يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست گۈلبەھرەم خوشايېۋا
2021.03.26

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر ساھەدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمۇ ئاز ئەمەس. نۆۋەتتە قازاقىستاندىكى «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىللىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دوكتور گۈلبەھرەم خوشايېۋا دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان گۈلبەھرەم خوشايېۋا خانىم تەرجىمەشۇناش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇنلىغان نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭمۇ ئاپتورىدۇر. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ئىجادىيەتلىرىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان تېما-ھۆرلۈك ۋە مۇھەببەت تېمىسىنىڭ چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنداقتا گۈلبەھرەم خوشايېۋا كىم؟
گۈلبەھرەم خوشايېۋا 1957-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، 1978-يىلى ئالمۇتا چەت ئەل تىللىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنگلىز تىلى فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. ئۇ 1979-يىلى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتخانىسىنىڭ ئەدەبىيات ۋە سەنئەت بۆلۈملىرىدە 20 يىل ژۇرنالىست بولۇپ ئىشلىگەن ۋە بۇ جەرياندا ئۇ قازاقىستاندا تونۇلغان ھېزىم بەخنىيازوف، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف، يولداش ئازاماتوف، دولقۇن ياسىنوف ۋە ئابدۇمېجىت دۆلەتوفقا ئوخشاش داڭلىق شائىر، يازغۇچىلار ۋە ژۇرنالىستلار بىلەن تونۇشقان.
گۈلبەھرەم خوشايېۋا 1999-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ۋە سودا، قانۇن ۋە شەرق فاكۇلتېتلىرىدا باكالاۋرلۇق ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگلىز تىلىدىن دەرس بېرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا «ئىنگلىز تىلىدىكى ئەسەرلىرىنى رۇس ۋە قازاق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلار» تېمىسى بويىچە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ مەزكۇر ئەمگىكىنى 2006-يىلى ئاستانا شەھىرىدە ئۈچ تىلدا، يەنى ئىنگلىز، رۇس ۋە قازاق تىللىرىدا ئۇتۇقلۇق ياقلاپ، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا مۇيەسسەر بولغان.
گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ 2004-يىلى «دەردى يوق دەمسەن مېنى»، 2008-يىلى «مەن سېنى قىيالمايمەن» ۋە 2010-يىلى قازاق تىلىدا «كۆندىم-ئائۇ ساغان تاغدىرىم»، 2017-يىلى «يۈرەكتىن چىققان بىر تامچە ياش» ناملىق ھېكايىلەر توپلاملىرى «مىر» نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
يازغۇچىنىڭ كۆپلىگەن ھېكايىلىرى، پوۋېست، ئوچېركلىرى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، ئۆزبېك، تۈرك تىللىرىدا ھەر خىل مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇرغان.
2013-يىلى ئالىمنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا «ئىنگلىز تىلىنى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇللىرى» ناملىق مونوگرافىيەسى يورۇق كۆرۈپ، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا مەخسۇس ئوقۇش دەرسلىكى سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا تاپشۇرۇلغا ن. مەزكۇر ئەمگەك قازاقىستان ئالىملىرى تەرىپىدىن يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكەن.
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى گۈلبەھرەم خوشايېۋا نۆۋەتتە «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىللىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.