شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف: «مەن كىتابخانلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئەسەر يېزىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن »

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزئويغان
2021.05.14
شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف: «مەن كىتابخانلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئەسەر يېزىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن » «ئالىتاغ» ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى تېلمان نۇراخۇنوف. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Oyghan

مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ قازاقىستاننىڭ ئەينى زاماندىكى پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى تاماملاپ چىقىشقا باشلىغاندى. مەزكۇر بىلىم دەرگاھىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ۋە باشقىمۇ پەنلەر بويىچە مۇئەللىملەرنى تەييارلاشنى باش مەقسەت قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇنى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدىن مۇئەللىملەردىن تاشقىرى يەنە شائىر ۋە يازغۇچىلار، ئالىملار، نەشرىياتچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە باشقىلار يېتىشىپ چىقىپ، ھازىر ئۇلار ھەر خىل ساھەلەردە ئەمگەك قىلماقتا. ئەنە شۇ بىلىم دەرگاھىنى تاماملىغانلارنىڭ بىرى تېلمان نۇراخۇنوف ھازىر قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ تونۇلغان يازغۇچىدۇر. 

ئىگىلىشىمىزچە، تېلمان نۇراخۇنوف قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ھازىرقى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدە تۇغۇلغانكەن. ئۇ ئالدى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئاندىن ئالىي ئوقۇش ئورنىنى تاماملاپ، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە ئالمۇتا شەھىرىدە رادىيو-تېلېۋىزىيە، نەشرىيات ۋە تىل ساھەلىرىدە ئەمگەك قىلغان. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. 

بىز قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئاسىيا بۈگۈن» مۇستەقىل گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى تېلمان نۇراخۇنوف بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. 

تېلمان نۇراخۇنوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تىل-ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشى سەۋەب بولغانكەن. ئۇ يازما ئىش تاپشۇرمىلىرىنى ئورۇنلىغاندا بولۇپمۇ تەبىئەتنى تەسۋىرلەشكە كۆپ قىزىققان بولۇپ، كېيىنىرەك ئادەم ئوبرازىنى يارىتىشقا باشلىغانكەن. 

ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ شېئىرىيەتتىن باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئانا تىللىق مەكتەپتە ئوقۇغىنىم ئۈچۈنمېكىن، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كىتابلىرى مەكتەپكە، يېزىمىزدىكى كۇتۇبخانىلارغا تۇراقلىق چۈشۈپ تۇراتتى. شۇ يەردە كۆپرەك شېئىرلارنى ئوقۇشقا تىرىشاتتۇق. ئۇلارنىڭ يازغان شېئىرلىرى زور تەسىر كۆرسىتەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن شېئىرلارنى يېزىپ كۆرگەنتىم. شېئىرلار ياخشى چىقتى دەپ ئېيتالمىساممۇ، ھەر ھالدا ئىجادىمنى باشلاشقا شۇ پەيتلەر توغرا كەلدى. كېيىن ئىنستىتۇتتا ئوقۇغان چاغدىمۇ ئالمۇتادا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇڭداش، پىكىرداش بولغان چاغلىرىم ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋەسىمنى تېخىمۇ قىزىقتۇردى.» 

تېلمان نۇراخۇنوف ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئەدەبىياتنىڭ ھەر خىل مەسىلىلىرىگە بېغىشلغانغان قىسقا ھەجىمدىكى ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشقا، ئەدەبىي ئەسەر يېزىشنىڭ سىرلىرىغا چۆكۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. يازغۇچىنىڭ «قەلبىم ئاھاڭلىرى» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەت باشلانمىسى بولغانكەن. 

شائىر تېلمان نۇراخۇنوف ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ شېئىرىيەت ۋە پروزا جانرلىرىدىكى ئاساسىي ماۋزۇلارغا ۋە يۆنىلىشلەرگە توختالدى. 

يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف شېئىرىيەت بولسۇن، پروزا بولسۇن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، بۈگۈنكى ھاياتىنى ئىپادىلەشكە، مەدھىيىلەشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى. 

شائىر ئۆز ئىجادىدىكى شېئىرىي شەكىللەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى باسقۇچتا ۋە ھازىرقى كۈندىمۇ بارماق ۋەزنىدە يېزىشقا تىرىشىمەن. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بىزنىڭ ئانا-ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندا شېئىرىيەتكە كىرىپ كەلگەن ‹گۇڭگا› شەكىل مېنى بەكمۇ قىزىقتۇردى. ئۇنىڭغا قازاقىستاندىكى شائىرلاردىن دەسلەپكى قېتىم ئابدۇمېجىت دۆلەتوف مۇراجىئەت قىلغان. كېيىن مەنمۇ ۋەتەندىكى ۋە مۇشۇ يەردىكى قەلەمداشلىرىمغا ئەگەشتىم.» 

تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ پىكرىچە، شېئىرىيەتتىن پروزا ساھەسىگە ئۆتۈش بۇ ئىلگىرى-كېيىن ياشاپ، ئىجاد ئەتكەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە شەكىللىنىپ قالغان ئەنئەنىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ پروزا ساھەسىدە ئۈنۈملۈك ئىجاد قىلغان ھېزىمەت ئابدۇللىن، مەسۈمجان زۇلپىقاروف ۋە باشقىمۇ مەشھۇر يازغۇچىلىرى ئۆز ئىجادىيىتىنى دەسلەپتە شېئىردىن باشلىغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇلار ھەر ئىككى ساھەنى تەڭ ئېلىپ بارغانىكەن. 

«مەنمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا كېيىنكى ئەۋلاد بولۇپ قوشۇلدۇم دېسەم مۇبالىغە بولماس. چۈنكى بىر قانچە توپلام شېئىرلىرىم، بىر قانچە پروزىلىرىم نەشىر قىلىندى. شېئىرىيەتتىن پروزىغا ئۆتۈش ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس. ھەر قانداق يازغۇچى يا شائىر بىرەر ئەسەرنى دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا كىتابخانلار تۇرىدۇ. مېنىڭمۇ ھەر قاچان كۆز ئالدىمدا كىتاپبخانلار تۇرىدۇ. مەن يازغان ئەسەرلىرىمنى كىتابخانلار كۆڭلىدىن چىقىشقا تىرىشىپ يېزىپ كېلىۋاتىمەن.» 

تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ پىكرىچە، ھەر قانداق بىر ئەدىبنىڭ قايسى ساھەدە بولمىسۇن ئەسەر ياراتقانلىقى شۇ يازغۇچىنىڭ چوڭ ئۇتۇقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. يەنە بىر ئۇتۇق ئۇ ئەنە شۇ ئەسەر بىلەن كىتابخانلارنىڭ تونۇشۇپ، بەرگەن باھاسىكەن. ئۇ شۇنداقلا ئۆز ئىجادىيىتىدە بولۇپمۇ قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى، تالانتلىق يازغۇچى تۇرغان توختەموف، ئۇيغۇر ئېلىدە تونۇلغان ئەدىبلەردىن زوردۇن سابىر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر كەبى يازغۇچىلارنى ئۈلگە تۇتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.