«بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇقىملىقى ۋە ئېكولوگىيەسىگە زىيان سالماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.14
bir-belwagh-bir-yol-amerika-yighin.jpg ستىمسون مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى يىپەك يولى ئىمپېرىيىسى» مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىلى، 26-ماي، ۋاشىنگتون شەھىرى.
RFA/Eziz

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش تۈرى بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئۈستىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ داۋام قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئايىغى تەگكەن جايلاردا ئىقتىساد، سىياسەت ۋە مۇھىتقا سېلىۋاتقان ئېغىر بۇزغۇنچىلىقى بىلەن كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن سۆز ئېچىش قېيىنغا توختىماقتىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىدىكى سىياسەت تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان تاشقى سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىدە يېقىندا «نېمىشقا خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى رېلىستىن چىقىپ كەتتى؟» ماۋزۇلۇق بىر مۇھاكىمە ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالە مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى سىكات مور تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنى ئالدى بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىدىن بولغان ئۇيغۇر ئېلىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن باشلىغان. 

ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان بىر زېمىن بولغانلىقى، تارىختا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئەڭ قايناق ۋە مۇھىم تۈگۈنى بولغان بۇ زېمىننىڭ 1960-يىلىغا كەلگەندە خىتاينىڭ ئاتوم سىنىقى قىلىدىغان بازىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر مانا بۇ قەدىمىي يىپەك يولى قايتا جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن 2013-يىلى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى دەپ نام بېرىلگەن زور بىر قۇرۇلۇش پىلانىنى يولغا قويغانلىقىنى بايان قىلغان. 

ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تىرىليون دوللارلىق قۇرۇلۇشى ھازىر «رېلىستىن چىقىپ كېتىۋاتقان» بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان سىگناللار غەرب ۋە شەرقتىكى دۆلەتلەردە ئوخشاشلا دىققەت قوزغىماقتىكەن. 

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، قۇرۇلۇشتا دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كۆلىمى ۋە مەقسىتى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى بازارغا سالغاندا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ئۇنى سىياسەتتىن ئۇزاق بولغان ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن «ئورتاق مەنپەئەت» ئېلىشنى چىقىش قىلغان ئۆز-ئارا ھەمكارلىق، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ھەتتا ئېكولوگىيەگە كۆرسىتىۋاتقان خەتىرى ئېشىپ بارماقتىكەن. 

ئۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ رىقابەت بولسا خىتاينىڭ مالىيە سېكتورى ئىكەن. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىۋاتقان خىتاي نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋە ئىچكى قەرزلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولغاچقا خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلىرى ئۈستىدىكى بېسىم كۈچىيىپ كەتكەن. خىتاي بانكىلىرى ئافغانىستان ۋە سۈرىيە قاتارلىق ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇقىمسىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە زور مىقداردا قەرز بەرگەن. خىتاي يەنە پاكىستان ۋە لائوس قاتارلىق ئاللىقاچان قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان دۆلەتلەرگە يەنە قالايمىقان قەرز بېرىپ بۇ دۆلەتلەر ئۈستىدىكى يۈكنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي خەۋپ تەشكىل قىلماقتىكەن. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي بىلەن ئىش قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى «قەرز دىپلوماتىيەسى» دىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىشنى كۈچەيتكەن. 

ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋېسكىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان تەنقىدىي پىكىرلەرنىڭ ئاساسەن مانا مۇشۇ قەرز خەۋپىنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە «نۇرغۇن سىياسىيونلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر ھەممىسى قۇرۇلۇش قارمىقىدىكى دۆلەتلەرنى قەرزنىڭ خەتىرى ئۈستىدە ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتايغا قەرزىنى قايتۇرالمىغاچقا ئەڭ مۇھىم پورتىدىن بىرنى خىتايغا ئىشلىتىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن سىرىلانكا بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى ئىكەن. شۇڭا ھازىر ئامېرىكىمۇ مانا بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ دۆلەتلەرنى سودىدا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىشنى كۈچەيتمەكتىكەن.»

يۇقىرىقى ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىدىكى قەرز قىلتىقىدىن سىرت يەنە ھازىر خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە بولغان نارازىلىقمۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم توسالغۇلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرىنى يوقىتىش نامىدا ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرى، بولۇپمۇ رايوندىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ۋە «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتىكەن. مالايشىيا ۋە ھەتتا خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن شېرىكى پاكىستاندىمۇ خىتاينىڭ مەبلىغى پەيدا قىلغان سەلبىي تەسىرلەرگە قارىتا خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 8-ئايدا ئۈچ نەپەر خىتاي ئىنژېنېرنىڭ بالۇچىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىشىمۇ بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى ئىكەن. 

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ يەنە دۆلەتلەر ئېكولوگىيەسىمۇ زىيان بېرىۋاتقان بولۇپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە «مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ كۆپى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان كۆمۈر ئېنېرگىيە بازىسى، نېفىت تۇرۇبىسى ۋە زور كۆلەملىك سۇ ئامبارلىرى دەيدىغان مۇھىتنى بۇلغايدىغان تۈرلەرنى ئاساس قىلغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 2017-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر ئېكولوگىيە دوكلاتىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا جۇغراپىيەسىدە ئېكولوگىيىلىك خەۋپلەرگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. 

ھېنرىي شاجېۋىسكىمۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇتلەق نازارەت سىستېمىسى ۋە «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى پەقەتلا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان تۈزۈمى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي نىشانلىرىدىنمۇ سىگنال بېرىدىغان بولغاچقا باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش ئەندىشە پەيدا قىلىدىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىدىن بەك سىياسىي تەسىرىگە بەكرەك دىققەت قىلماقتىكەن.»

بىراق ھېنرىي سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويغان بىر پىلانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇنى ئاخىرىغىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

يۇقىرىقى ماقالىنىڭ ئاپتورى سىكات مور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىپ، ئەلۋەتتە يۇقىرىقى ئامىللار بىلەن بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولىدۇ دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى سەلبىي ئامىللارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن زور قەدەم تاشلىمىغۇچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئانچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي ئەگەر رېلىستىن چىقىپ كەتمەي ئىلگىرىلەيمەن دەيدىكەن چوقۇم باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن-تەرتىپلەر بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەكلىكىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ چوقۇم خىتاينى بۇ جەھەتتە نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.