ئىمىنجان توختىياروف ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021.03.12
ئىمىنجان توختىياروف ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە قازاقىستاندا تونۇلغان شائىر ئىمىنجان ئىسمايىل ئوغلى توختىياروف(ئىمىنجان توختىياروف) ئەپەندى.
Photo: RFA

قازاقىستاندا تونۇلغان شائىر ئىمىنجان ئىسمايىل ئوغلى توختىياروف 1962-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جېلىليۈزى ناھىيەسىگە قاراشلىق قىشلاقتام يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شۇ يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان. ئىمىنجان 1979-يىلى سابىق چېلەك ناھىيەسى، يەنى ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى ئانا تىلىدا تاماملاپ، 1987-1993-يىللىرى چېلەك ناھىيەلىك «ئەمگەك تۇغى» گېزىتى تەھرىراتىدا خىزمەت قىلغان.

ئۇ، ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىنى سىرتتىن پۈتتۈرگەندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق مەخسۇس مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پو’‍ئېزىيە ساھەسى بويىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىمىنجان توختىياروف 10 غا يېقىن توپلام شۇنداقلا 200گە يېقىن ناخشا تېكىستىنىڭ ئاپتورى. ئۇ قەلەمگە ئالغان «يۈرەك تەۋرىگەندە»، «ۋارىسلار ناخشىسى»، «مەن سېنى سېغىنغاندا»، «دولانا»، «تۇمارىم» قاتارلىق توپلاملار، شۇنىڭدەك «جاھانىم»، «ۋەللەي»، «ئانا»، «دىيار ناۋاسى» گە ئوخشاش ناخشىلار ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ۋە سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئەدىبنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرى قازاق تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

ئىمىنجان توختىياروف قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى. ئۇ «تىنچلىق دۇنياسى» قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان خەلقئارا شولوخوف نامىدىكى مېدالنىڭ، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ «ساخاۋەت» مېدالىنىڭ ساھىبى، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ «پەخرىي پۇقراسى».

تىلىڭ-بايرىقىڭ

ئۇلۇغ ئانا تىلىڭدا سۆزلىگىنىڭ،

كېلەچەكتىن ئۈمىدنى ئۈزمىگىنىڭ.

بەخىتلىكلەر سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ،

بۈيۈك ئارزۇ-مەخسەتنى كۆزلىگىنىڭ.

ئانا تىلغا مۇھەببەت باغلىغىنىڭ،

دەشتى-چۆلدە تەمتىرەپ قالمىغىنىڭ.

كەتمەستىن يالاقچىلار يېتىلىگىدە،

كۆرۈنگەننىڭ دېپىنى چالمىغىنىڭ.

ئانا تىلغا مۇھەببەت باغلىغىنىڭ،

دېڭىزلاردىن قورقماستىن ئاتلىغىنىڭ.

خەلقى ئالەم ئالدىدا بېشىڭ ئۆردە،

ۋىجدانىڭنى ياتلارغا ساتمىغىنىڭ.

ئانا تىلغا مۇھەببەت باغلىغىنىڭ،

قەلبىڭنىڭ پاكلىغىنى ساقلىغىنىڭ.

ئەۋلادلارنى بۆلەپ شات-خوشاللىققا،

ئەجدادلارنىڭ نامىنى يادلىغىنىڭ.

ئانا تىلىڭ جاھانىڭ، گۈل باھارىڭ،

شوخ ياڭرىغان ناۋارىڭ، دىل ئارامىڭ.

چوققىلارغا قولۇڭدىن يېتەكلىگەن،

ئۇ بايرىغىڭ،

ئۇ شەنىڭ،

نومۇس-ھارىڭ!

تاغ-دېڭىزنىڭ ئورنىدىن كۆچمىگىنى،

قايناملاردا كېمەڭنىڭ چۆكمىگىنى.

سەن پىر تۇتقان تىلىڭغا باغلىق بىلسەڭ،

يەر-زېمىندىن نامىڭنىڭ ئۆچمىگىنى! ! !

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.