«ئىككى يىغىن» ھارپىسىدىكى بېشارەت ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەش غەرىزى
2024.03.05
يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان «ئىككى يىغىن»، خىتاينىڭ 1953-يىلىدىن بۇيان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ يولغا قويغان مەملىكەتلىك سىياسىي يىغىنلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئېنىقراق ئېيتقاندا، «بەش يىللىق پىلان» نىڭ بېكىتىلىش، ئىجرا قىلىنىش، خۇلاسىلەش ۋە يېڭى «بەش يىللىق پىلان» تۈزۈش جەريانىدۇر. مەزكۇر يىغىن ھەر بەش يىلنى بىر مۇددەت قىلىپ، ھەر يىلى ئېچىلىدۇ. بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى سىياسىي يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل 5-مارت بېيجىڭدا خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى يىغىنى بىلەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋەكىللىرىنىڭ 14-نۆۋەتلىك ئىككىنچى يىغىنى (يەنى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن») باشلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق يىغىندىكى ئەڭ مۇھىم تېما زادى نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ تېمىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ تۆۋەندە بىز بۇ سوئاللار ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز.
ئاتالمىش «ئىككى يىغىن» دا دىققەت تارتىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ ئۆتكەن يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىدىغان دوكلاتى ۋە 2024-يىللىق خىزمەت پىلانىدۇر. خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى مەزكۇر دوكلاتقا ئائىت ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، لى چياڭنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىدىكى «ئۇلۇغ نەتىجىلىرى» نى كۆز-كۆز قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ھالبۇكى، خىتايدىكى ھەقىقىي ئەھۋال بولسا، ئومۇميۈزلۈك كوللېكتىپ ئىگىلىك دەۋرىگە كىرىش، چەت ئەل مەبلەغلىرىنىڭ چېكىنىشى بىلەن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي چۆكۈش ۋە جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىدۇر. بۇ ئەھۋاللارنى بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشى، ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرنىڭ چەت ئەللەرگە قېچىشى، پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان ئېقىمدىكىلەرنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق بىر قاتار جەمئىيەت ھادىسىلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. بۇنداق ئەھۋالدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە سىياسىي مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلاندى دېيىشكە بولىدۇ.
دەرۋەقە، 29-فېۋرال ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەخسۇس يىغىنىدىمۇ «مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك» باش تېما قىلىنغان. بۇ يىغىن ھەر يىلدىكى «ئىككى يىغىن»دىن ئاۋۋال ئېچىلىدىغان بولۇپ، «دۆلەت خىزمىتىدىن دوكلات» نىڭ مەزمۇنىنى مۇزاكىرە قىلىش باش تېما قىلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن لى چياڭنىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدىكى «دوكلات» ىدىمۇ «مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات» باش تېما بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.
بۇ يىل خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. بۇ 75 يىلدا خىتاي ئىزچىل يوسۇندا ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى تەرەققىياتنىڭ ئالدىغا قويۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىمۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش دۆلەت مۇقىملىقىنىڭ «تەھدىت» كە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت سىياسىي نەزەرىيەنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان ئىدى. خىتاي ئۆتكەن بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېر تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلۈمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغان. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇ قىلمىشلارنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى زەھەرنى داۋالاپ، ئۇلارغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» بىلەن پەردازلاپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. ھەتتا لاگېر تۈزۈمىنىڭ نەتىجىسىنى «ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلىدىن بۇيان بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىغان» لىقى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ بىر قىسمى لاگېرلارغا، بىر قىسمى تۈرمىلەرگە، بىر قىسمى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياكى باشقا يۇرتلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى ياكى يوقىتىلدى. دېمەك، خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، تارىختىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر قورقۇنچىدىن مۇستەسنا ياشاش شارائىتى يارىتىلدى. بۇنداق پۇرسەتتە خىتاي ئۇيغۇر ئېلى ئۈستىدە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقا پىلانلارنى باشلىشى شەكسىز.
بىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى «ئۇيغۇر دىيارى خىتايدىكى ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي چۆكۈشنى ھەل قىلىدىغان ‹سېغىن كالا› غا ئايلانماقتا» ناملىق ئوبزورىمىزدا، خىتايدىكى ئىقتىسادىي چۆكۈش ۋە ئىشسىزلىقنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىر قىسىم پەرەزلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق.
دەرۋەقە، بۈگۈن يەنى 4-مارت خىتاينىڭ «بايلىق تورى»، «شىنلاڭ تورى»، «سوخۇ تورى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى كېرەك» ناملىق ماقالە بۇ ھەقتىكى پەرەزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. ماقالىدە ئاساسلىقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «دۆلەت ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان، خىزمەت ئورنى كۆپ بولغان ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشى» تەشەببۇس قىلىنغان. يەنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «غەربىي رايون» مۇقەررەر يوسۇندا ئۇيغۇر ئېلىنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە!
خىتاي ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2024-يىلى خىتايدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 11 مىليون 790 مىڭ بولۇپ، 2023-يىلىدىكىگە قارىغاندا 210 مىڭ كىشى ئاشقان. بۇنچە كۆپ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش خىتاي ئۈچۈن ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ «دوۋيىن»، «بەيدۇ» قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە «شىنجاڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە نوپۇس كۆلىمىنى 50 مىليونغا يەتكۈزمەكچى» ناملىق ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىغانىدى.
مانا ئەمدى «ئىككى يىغىن» باشلىنار- باشلانمايلا، 4-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئالىي مەكتەپلەردىن 3782 نەپەر دۆلەت مەمۇرى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
دەرۋەقە، خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ يۆتكەش، خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇقنى يوقىتىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى يوقاتقاندىن كېيىنكى مۇقەررەر يۈزلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ يۆتكىلىشى، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاساسلىق ئاھالىگە ئايلىنىشىدەك بىر ۋەزىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇ چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت بىر ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا ئەسلا ھاجەت قالمايدۇ. خۇددى «نەنكەي دوكلاتى» دا دېيىلگەندەك، ئۇيغۇرلار خىتايلار ئارىسىغا خۇددى «قۇمدەك چېچىلىپ سىڭىپ كېتىدۇ».
دېمەك، يۇقىرىقى بىر قاتار ئەھۋاللارنى خۇلاسە قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا زور كۆلەمدە خىتاي نوپۇسى يۆتكەش ۋە يەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان «ئىككى يىغىن» دا ئېلان قىلىدىغان 2024-يىللىق «خىزمەت پىلان» لىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدىغانلىقىدەك بىر تەخمىننى ئوچۇقچىلىققا چىقارماقتا.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.