شى جىنپىڭنىڭ «بالىلاردىن باشلاش مەنتىقىسى» دىن ئۇيغۇر قىسمەتلىرىنىڭ خەلقئارالىشىشىغىچە

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2023.11.20
qumul-maarip-yardem خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى قارشى ئېلىش كۆرۈنۈشى، قۇمۇل، 2023-يىلى 18-فېۋرال
henan.gov.cn

بۇ يىل 11-نويابىردىن 17-نويابىرغىچە ئامېرىكىنىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدە «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا خىتاي دۆلەت رەھبىرى شى جىنپىڭمۇ قاتناشقانىدى. شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشى تەبىئىي ھالدا خەلقئارادا خىتاي ۋە ئامېرىكا ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە كۈچلۈك مۇنازىرىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر يىغىندا شى جىنپىڭ بىلەن بايدېننىڭ ئۇچرىشىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېيىشتى. ئەمما يەنە بىر بىر قىسىم كۆزەتچىلەر بولسا بايدىن بىلەن شى نىڭ ئۇچرىشىشى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئىدېئولوگىيەلىك مەسىلىلەر ۋە بۇ سەۋەبلىك قۇتۇپلاشقان دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

 دەرۋەقە، بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىپ، ئارقىدىنلا بايدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا شى جىنپىڭنى يەنىلا بىر دىكتاتور دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسىز بولغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغانىدى. خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە مەزكۇر مەسىلە كۈچلۈك مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، شى جىنپىڭ ھەققىدە يەنە بىر قىزىق تېما ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ بولسىمۇ، شى جىنپىڭ ئۆز بىلەن ئوخشاشلا يىغىنغا كەلگەن تايلاند باش ۋەزىرى بىلەن خىتاي دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ھەققىدىكى غەيرىي رەسمىي پارىڭى ئىدى. چۈنكى بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە خىتاي دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن تايلاند كوماندىسىنى يېڭىۋالغانىدى. تايلاند رەھبىرى مەزكۇر خەۋەرنى APEC يىغىنىدا شى جىنپىڭ بىلەن ئورتاقلاشقانىدى. لېكىن شى جىنپىڭ ئويلىمىغان يەردىن، خىتاي دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ «تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قالغان» لىقى ئۈچۈنلا تايلاند كوماندىسىنى يېڭىۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتاي پۇتبول كوماندىسىغا ئانچە ئىشەنچ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ سۆز ئاخىرىدا يەنە «شۇڭا بىز ئىشلارنى بالىلاردىن باشلاۋاتىمىز» دەپ قوشۇپمۇ قويدى. مانا بۈگۈن شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە يەنە بىر قىزىق تېمىغا ئايلاندى. بىز بۈگۈن شى جىنپىڭنىڭ خىتاي پۇتبول كوماندىسىنى نېمىشقا بۇنچە ياراتمايدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلغان «ئىشلارنى بالىلاردىن باشلاۋاتىمىز» مەنتىقىسى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە توختىلىمىز.

شى جىنپىڭنىڭ «ئىشلارنى بالىلاردىن باشلاۋاتىمىز(娃娃抓起)» دېگەن سۆزى ئەمەلىيەتتە، «ئىشلارنى باشتىن تۈزەيمىز (源头治理) » ۋە «ئۈچ خىل كۈچلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىمىز (彻底消灭三股势力) » دېگەن سۆزلەر بىلەن ئوخشاش سىياسىي مەنىگە ئىگە بولغان سۆزلۈكلەردۇر. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا يۇقىرىقى ئۈچ سۆزلۈكنى، بىرلا مەقسەت ئۈچۈن، يەنى ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن. ئەگەر ئېسىمىزدە بولسا ئاتالمىش «غەربنى ئېچىش» سىياسىتى باشلانغان 1999-يىلى، يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدە «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي دۆلەت كىملىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ باشلانغانىدى. 2004-يىلىغا كەلگەندە ئاتالمىش «توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ھەقسىز قىلىش ۋە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش پىلانى (两基攻坚计划) » بىلەن تەڭ «خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى بالىلاردىن باشلاش» شوئارى ئوتتۇرىغا چىقتى. گەرچە، «ھەقسىز مائارىپ ۋە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش» كەلىمىلىرى ئاڭلىماققا يېقىملىقتەك تۇرسىمۇ، ئەمما بۇنداق «ياخشى ئىش» نىڭ بەدىلى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش ھەققىدىن مەھرۇم قېلىشىنى شەرت قىلاتتى. دەرۋەقە، ئىشلار خىتاينىڭ پىلانى بويىچە باشلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى باش نىشان قىلىپ داۋاملاشتى. ئەمما خىتاي نوپۇسى ئاز بولغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس بولۇپ، خىتاي تىلىغا پىششىق بولغان بەلگىلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ بولۇشىغا ئېھتىياجلىق ئىدى. دەرۋەقە «خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش» شوئارى ئاستىدا خىتاي «قوش ئۈنۈم» گە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىرى، «قوش تىل» نامىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلىش؛ يەنە بىرى، ئۇيغۇر «قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل بولۇش» نى باھانە قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا «ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى» نامىدا كۆچمەن يۆتكەش بولدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان «ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى يۆتكەش پىلانى» بويىچە 2006-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئۇيغۇر ئېلىغا پەقەت «ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى» نامىدىلا 150 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كۆچمەن يۆتكەپ كېلىنگەن. ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» نامىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇش نىسبىتى 70 پىرسەنتكە، يەسلى مائارىپىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى بولسا 90 پىرسەنتكە يەتكەن.

قاغىلىق ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پاسونىدىكى كىيىملەر كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي ئەدەبىياتى ئۆگىتىلمەكتە. 2018-يىلى ئۆكتەبىر.
قاغىلىق ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پاسونىدىكى كىيىملەر كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي ئەدەبىياتى ئۆگىتىلمەكتە. 2018-يىلى ئۆكتەبىر.
xjyc.gov.cn

قارايدىغان بولساق، خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى «بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش» ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش ئۇسلۇبى يالغۇز ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەن مەسىلە ئەمەسلىكى ئېنىق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى» دىكى بەش چوڭ مەركىزىي رايون (1. ئىقتىساد، 2. قاتناش، 3. سودا-ئالاقە، 4. مائارىپ-مەدەنىيەت، 5. تېببىي داۋالاش) قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولدى. يەنى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنى ئوتتۇرا ئاسىيانى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ مەركىزىي رايونىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى باشلىغان. تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئورتاقلىقى تېزدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۈشقا باشلىغان. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى «خىتايلاشتۇرۇش» پىلانى يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، ئەكسىچە پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىسمەتلەر دەسلەپكى قەدەمدە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئورتاق بولغان «خەلقئارا قىسمەت» بولۇشقا يۈزلەنگەن. يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئاتالمىش كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى، خىتاي ساقچى پونكىتى، مىڭ كىشىلىك پىلان قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللاردا خىتاي تىلى ۋە ئاتالمىش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش نامىدا ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەرگە سىڭىپ كىرىپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تۈرلۈك تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.

شۇنى ئېنىقكى، شى جىنپىڭ ئېيتقان «ئىشلارنى بالىلاردىن باشلاش» سۆزى ئاددىي مەنىدىكى سۆز بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلى ۋە مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش مېتودىدۇر. بۇ خىل مېتود ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ دۇنيانى خىتايلاشتۇرۇش، ئاتالمىش خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قارىشىنى، ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش سۇيىقەستىنىڭ نەق ئۆزىدۇر.

 ***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.