يازغۇچى گۈلبەھرەم خوشايېۋا: «ئەسەرلىرىمنىڭ ئاساسىي ماۋزۇسى ھايات ۋە مۇھەببەت»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.03.26
يازغۇچى گۈلبەھرەم خوشايېۋا: «ئەسەرلىرىمنىڭ ئاساسىي ماۋزۇسى ھايات ۋە مۇھەببەت» قازاقىستاندىكى «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىللىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دوكتور گۈلبەھرەم خوشايېۋا خانىم سەپداشلىرى بىلەن.
RFA/Oyghan

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرىنىڭ قازاقىستاندا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ، سەنئىتىنىڭ، مەتبۇئاتىنىڭ، ئىلىم-پەنىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولغانلىقى مەلۇم. بۇ مەزگىلدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەر خىل ساھەلەر بويىچە تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كارۋان بېشى بولغان زىيا سەمەدى، ھېزىم ئىسكەندەروف، ھېزىمەت ئابدۇللىن، جامالدىن بوساقوف ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن شائىرلار، يازغۇچىلار، دراماتورگلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، يېڭى ئەۋلاد يازغۇچىلىرى يېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى. شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولۇپمۇ ھېكايە ۋە پوۋېست ژانېرىنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى گۈلبەھرەم خوشايېۋادۇر.

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ كېيىنكى ھاياتى ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتۈپ، ئۇ قازاقىستاننىڭ ئەدەبىيات، مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە ئاخبارات ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى گۈلبەھرەم خوشايېۋا خانىم سۆھبىتىمىزدە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشقىمۇ كۆپلىگەن يازغۇچىلار قاتارىدا ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ شېئىر يېزىش بىلەن باشلانغانلىقىنى، شېئىرىيەتكە بولغان ھەۋەسىنىڭ 5-6-سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان پەيتلىرىدە پەيدا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى شېئىرلىرىم ‹ئىلى ۋادىسى› گېزىتىگە چىقتى. مىرزەخمەت ئاكا مېرىموف ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلار بىلەن ياردەم قىلدى. ئاندىن شېئىرلىرىم شۇ پەيتتىكى ‹كوممۇنىزىم تۇغى› گېزىتىدە چىقىپ يۈردى. كېيىنىرەك ئالىي ئوقۇش ئورنى ئوقۇغۇچىسى دەۋرىمدە دەسلەپكى ‹مېنى كۈتكۈزگەن بالا› ناملىق ھېكايەم گېزىتتە ئېلان قىلىندى. ئاندىن ‹يىل ھېكايىسى› دەپ، ماڭا مۇكاپات تاپشۇرۇپ، خۇشاللىققا چۆمدۈردى.»

گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپلىگەن ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچىلار بىللە ئىشلەپ، ئۇلاردىن كۆپ ساۋاق ئالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئەدەبىيات مەيدانىغا كېلىشىگە سەۋەب بولغانلارمۇ باركەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ بايا ئاتاپ ئۆتكەن يولداش ئەزەماتوف. ئەمدى ئىجادىيەت مەيدانىغا كېلىشىمگە تەسىر قىلغان ئەدىب بولمىدى. چۈنكى ئىجادىيەت مەيدانىدا ئۆزۈمنىڭ دىلىمدىكى، قەلبىمدىكى ئىشتىياق پەيدا بولدى. ھازىرقى ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىگە تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن مېنىڭ ئىجادىيىتىمگە تەسىر قىلغان ئەدىبلەر بولدى. شۇلارنىڭ بىرى ھېزىم بەخنىيازوف.»

گۈلبەھرەم خوشايېۋا شۇنداقلا مەزكۇر گېزىتتە ئىشلەش جەريانىدا دولقۇن ياسىنوف، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف ئوخشاش شائىرلار بىلەن يېقىن ئارىلاشقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئابدۇمېجىت دۆلەتوف بىلەن ئوتتۇز يىل داۋامىدا سىرداش-مۇڭداش، ئاكا-سىڭىل، قەلەمداش سۈپىتىدە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. يازغۇچى ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي ماۋزۇلىرى ئۈستىدە توختالدى.

گۈلبەھرەم خوشايېۋانىڭ ئۆز ھاياتىدا كۆپ ساھەلەردە ئەمگەك قىلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇ بولۇپمۇ ئائىلە، بالا-چاقا غېمىنى قىلىشنىڭ ھەر بىر ئانا ئۈچۈن مۇقەددەس ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھاياتىمنىڭ ئەڭ قىيىنچىلىقى، ئەڭ قىيىن بىر چوڭ نۇقتىسى. بالىلار ئۆسۈۋاتقان پەيتتە ئىلمىي تەتقىقات ئىشىنى قولۇمغا ئالدىم. ئۇ ئۈچ تىلدا يۈرگۈزۈلدى. شۇ پەيتتە مەن ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىنگىلىز تىلىدىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. ئىلمىي تەتقىقاتىمنى قورغاش ئاستانادا بولدى. ئىلمىي تەتقىقاتنى تاشلاشقا بولمايدۇ، ئۇ ئېنىق. قايسىنى تاشلاپ، قايسىنى قويارىمنى بىلمەيمەنۇ، لېكىن ھېچ قايسىنى تاشلىيالمايمەن.»

ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە ئانا-ۋەتەن، ئانا-تۇپراقنىڭ سېغىنىش ئوتىنىڭ ھېلىمۇ كۆيۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆزۈمنى كەچۈرمەيدىغان بىر يېرىم ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدىكى يېزىقنى ئوقۇيالمايمەن. ئەمدى ئوقۇپ كېتىشىم مۇمكىنمۇ؟ مۇشۇ يېزىقنى ئوقۇيالمىغان سەۋەبىمدىن تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالمىغان بولدۇم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ، ئوقۇدۇم. خەلقىمىزنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىر جاپالار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ بېشىدىن ئۆتۈپ، ئەمدى ئۇنىڭ قەلىمىدىن چىقىپ، يارالغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ-ئوقۇپ، تويماي قالغان پەيتلىرىم نۇرغۇن.»

گۈلبەھرەم خوشايېۋا بەشتىن ئوشۇق ھېكايىلەر توپلاملىرىنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇلار رۇس، قازاق، ئۆزبېك، تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھېكايە ژانرىنىڭ ماۋزۇ جەھەتتىن بېيىپ، راۋاجلىنىشىغا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.