ۋەزىيەت- مۇلاھىزە

خىتاي نېمە سەۋەبتىن ئارال شەھىرىدە يېڭىدىن «كەسپىي تەربىيەلەش بازىسى» قۇردى؟

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «بىڭتۈەن گېزىتى» نىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئەمەلىي مەشىق بازىسى» (南疆职业技能培训实训基地) نىڭ بىڭتۈەنگە قاراشلىق ئارال شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.