شائىر ئىمىنجان توختىياروف: «شېئىرىيەتنى، ئەدەبىياتنى سۆيگەن مىللەت ئۇ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك مىللەتتۇر»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.03.12
شائىر ئىمىنجان توختىياروف: «شېئىرىيەتنى، ئەدەبىياتنى سۆيگەن مىللەت ئۇ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك مىللەتتۇر» قازاقىستاندا تونۇلغان شائىر ئىمىنجان ئىسمايىل ئوغلى توختىياروف(ئىمىنجان توختىياروف) ئەپەندى.
RFA/Oyghan

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرى قازاقىستاندا ئوقۇپ، تەربىيەلىنىپ، ئاندىن بولۇپمۇ 90-يىللاردىن كېيىن، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىنكى يىللاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرى ئەدەبىيات مەيدانىدا تونۇلۇشقا باشلىغانىدى. شۇلارنىڭ بىرى ئىمىنجان توختىياروف ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ چېلەك يېزىسىدا ياشايدۇ.

ئىمىنجان توختىياروفنىڭ تۇنجى «يۈرەك تەۋرىگەندە» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئەنە شۇ مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يورۇق كۆرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتىپىنى تاماملىغان ئىمىنجان توختىياروف ئۆز ھاياتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى مىللىي مەتبۇئاتىنىڭ تەرەققىياتىغا سەرپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدە ئۈنۈملۈك ئىجاد قىلىپ كەلگەن ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرى ھەر يىللىرى يورۇق كۆرگەن ئونغا يېقىن توپلامدىن ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى 200 گە يېقىن ناخشىلارنىڭ تېكىستى قىلىپ ئېلىنىپ، ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىمىنجان توختىياروف ئەپەندى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شېئىرىيەتنى تاللاپ ئالغانلىقىنى ۋە شېئىرىيەتكە بولغان ھەۋەسىنىڭ قاچان باشلانغانلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئەسلىدە ئۆمۈر بار يەردە شېئىرىيەت، شېئىرىيەت بار يەردە ئۆمۈر بار ئەمەسمۇ. ھەقىقىي ئىجاد ئادەملىرى ئۆمۈر بويى ھار-نومۇس، ۋىجدان، بۈيۈك ئىنسانچىلىقنى بىرىنچى پىلانغا قويغان. مەنمۇ شۇ يولدا قەلەم تەۋرەتكەن. ئۆز ھاياتىمدىن خەلق مەنپەئەتىنى ئۈستۈن تۇتقان. مېنىڭ ئىجادىيەتتىكى مەۋقەيىممۇ مانا شۇنىڭدىن ئىبارەت. ئەسلىدە مەن ئەس-ھوشۇمنى بىلىپ، ھەرپ تونۇپ، قولۇمغا قەلەم تۇتقاندىن بېرى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنىڭغا قارىغاندا، مەن ئىجادىيەتنى ئەمەس، ئىجادىيەت مېنى تاللىۋالغاندەك تەسەۋۋۇردا بولىمەن.»

ئىمىنجان توختىياروف ئۆز ئىجادىيىتىدە كۆپىنچە ئۇستازلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ھېچ قاچان ئۆزۈمنى زورلاپ، ئەسەر يازمايمەن ھەم قەلەم تەۋرەتمىسەم، ئاغرىپ قالىمەن. دېمەكچى بولغىنىم، ئىجادىيەت يولى ئىنتايىن مۈشكۈل يول. خەلقىڭنىڭ خۇشاللىقى سېنىڭ خۇشاللىقىڭ، بەختى سېنىڭ بەختىڭ، يىغىسى ئاھۇ-زارى سېنىڭ مۇڭ-زارىڭ، پاجىئەرىڭ. مانا مۇشۇ نۇقتىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ئوقۇرمەن كۆڭلىدىن چىقىدۇ، يۈرىكىدىن ئورۇن ئالىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ ھاياتتا مەن ئۈچ ئاكىمىزنىڭ مەۋقەسىنى نەزەردە تۇتىمەن. ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچىلار ھېزمەت ئابدۇللىن، ھېزىم بەخنىيازوف ۋە ئابدۇمېجىت دۆلەتوف.»

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىدە ئانا تىل، ئانا يۇرت، ۋەتەن، سۆيگۈ-مۇھەببەت، سادىقلىق، دوستلۇق، ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھماندوستلۇق ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ماۋزۇلارغا مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئىمىنجان توختىياروف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شېئىرىيەت گۈزەللىك بىلەن سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن، ئۆمۈرگە، ئادەملەرگە، ئائىلەڭگە ئاشىقلىقتىن، پەلسەپە-تەپەككۈردىن تۇرىدۇ ئەمەسمۇ. مانا مۇشۇ ماۋزۇلار مېنىڭ ئىجادىيىتىمدە ھالقىلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. شېئىرىيەتنى، ئەدەبىياتنى سۆيگەن مىللەت ئۇ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك مىللەتتۇر. شۇڭلاشقا ئۆسۈپ كېلىۋاتقان ئەۋلادلىرىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا، كىتابنى سۆيۈشكە، قەدىرلەشكە ئۈندىگەن بولار ئىدىم. شۇنداق بولغان چاغدىلا تاڭلىرىمىز يورۇق، ئاسمىنىمىز ئوچۇق، تۇرمۇشىمىز خاتىرجەم، ھاياتىمىز ياخشىلىقلارغا تولۇپ-تاشىدىغانلىقىدا قىلچىلىك گۇمانىم يوق.»

ئىمىنجان توختىياروف ھەر قانداق بىر ئىجادكارنىڭ ھاياتقا باشلايدىغان ھەم ئۇنىڭدا ئۈلگە-ئىبرەت بولالايدىغان، ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تەپەككۇرى بىلەن جەلپ قىلالايدىغان ئۇستازلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇلار جۈملىسىدىن ئۆزىنىڭمۇ يېقىن تۇتقان ئۇستازلىرىنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈنكى قەدەر شائىر ئىمىنجان توختىياروفنىڭ شېئىرلىرىغا ئىجاد قىلىنغان 200 گە يېقىن ناخشا قازاقىستاندا ھەم ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ ياخشى تونۇش ئاممىباب گۇرۇپپا ۋە ئىجراچىلار تەرىپىدىن چوڭ سەھنىلەردە ۋە توي-مەرىكىلەردە ئېيتىلماقتىكەن. بولۇپمۇ ئاخىرقى ئون يىلدىن بۇيان ئىجادىي ھەمكارلىقتا ئىشلەۋاتقان «دەرۋىشلەر» گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ناخشىلار كەڭ ئامما تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىش ۋە ئىنكاسلارغا مۇيەسسەر بولماقتا. بۇ جەھەتتە مەزكۇر گۇرۇپپا يېتەكچىسى، كومپوزىتور ۋە ئىجراچى دىلمۇرات باھاروفنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.