ئانالىزچىلار: «ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ‹غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش› نىڭ تۈپ مەقسەتلىرىدىن بىرى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.08.27
gherbiy-rayonni-echish ئۇلار يەنە «غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش» بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
Photo: RFA

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى 23-ئاۋغۇست يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى بەلگىلەنگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر غەربى رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مىللىي ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇلار يەنە «غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش» بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئاچقان. مەزكۇر يىغىندا «غەربىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشتىكى بىر قانچە سىياسەت ۋە تەدبىر» گە قاراپ چىقىلىپ ۋە تەستىقلانغان.

مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «غەربىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش تەدبىرى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قارار. ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، خىتايچە ئۇسلۇبىدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

ئۇنداقتا خىتاينىڭ مەزكۇر يېڭى قارارىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ھەققىدە ئېچىلغان يىغىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇنى ماھىيەتتە يېڭىلىق دېيىشكە بولىدۇ. غەربنى تەرەققىي قىلدۇرۇش 1999 ۋە 2000-يىللاردا رەسمىي يولغا قۇيۇلغان. بۇ تۈر كۆپ قېتىم تەكرارلىنىپ يېڭىلانغان. شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلىپ يولغا قويغان ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى بولسا خىتاينىڭ غەربنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا ئېلىپ بارغان سىياسەتلەرنىڭ ئەڭ داڭلىقلىرىنىڭ بىرى. شى جىنپىڭ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچىسى. ئۇ رەھبەرلىك رولىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىزچىل بۇ قۇرۇلۇشنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ كەلدى. ھەمدە داۋاملىق قوللاۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ يەردىكى غەربنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسەت بولسا خىتاينىڭ چوڭ مىللىي سىياسىتى. يەنى خىتاينىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ پەقەت نۇتۇقلار ئەمەس. بۇ ئىقتىسادىي سىياسەت بولۇپلا قالماي، بۇنى مەدەنىيەت تەرەپلىرىمۇ بار».

خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جاڭ زېمىن «غەربنى كەڭ-كۆلەمدە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسىنى 1999-يىل 9-ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان. جاڭ زېمىندىن كېيىن خۇ جىنتاۋمۇ غەربنى ئېچىشنىڭ ئىقتىسادنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرغان. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ «غەربنى كەڭ-كۆلەمدە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى تېخىمۇ قوللاپ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى مەلۇم.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ «غەربنى كەڭ-كۆلەمدە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى ۋە بۇ قېتىملىق غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ھەققىدە ئېچىلغان يىغىن ھەققىدە كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى:

«‹غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش› ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ بەزى نەتىجىسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئويلىغاندەك ۋە كۈتكەندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ‹غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش› سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا يەرلىك ھۆكۈمەت بېسىمنى كۈچەيتىپ خىتاي ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ‹شىددەتلىك› بىلەن كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولدى».

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك، «غەربىي رايونلارنىڭ» تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە يوليورۇق بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«كۈچلۈك جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ، چېگرا رايونلىرىدىكى مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك. چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چېگرا رايونلىرى بىخەتەرلىك ۋە مۇستەھكەم مۇداپىئە بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىش، چېگرا رايونلىرىنى ساياھەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) شى جىنپىڭنىڭ «غەربىي رايون» نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«شى جىنپىڭ شىنجاڭ يەنى شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربى رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ بۇ ئىككى رايوننى پۈتۈنلەي خىتايغا سىڭدۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، خىتاي ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركى مۇسۇلمان خەلقلەرگە، شۇنداقلا تىبەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ‹بىر بەلباغ بىر يول› قاتارلىق تۈر ۋە قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشقا تېرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى ئاساسىي سىياسەت ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.