رەسسام گۈلناز تۇرسۇن: «ئىشەنگىن، ھامان ئازادلىق تېڭى ئاتىدۇ!»
2022.04.07
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەسسىلەپ كۈچىيىپ، ئۇيغۇر دۇنياسى چەكسىز قاباھەتكە غەرق قىلىنىۋاتقان رەھىمسىز رېئاللىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشقا باشلىدى.
ھالبۇكى، بۇ سەنئەتكارلارنىڭ ئارىسىدا مول مەزمۇنلۇق ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئوراپ ئالغان چارەسىزلىكنى ئىپادىلەشتىن كۆرە، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىشكە، ئۆزىگە ئىشىنىشكە چاقىرىۋاتقان رەسساملارمۇ ئاز ئەمەس. شۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ يارقىن رەڭلىرى، ئاددىي ئەمما گۈزەل سىزىقلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى بىرلىككە، ھۆرلۈككە تولغان گۈزەل كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلاشقا يېتەكلەپ كېلىۋاتقان ياش سەنئەتكار گۈلناز تۇرسۇن خانىمدۇر.
«ھامان ئازادلىق تېڭى ئاتىدۇ. . . ئىشەنگىن!» -دەيدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن.
گۈلناز تۇرسۇن خانىم قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى بايسېيىت يېزىدا بىر ئۇيغۇر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئۆز يېزىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالغاندىن كېيىن، 2002-يىلى ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇرال تانسيقبايېۋ نامىدىكى قول ھۈنەر ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنى تاماملايدۇ ھەمدە شۇ يىلى قازاقىستان ئالىي ئارخىتېكتور ۋە قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ لايىھىلەش فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەزكۇر بىلىم يۇرتىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرگەن گۈلناز ئۆزى ئارزۇ قىلغان گۈەل سەنئەت ئىجادىيىتىگە قەدەم ئالىدۇ. گۈلناز شۇندىن كېيىن نۇرغۇن ئىجادىي ئەسەرلەرنى يارىتىپ، كۆپلىگەن ياش رەسساملار ۋە ئايال سەنئەتكارلار كۆرگەزمىلىرىگە قاتنىشىدۇ.
خىتاي ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى كۈزدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچەيتىپلا قالماي، ئۇنىڭ كۆلىمىنىمۇ كېڭەيتكەن. بۇ جەرياندا، ئۇيغۇر تىلى مائارىپنىڭ بارلىق ساھەلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھەممە ئېلېمېنتلىرى «جىنايەتلەشتۈرۈلگەن» دىن سىرت، 1. 8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن.
بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۆز ئىجادىيەتلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىىرى ھەققىدە توختالغان گۈلناز تۇرسۇن، دەل شۇ پەيتلەردىن باشلاپ بىر رەسسام بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلمەتلەرنى ئىپادىلەپلا قالماي ئۇلارنى ئۈمىدۋارلىققا ۋە ئۆز كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچكە ئۈندەش مەقسىتىدە يىللاردىن بۇيان لايھەلەش شەكلىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتكەلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ جەرياندا «ئۈمىد»، «كىملىكىڭنى ئۇنۇتما»، «باھار»، «كېلەچەكتىكى ئازاد ۋەتىنىمنىڭ ئوماق بالىسى»، «ئويغان»، «ئىشەنچ» ۋە «بىرلىك» قاتارلىق بىر يۈرۈش رەقەملىك ئەسەرلەرنى ئىجات قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان.
رەسسامنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە «قەدىمىي تارىخقا ئىگە، مەدەنىيەتلىك، مېھرى-مۇھەببەتلىك، مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلگەن ۋە قايتا ئويغىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئۇلۇغ خەلق، ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن،» ئىكەن.