مالتا سۆھبىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشمۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.09.18
Jake-Sullivan-wang-yi.jpg ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان (Jake Sullivan، سول رەتنىڭ سولدىن ئىككىنچى) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى(ئوڭ رەت ئوڭدىن ئىككىچى) بىلەن سۆھبەتتە. 2023-يىلى 16-سېنتەبىر، مالتا.
AP

16- ۋە 17-سېنتەبىر كۈنلىرى مالتادا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان (Jake Sullivan) بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئوتتۇرىسىدا 10 سائەت داۋام قىلغان يېپىق شەكىللىك ئۇزۇن سۆھبەت شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىنىڭ «باش خەۋەر» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئەمدى يېقىن كەلگۈسىدە ئەسلىگە كەلمەيدۇ» دەپ قارىلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ زادى نېمىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكى كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەزمۇنلاردىن بولۇپ قالغانىدى. 18-سېنتەبىر كۈنى ئاقساراينىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، مالتادىكى ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتنىڭ «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت يولىنىڭ ئوچۇق بولۇشى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر ياقلىق قىلىنىشى» ئۈچۈن ئېلىنغان تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «ئىككى تەرەپ كەڭ-كۇشادە ھالدا مۇھىم مەسىلىلەردە ئىجابىي يوسۇندا مۇزاكىرىلەشتى» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ماھىيەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2022-يىلى بالى ئارىلىدىكى ئۇچرىشىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققان يەنە بىر ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلار بويىچە تەپسىلىي سۆزلەشكەن. بولۇپمۇ «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ» دېگەن قۇرلار بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە تەيۋەن ئارىلىنى چۆرىدىگەن مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ يادرولۇق تېمىلاردىن بولغانلىقىنى ئىشارە قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ جېيك سۇللىۋان خىتاي تەرەپنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە ياردەملەشمەسلىككە چاقىرغان. دەرۋەقە، «ئەل جەزىرە» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، سۆھبەتتە ۋاڭ يى ئالاھىدە قىلىپ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن «قىزىل سىزىق» ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ سىزىقتىن ھالقىشىغا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان بۇ مەسىلىدە ئېنىق قىلىپ «تەيۋەن ناۋادا ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئامېرىكا بۇ جايغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ بولغان.

«سىياسىيون» (Politico) گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ، جۈملىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن، مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېللېن (Janet Yellen)، سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو (Gina Raimondo)، ئالاھىدە ئەلچى جون كېررىي (John Kerry) قاتارلىقلارنىڭ بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرىنىڭ خىتايغا قاترىشى كىشىلەردە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىتايغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېگەن قاراشنى پەيدا قىلىشقا باشلىغان. ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تېخىمۇ بەكرەك مۇھتاجلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى چېكىنىشى، ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆرۈلۈۋاتقان مۇقىمسىزلىق ۋە پالاقلاپ قالغان ئىقتىسادىي ئاساس ئۇلارنىمۇ ئوبدانلا «ھورىدىن چۈشۈش» كە مەجبۇر قىلغان.

مالتا سۆھبىتى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ خەۋەر بەرگەن «بلۇمبېرگ» تورىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى ستېفېن ئېڭگېل (Stephen Engle) بولسا بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە بىرەر يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىكى جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشىغا ھۈل سېلىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مالتادىكى ئۇچرىشىشىدا ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەسىلىلىرى، دېڭىز مەسىلىلىرى ۋە تاشقى سىياسەت ساھەسىدە تېخىمۇ يۇغۇرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كېلىشكەنلىكى ئالاھىدە يەر ئالغان. بولۇپمۇ 2023-يىلى نويابىردا سان فىرانسىسكو شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» (APEC) دە شى جىنپىڭ بىلەن جوۋ بايدېننىڭ ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا بۇنداق بىر تەپسىلىي سۆھبەتنىڭ بولغانلىقىنى ئالقىشلىغان.

ئەمما CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مالتا سۆھبىتىنىڭ ئەتىسى بۇ ئىشلاردىن ياخشى خەۋىرى بولغان ئاق ساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى «پرېزىدېنت بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئاق سارايدا ئۇچرىشىش پىلانى يوق. ئەمما ئۇلار سان فرانسىسكو شەھىرىدە كۆرۈشۈشى مۇمكىن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ساھەسى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېيك سۇللىۋان بۇ قېتىم خىتاي يۇغۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كۆرۈنمىگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۈرۈشتە قىلمىغان. ۋاڭ يىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ يەنە بىر يۈزى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئىچىدە «ئاكسيوس» تورىنىڭ بايانلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتقان يىرىكلىكنى «پەسكويغا چۈشۈرۈپ تۇرۇش» تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشىغا ھۈل سېلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنىڭدەك بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىچكى مەسىلىلەردىن پۇت-قۇلى چۈشىلىپ قېلىۋاتقان خىتاي ئۈچۈنمۇ «تولىمۇ خوشياقىدىغان بىر دەم ئېلىش نۇقتىسى» بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.