دوكتۇر ئاتالغان داموللا

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2021-09-24
Share
دوكتۇر ئاتالغان داموللا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن دوكتور ھەبىبۇللا توختى ئەپەندى. 2015-يىلى، قاھىرە، مىسىر.
RFA/Abduweli Ayup

دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنى بۈگۈننىڭ داموللىسى دېيىش مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردىن ئەزھەردە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۈچ شەخسنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 2017-يىلى ماي ئايلىرىدا ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىندى. ئۇنىڭ كېسىلگەن مۇددىتى ھەققىدە 10 يىل دېگەنلەرمۇ يىگىرمە يىل دېگەنلەرمۇ بار. دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە كىملىكى ھەققىدە توختالغاندا ئۇنىڭ شائىرلىقى، تەتقىقاتچىلىقى ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچى ئىكەنلىكى كۆزلەرگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھوسۇللۇق ھاياتى يۇقىرىقى ساھەلەردە دىققەت تارتىدۇ.

1. شائىر تالىپ

ھەبىبۇللا توختى ئۆزىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تۇنجى قېتىم شائىر سۈپىتىدە تونۇتقانىدى. ئۇ چاغلار ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستۇتىدا ئوقۇۋاتقان تالىپ مەزگىلى ئىدى. ئۇنىڭ 2000-يىلى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تەكلىماكان، خوراز، ئۈرۈمچى» دېگەن باللاداسى ئەدەبىيات شەيدالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانىدى.

مەزكۇر باللادا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەشھۇر ئەدىب، مەرھۇم نۇرمۇھەممەت توختى ئەسەرگە تەقرىز يېزىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. ئاپتور ئەسەردە تەكلىماكان دەشتىنى كەربالا دەشتىگە ئوخشىتىپ ساتۇق بۇغراخان قەبرىسىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەزرىتى ھۈسەيىن قەبرىسىدەك كىشىلەرنىڭ روھىدا ئەبەدىيلەشمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنگەنىدى.

شائىرھەبىبۇللا توختى تەكىماكاننى سىنا چۆلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ سۈرەتلەيدۇ. ئۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ پىرئەۋىن ئوردىسىدا چوڭ بولغان بولسىمۇ ئۆز قوۋمىنىڭ ھىماتچىسى بولغانلىقىغا قايىللىق بىلدۈرىدۇ. ئۆز خەلقىنى مىسىردىكى زالىم ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىغا تەكلىماكاننىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق ئىما قىلغانىدى.

پاك ساددىلىق بۇلغىغان جاي بۇ،

مەلئۇن پىرئەۋىن چۈنكى بۇ جايدا،

باقماپتىكەن مۇسا كەبى شوخ،

جەسۇر، زېرەك، بىرەر مەرد بالا.

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دە ئۆزىنى تونۇتقان شائىر ھەبىبۇللا توختى باشقا ئەدەبىي ژۇرناللاردا نادىر شىئېرلارنى ئېلان قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىغا دائىم «تالىپ» دېگەن چېلىقارلىق سۆز قوشۇپ قويۇلاتتى.

2. تەتقىقاتچى ھەبىبۇللا

ھەبىبۇللا توختى 2002-يىلى ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق ئىلىم دەرگاھى ئەزھەر ئۇنىۋېرىستېتىغا ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن نەزىرىنى پەلسەپە، سېلىشتۇرما مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە تارىخى ساھەلىرىگە قاراتتى. شۇندىن باشلاپ ئۇ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئىسلام ئۆلىماسى سۈپىتىدە كۆرۈنگەندىن باشقا يەنە بىر تەتقىقاتچى سۈپىتىدە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مەدەنىيەتنىڭ گېن خەرىتىسى» دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ تەپەككۇر مۇساپىسىنى مېغىزلىق خۇلاسىلەپ چىقتى. شۇندىن كېيىن ھەبىبۇللا توختى ئوبرازلىق تەپەككۇر ئاساس قىلىنىدىغان شېئىر ئىجادىيىتىدىن لوگىكىلىق تەپەككۇرغا تايىنىدىغان تەتقىقات ساھەسىگە قەدەم قويدى.

تەتقىقاتقا قەدەم قويغاندىن كېيىن ھەبىبۇللا توختى ئاساسلىق ئىسلام تارىخى، قانۇنشۇناشلىقى يەنى فىقىھ ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئىسلام تەتقىقاتىغا دائىر ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئازلىقىنى بايقاپ تەرجىمە خىزمىتىگە كىرىشتى. ئۇ مۇسۇلمانلار ياراتقان مەدەنىيەت ۋە مەرىپەتتىن خەۋەر بەرگۈچى داڭلىق ئەسەر «ئىسلام مەدەنىيىتى» نىڭ تەرجىمىسىگە ئىشتىراك ئەتتى ۋە بىر قانچە تومىنى مۇستەقىل تېجىمە قىلىپ چىقتى. ئۇ يەنە ئىسلام دۇنياسىدىكى داڭلىق ھەدىسشۇناس مۇسلىمنىڭ ھەدىسلەر توپلىمى تەرجىمە قىلدى.

ھەبىبۇللا توختى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئون نەچچە يىل ئىزدىنىپ 2015-يىلى سېنتەبىردە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ «ئەقىدە-ئىلاھىيەت مەسىلىلىرىدىن مەنبەلەنگەن ئىختىلاپىي مەسىلىلەر توغرىسىدا تەتقىقات ۋە تەدبىقات» دېگەن دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى باھالاش كومىتېتىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا نائىل بولدى.

3. تەپەككۇر تەۋەككۈلچىسى

ھەبىبۇللا توختىنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قىلغىنى ئۇنىڭ يېپيېڭى بىر ئۇسلۇب بىلەن «قۇرئان كەرىم» نى ئۇيغۇرچىغا تەپسىرىلىك تەرجىمە قىلماقچى بولغانلىقى ئىدى. ئۇنىڭ «قۇرئاننى ئەرەب تارىخىغا ۋە مەدەنىيىتىگە تاشلاپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئاللانىڭ سۆزى ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا قۇرئاننىڭ تەپسىرىدە كەلتۈرۈلگەن مىساللار چوقۇم قۇرئان چۈشكەن دەۋرلەردىن ۋە ئەرەب تارىخىدىن ئېلىنىشى شەرت ئەمەس، مەن قۇرئاننى ئۇيغۇر تارىخىدىن ۋە مەدەنىيىتىدىن مىسال ئېلىپ تەپسىر قىلىمەن» دېگەن ئىدى. كىشىلەرگە مەزكۇر جۈملە ئالامەت چۆچۈتەرلىك تۇيۇلغان بولسا كېرەك، مۇشۇ كۈنگىچە ھەبىبۇللا ھەققىدە سۆز بولسا بۇ گەپ چىقىپ قالىدۇ.

دوكتۇر ھەبىبۇللا توختىنىڭ ئەدەبىيات، ئىلاھىيەت ۋە تەرجىمە ساھەسىدە قازانغان ئۇتۇقلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالقىشلانغانىدى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئۆلىمالارمۇ يۇقىرى باھار بەرگەن ئىدى. ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستىتوتىمۇ ئونى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغانىدى.

مەرھۇم مۇھەممەت سالىھ داموللام ھەبىبۇللاغا قايىللارنىڭ بىرى ئىدى. داموللام ھەبىبۇللا توختىنىڭ تويىغا باش بولۇپ قاتنىشىپ ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر قەسىدە يازغانلىقى ئۇيغۇر جەمئ‍ىيىتىدە خېلى يىللارغىچە ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەنىدى.

ھەبىبۇللا توختى 1979-يىلى قەشقەر يېڭىساردا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1998-يىلى ئىسلام ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2002-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان. 2004-يىلى مەزكۇر ئىنستىتۇتتىن باكلاۋېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان، 2009-يىلى 8-ئايدا «ئىمام بەزدەۋىينىڭ ئۇسۇلفىقھى كىتابىنىڭ شەرھىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە تەھقىقات» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى دوكتۇرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان. 2015-يىلى سېنتەبىردە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2000-يىلىدىن باشلاپ ھەبىبۇللا توختىنىڭ 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ھەرقايسى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەللەردە ئېچىلغان تۈرلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغان، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىسلام تەتقىقاتىغا دائىر تېمىلاردا لېكسىيەلەرنى بەرگەن.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت