھانوف ۋە گۈلباھار ناسىروۋا بىلەن بىرلىكتە ناۋايىنىڭ بىر نەچچە غەزەللىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇقاملارنى سەھنىگە ئېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىمجان ھەمرايېف بۇ يىل قازاقىستاندا ئەدىب تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان ئىش-پائالىيەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى بۇ يىلى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 580 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان›شەرقنىڭ يورۇق يۇلتۇزى‹ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى. ئۇ تور ئارقىلىق ئۆتتى. خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ رەھبىرى دارخان قىدىرەلى بۇ يىلنى›ئەلىشىر يىلى‹دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ دائىرىسىدە كۆپلىگەن يۇمىلاق ئۈستەل، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ۋە ئەلىشىر ناۋايى ئىجادىيىتىنىڭ تەتقىق قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان مۇئەممالارنى ئاتاپ ئۆتتى. بۇ يىلى ناۋايىنىڭ›خەمسە‹ئەسىرى تولۇقى بىلەن قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولدى. بۇلتۇر كىتابلارمۇ تەييارلاندى، تەتقىقاتلارمۇ ئېلىپ بېرىلدى. شۇلارنىڭ بىرى ‹ئاباي ۋە ئەلىشىر ناۋايى-ئەلىشىر ناۋايى ۋە ئاباي› ناملىق چوڭ كىتاب نەشر قىلىندى. ئۇنىڭدا كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرى ئورۇن ئالدى. شۇ جۈملىدىن ئەلىشىر ناۋايى ۋە ئاباي ئەسەرلىرىدىكى ئوخشاشلىقلار، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شەرق ئەنئەنىلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، مەنمۇ ماقالىلەرنى يازدىم. بۇ كىتاب رۇس تىلىدا ئېلان قىلىندى.»
تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەلىشىر ئالتە يېشىدا مەكتەپكە بارغان ۋە خوراسان پادىشاھى ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىرگە ئوقۇغان. شۇ چاغدا پادىشاھ ئوردىسىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى ناۋايى دادىسى ۋە باشقىلار بىلەن ھىراتنى تاشلاپ، ئىراققا كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. پەقەت 1450-يىلى خوراساندا تەرتىپ ئورنىتىلغاندا ئەلىشىر ھىراتقا قايتىپ كېلىپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئەلىشىر ناۋايى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، شائىر شەيخ سەئىدىنىڭ پارس تىلىدا يېزىلغان «گۈلىستان» ۋە «بوستان» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشىدۇ. ئۇ شۇنداقلا ئىرانلىق شائىر فەرىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت-تەير»، يەنى «قۇشلار تىلى» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ، ئۇنى پۈتۈنلەي يادلىۋالغان. كېيىنرەك بولسا، «مەنتىقۇت-تەير» ئەسىرىگە جاۋابەن ئۆزىنىڭ «لىسانۇت تەير» ئەسىرىنى يازغان. ئەلىشىر ناۋايى 1456-يىلى 15 يېشىدا خوراسان ھاكىمى، شائىر، تارىخچى ھەم سەنئەتكار ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قېشىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ. بابۇرمۇ ياش شائىرنىڭ ئىجادىيىتىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ۋە نەتىجىدە ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان دەرىجىگە يېتىپ، دەسلەپكى ئەسەرلىرىنى يازىدۇ. ئۇ، «فانى» تەخەللۇسى بىلەن «دىۋانى فانى» ئەسىرىنى پارس تىلىدا يازغان. ئۇنىڭ تۈركىي-ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلىرى بولسا، «ناۋايى» تەخەللۇسى بىلەن بېرىلگەنىدى.
ئەلىشىر ناۋايى 1469-يىلى خوراسان پادىشاھى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ھىراتتىكى ئوردىسىدا ئۇنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شاھقا ۋاپادار بولۇپ ئۆتىدۇ. ئۇ 1501-يىلى ھىرات شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ.
ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ، بالىلىق چېغى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن ۋە دەسلەپتە غۇلجىنىڭ مەدرىسىسىدە بىلىم تەھسىل قىلغان پېشقەدەم شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ئوقۇغان ۋاقىتلاردا خەلپەتلىرىمىز دىنىي ساۋاقلاردىن باشقا بولۇپمۇ كلاسسىك شائىرلىرىمىز ھەققىدىمۇ ئاغزىمىزغا ئىلىم سالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كلاسسىك ئەدەبىياتقا مەندە مېھىر ئويغىنىپ قالغان. شۇ ئىلىم يېشىم 80 گە كەلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ. ئەلىشىر ناۋايى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كلاسسىك شائىرى. ئۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارا بولغان. ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغاچقا، ئۇنىڭ قولىدا دانىشمەن ۋەزىر بولۇپ تۇرغان. ھەر ئىككىلىسى شائىر بولغان. بەس-بەستە، بەس-مۇنازىرىدە شېئىر يېزىشقان. بولۇپمۇ ناۋائىنىڭ دانىشمەنلىكى، دانالىقى بېسىم ئىدى.»
ناۋايى غەزەللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ «12 مۇقامى» دىنمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۈگۈنكى قەدەر ئەدىب غەزەللىرى خەلق ئاغزىدىن چۈشمەي كېلىۋاتماقتا. ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى بىلدۈردى.
ئەلىشىر ناۋايى 1498-يىلى ئۆز شېئىرلىرىنى يىغىپ، 45 مىڭ مىسرالىق «خەزايىنۇل مەئانى» ناملىق توپلىمىنى نەشر قىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇنىڭ بەدىئىي، تارىخى، پەلسەپىۋى، ئىشقى-رومانتىكىلىق ئەسەرلىرىمۇ مەلۇم. شۇلارنىڭ بىرى «خەمسە» ژانرىدا يېزىلغان بەش ئەسەردىن تەركىب تاپقان توپلامىدۇر. نىزامى گەنجەۋى، خىسراۋ دېھلەۋى ۋە ئابدۇراخمان جامىيلارنىڭ بۇ ژانىردىكى ئەنئەنىسىنى يەنىمۇ داۋام قىلغان ئەلىشىر ناۋايى 1485-يىلى تۇنجى قېتىم تۈركىي تىلىدا ئۆز خەمسىسىنى ياراتتى. ئىككى يىل داۋامىدا يازغان مەزكۇر 50 مىڭ مىسرالىق توپلىمىغا شائىرنىڭ «ھەيرەتۇل ئەبرار»، يەنى «ياخشىلارنىڭ ھەيرەتلىنىشى»، «فەرھاد ۋە شېرىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن»، «سەبائى سەييار»، يەنى «يەتتە يۇلتۇز»، «سەددى ئىسكەندەرى»، يەنى «ئىسكەندەر سېپىلى» ناملىق بەش داستانى كىرگەن. ئەدىبنىڭ شۇنداقلا «مىزانۇل-ئەۋزان»، يەنى «ۋەزىنلەر ئۆلچىمى»، «مۇھاكەمەتۇل-لۇغەتەين»، يەنى «تىللار مۇھاكىمىسى»، «مەجالىسۇن نەفائىس»، يەنى «نەپىسلەر مەجلىسلىرى» قاتارلىق نەسرى ئەسەرلىرىمۇ مەۋجۇت.