كۆك بۆرە روھىغا سېغىنغان شائىرە-تاشگۈل ھېزىياروۋا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.09.18
Tashgul-Heziyarowa03.jpg شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋا.
RFA/Oyghan

بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە قازاقىستاندا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى تاشگۈل ھېزىياروۋا خانىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

بۈگۈن سېنى ئەسلەپ كەلدىم، باھادىر، 
قەبرەڭدىن دەردكە دەرمان تاپاي دەپ. 
سېنى تۇغقان كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادىن، 
شېئىر بىلەن غەزەللەرگە قاتاي دەپ. 

مانا شائىرەنىڭ شەرقىي تۈركسىتان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ روھىنى سېغىنىپ قەلەمگە ئالغان «غېنى باتۇر» ناملىق شېئىردىن ئېلىنغان بىر مىسرادۇر، 

ئۇنداقتا شائىرە تاشگۈل كىم؟ 

شائىرە تاشگۈل داناخۇن قىزى ھېزىياروۋا 1954-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1956-يىلى ئائىلىسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناھىيەلىك، ۋىلايەتلىك، جۇمھۇرىيەتلىك گېزىت سەھىپىلىرىدە بېسىلىشقا باشلىغان، 1978-يىلى «كۆڭۈلدە قالمىسۇن ئارمان» ناملىق ئومۇمىي توپلامدا بىر تۈركۈم شېئىرلىرىغا كىرگۈزۈلگەن، كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ ھېكايىلىرى، شېئىرلىرى، ئوچېركلىرى بىر قاتار توپلاملاردا، شۇنداقلا «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «يېڭى ھايات»، «ئەمگەكچى قازاق» گېزىتلىرىدە، «ئىنتىزار»، «مەرىپەت» ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنىپ، مۇشۇ كۈنگىچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن. 

2006-يىلى تىجارەتچى دىلمۇرات قۇزىيېفنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن ئۇنىڭ «قەلبىم نىداسى» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى يورۇق كۆرگەن ۋە «ئىلھام» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

شائىرە ئۆزىنىڭ «دولانا»، «ئاخىرقى ياپراق» ناملىق توپلاملىرىدا ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇچرايدىغان ئ‍ىللەتلەرنى پاش قىلىپ، زامانداشلىرىنى بىر-بىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىپ ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ.

تاشگۈل ھېزىياروۋا نۆۋەتتە قازاقستان جۇمھۇرىيەتلىك مۇستەقىل «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، «ئەمگەك چىقازاق ناھىيەسىنىڭ پەخرىي پۇقراسى»، «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارالىق قازاق ئىجادىي تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان خەلقئارا ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا «بالاساغۇن» ئوردېنىنىڭ ساھىبى.

غېنى باتۇر

تاشگۈل ھېزىياروۋا

غۇلجا يولى، غۇلجا يولى سېنىڭدە، 
ئەجدادىمنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىزى بار. 
مەشئەل بولۇپ يانغان غېنى باتۇردەك، 
قىرچىن كەتكەن ئونچە ئوغۇل-قىزى بار.

شۇڭا ھەركىم روھلىرىنى ياد ئەيلەپ، 
دۇئا قىلار تۇپراقلارغا يەتكەندە. 
قەدرىن بىلمەي تېرىكىدە ياخشىنىڭ، 
ئەمدى يىغلاپ يۈرىمىزكەن كەتكەندە.

سەندە مېڭىپ ئالا خۇرجۇن مۈرىدە 
ئەجدادىمنىڭ تاپانلىرى تېشىلگەن. 
پاناھ ئىزدەپ كەلگەن غېنى باتۇرنىڭ، 
تەقدىرىمۇ بىر ئۆزەڭدە يېشىلگەن.

ئۆز باغرىڭغا ئېلىپ تىنچ ياتىسەن، 
ئو، ئانا يەر، يولۋاس يۈرەك غېنىنى. 
ئەۋلادلىرىڭ تىز پۈكۈپ، باش ئېگىدۇ، 
ئەلەم ئوتتا ئۆرتەپ ئوتلۇق دىلىنى.

بۈگۈن سېنى ئەسلەپ كەلدىم، باھادىر، 
قەبرەڭدىن دەردكە دەرمان تاپاي دەپ. 
سېنى تۇغقان كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادىن، 
شېئىرى بىلەن غەزەللەرگە قاتاي دەپ.

كۆتۈر باشنى، قەددىڭ پۈكمە، ئەۋلادىم، 
ئىزلار بېسىپ ياش غېنىلار كېلىدۇ. 
ئەركىنلىكنى بۈيۈك قازاق خەلقىدەك، 
بىزگىمۇ ھەم رەببىم ئاللاھ بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.