مۇتەخەسسىسلەر: ئاپتونومىيىگە باغلانغان ئۈمىد ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟ (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015.11.10
partiyige-sadiq-bolush-wetenni-soyush-teshwiqat.jpg 1943-يىلى كورلادا «پارتىيىگە سادىق بولۇش، ۋەتەننى سۆيۈش» نامىدىكى پىرقە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار. («تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.)
Photo: RFA

ئاپتونومىيە قۇرۇلۇش ھارپىسىدا

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە بۇ جەرياندا ۋۇجۇتقا كەلگەن زور ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تۈرلۈك شەكىل ۋە مەزمۇندىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىۋاتقاندا خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى بىر قىسىم تور بېكەتلىرىدە تارقىلىۋاتقان «1943-يىلىدىكى شىنجاڭ» ماۋزۇسىدىكى رەسىملىك توپلامنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن ئۇنىڭ ئارىدىن 70 نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى قىياپىتىنى سېلىشتۇرۇشىدىكى جانلىق ماتېرىيال سۈپىتىدە قارالماقتا.

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 1943-يىللىق 13-دېكابىر سانىغا بېسىلغان بۇ رەسىملىك توپلام ئامېرىكىلىق مەشھۇر فوتوگراف ۋىللىيام ۋاندىۋېرتنىڭ ئەمگىكى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ژۇرنالدا «بۇلار مەشھۇر ئېكسپېدىتسىيىچى ئوۋېن لاتتىمورنىڭ 1927-يىلىدىكى ساياھىتىدىن كېيىن مۇشۇ سىرلىق ماكان ھەققىدە بارلىققا كەلگەن تۇنجى ۋە ئەڭ توغرا مەلۇماتلاردۇر» دەپ ئىزاھ بېرىلگەن.

مەزكۇر توپلامغا ۋىللىيام ۋاندىۋېرتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنياغا «سىنكياڭ» نامىدا مەلۇملۇق بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھىتى جەريانىدا تارتقان ۋەكىل خاراكتېرلىك سۈرەتلىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇلار قاتارىدا ژۇرنال مۇقاۋىسىغا بىر تۇڭگان ياشنىڭ رەسىمى بېرىلگەن ۋە «سىنكياڭنىڭ پۇقراسى» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان. ژۇرنالدىكى رەسىملىك توپلام ھەققىدە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش ماقالىسىگە بولسا، بۇ ھەقتە مۇنداق بىر قىسقا ئىزاھ بېرىلگەن : «ئۆتمۈش زامانلىرىدىن يېقىنقى مەزگىللەرگىچە، يەنى1860-يىللاردىن تاكى 1930-يىللارغىچە، خىتايلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسيانلىرى بىلەن، بولۇپمۇ تۇڭگانلار باش بولۇپ كۆتۈرۈلگەن ئىسيانلار بىلەن تۇتۇشۇپ كەلمەكتە، شۇنداقلا بۇ ئىسيانلار پات-پاتلا سىنكياڭ زېمىنىنى قانغا بوياپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، بۇ ئىسيانلارنىڭ كۆپ قىسمى تاشقى دۇنياغا بىلىنمىگەن ھالدا ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ئىسيانلار يەنىلا كىشىلەرنى زور دەرىجىدە ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.»

ئاپتور ئارقىدىن داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئاساسلىق مىللەتلەردىن قىرغىز، تاتار، قازاق، ئۆزبېك، ئاق ئورۇسلارنى تىلغا ئالىدۇ. بۇلار قاتارىدا ئۇ خىتايلارنى «بۇ رايوندىكى سودىگەرلەر، شۇنداقلا ھۆكۈمران تەبىقە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مانجۇرىيەدىن قېچىپ كېلىپ بۇ جايدا پاناھلانغۇچىلار» دەيدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى «ئۇلار بۇ جايدىكى ئاساسلىق يەر ئىگىلىرى بولۇپ، بۇ ماكاندا 800-يىللاردىن باشلاپلا ياشاپ كەلمەكتە» دەپ يازىدۇ. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ ئومۇمى ئاھالىسى ئۈچ مىليون يەتتە يۈزمىڭ بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 182 مىڭ بولغان.

بۇ مەزگىللەر مىلىتارىست شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدە ئالىي ھوقۇق ئىگىلەپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزىنىڭ «سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ مەخپى ئەزاسى» دېگەن سالاھىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن زۇلۇم يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەۋقۇلئاددە تارىخىي مەزگىل ئىكەن.

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ھۆرمەتلىك جامائەت ئەربابلىرىدىن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، بۇنىڭ تولىمۇ مۇدھىش بىر زامان بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنە شۇ زۇلۇم نەتىجىسىدە 1944-يىلى ئىلى ئىنقىلابى پارتلاپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي غۇلجىدا ئېلىخان تۆرە رەئىسلىكىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلىدۇ. 1946-يىلىغا كەلگەندە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ سۈلھى قىلىشى ۋە ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئۈرۈمچىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ھەمكارلىقى ئارقىسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت ۋۇجۇتقا كېلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ.

ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس لىندا بېنسوننىڭ بايانلىرىچە بولغاندا «ھەقىقى مەنىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مۇستەقىللىقى ھەمدە ئۆزىگە خاس ھەربىي، ئەدلىيە فۇنكسىيىسىگە ئىگە» بولغان مەزكۇر ھۆكۇمەت 1949-يىلى گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن يىللارچە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان مەنپەئەت زىددىيەتلىرى ھەر ئىككىلا تەرەپ رازى بولىدىغان شەكىلدە ھەل قىلىنمىغاندا يەنە بىر قېتىملىق قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولىدىغانلىقى روشەنلەشكەن. بۇنىڭ بىلەن 1955-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى بۇ مەسىلىنى «يەرلىك مىللەتلەرگە ئاپتونومىيە بېرىش» ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان. نەتىجىدە 1955-يىلى 1-ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بارلىققا كەلگەن.

بۇ ھەقتە ئالاقىدار تارىخىي شارائىتنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدىكى سوئاللار ئۈچۈن ئاۋسترالىيە گرىفىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «شىنجاڭ مەسىلىسى» بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس مايكىل كلارك (Michael Clarke) قا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭنى بىر ئۆلكە قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغان مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدىن، يەنى1911-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ 1949 -يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە نەچچە ئون يىللاپ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى بىرنەچچە خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولغانلىقى، بۇ خىلدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن ئاپتونومىيە باسقۇچىدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىرىنىڭ روشەن دەرىجىدە ئېشىپ بارغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئالدى بىلەن دىققەتكە سازاۋەر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل سىياسىي مۇھىتتا ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزلىرى ئىجات قىلىپ چىققان ئۆزگىچە بىر خىل شەكىلدىكى ئاپتونومىيىنى يەرلىك خەلقلەرگە بېرىش ئارقىلىق يەرلىك خەلققە يېقىنلاشماقچى بولغان. نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ خىل ئاپتونومىيە تۈزۈمى بويىچە خىتاي بولمىغان ئاشۇ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا شۇ مىللەت نامىدا ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى.»

1954-يىلى تەشكىللەنگەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نامىدىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادىي زور گەۋدە ۋۇجۇتقا كېلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقى مەلۇم.

پروفېسسور مايكىل كلارك مۇنداق دەيدۇ: «دەرۋەقە، خىتاي تارىخىدا بىڭتۇەننىڭ دەسلەپكى شەكلى بولغان ھەربىيلەرنىڭ بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىش پائالىيەتلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىلدىكى ھەربىي ۋە تېرىقچىلىق بىر گەۋدىلەشكەن سىياسى قۇرۇلما شەكلى چېگرا رايونلاردا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە كۆپلەپ يولغا قويۇلغان. 1949-يىلىدىن باشلانغان تارىخىي باسقۇچتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلەشتە بىڭتۇەننىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا خىتايلارنىڭ بۇ رايوندىكى ھەر تەرەپلىمە تەسىرى ئىنتايىن چەكلىك دەرىجىدە ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا شىنجاڭغا كىرگەن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ بىڭتۇەن تەشكىللەندى ھەمدە مۇشۇ سىياسىي گەۋدە ئارقىلىق خىتايلارنىڭ مەزكۇر رايوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇق ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.