ئىلھام توختىنى قايتا چۈشىنىش: «ئىلھام توختى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي قانۇنى ئىچىدە ھەل قىلىش يولىنى تۇتقان» ئەمەس!
2024.09.26
(ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلاپ)
بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن، يەنى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە مەخسۇس سوت ئېچىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسى، پىروفېسسور ئىلھام توختى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئىلھام توختى تاكى بۈگۈنگىچە خەلقئارا جامائەت ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى» دەپ قارىلىپ كەلدى. ئەمما خىتاي ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان» ئىدى. دېمەك، كىشىلەرنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى چۈشىنىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھۆكۈمى ئارىسىدا مۇئەييەن پەرقنىڭ بارلىقى ئاشكارا. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟
سىياسەت ياكى سىياسىي مەسىلىلەر خۇددى بىر قۇراشتۇرما (puzzel) ئويۇنىغا ئوخشايدۇ. بەزى كىشىلەر بۇ قۇراشتۇرمىنى تېزلا قۇراشتۇرۇپ، ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلەلىشى مۇمكىن. ئەمما يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ قۇراشتۇرمىنى قۇراشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇئەييەن جەريان كېتىدىغانلىقى مۇقەررەر. قۇراشتۇرمىنى توغرا ئۇسۇلدا قۇراشتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇراشتۇرما پارچىلىرىنى بىر ئاز كۆزىتىش ۋە چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، قۇراشتۇرمىدىكى «ھەقىقىي مەنزىرە» نى تېپىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ.
دەرۋەقە، ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىشى بىر سىياسىي مەسىلە. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن قارىلىنىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنى قارىمۇ قارشى نۇقتىغا ئېلىپ كەلگەن زور سىياسىي مەسىلە! دېمەك، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ئىلھام توختى مەسىلىسىنى «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنى «سىياسىي مەسىلە» دەپ قاراپ، سىياسىي مەسىلە سۈپىتىدە جازالىغان. ئاممىباب تىل بىلەن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ نەزىرىدە ئىلھام توختى بولسا بىر ئۇيغۇر مۇستەقىلچىسى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە بولسا ئىلھام توختى «خىتاينىڭ قانۇنىي ئىچىدە ياشاش يولىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر ئاپتونومىيەچى!»
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خىتاي ئىلھام توختىنى «ئۇيغۇر مۇستەقىلچىسى» دەپ ئەيىبلىدى؟
ناۋادا بىز ئىلھام توختىنىڭ ھاياتىغا ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، تەسەۋۋۇرىمىزدىن باشقىچە بىر ئىلھام توختىنى كۆرۈشىمىز ۋە ئىلھام توختىغا بولغان خاتا قاراشلىرىمىزدىن خىجىللىق ھېس قىلىشىمىز تەبىئىي. بۇ سەۋەبتىن ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىز زۆرۈر.
ئىلھام توختى 1991-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) غا خىزمەتكە چۈشىدۇ. 1994-مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىسادىي كەسپىدە چەتئەل ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە شىنجاڭ ئىقتىساد مائارىپىغا دائىر بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. 1996-يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن كورېيەگە ئوقۇشقا چىققان. 2001-يىلى خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تۈرىگە قاتنىشىپ، پاكىستاندا «شىنجاڭنىڭ چېگرا بىخەتەرلىك مۇھىتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى» ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 2003-يىلى ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا «خەلقئارا سودا ئىشلىرى» ، «خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات» ، «شىنجاڭنىڭ نوپۇسى، بايلىق مەنبەسى ۋە مۇھىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتى» ، «ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى، ئىقتىسادى جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتى» قاتارلىق دەرسلەرنى بەرگەن. 1994-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىلھام توختى خىتاينىڭ «نۇر گېزىتى»، «ئىقتىسادىي ئانالىز گېزىتى»، «غەربىي رايون تەرەققىيات گېزىتى» قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ 20 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى خىتاينىڭ «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ گېزىتى» ، «مىللەتلەر مائارىپى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، «مىللەتلەر ئىقتىسادى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى مەكتەپ گېزىتى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان. ئىلھام توختى 90-يىللاردىلا قەشقەردە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان (بۇ پىلان خىتاي تەرىپىدىن 2010-يىلى 5-ئايدا ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا رەسمىي قارار قىلىنغان).
ئىلھام توختى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى خاتالىقلارنى 90-يىللاردىن باشلاپلا ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان. مىسالغا ئالساق، ئىلھام توختىنىڭ 1995-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدە تەتقىقات» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي ئامىللار» قاتارلىق ئىلمىي دوكلاتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بېرىدۇ. ئىلھام توختى مەزكۇر دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چېكىنىشى، نامراتلىق، نوپۇس ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، مائارىپتا ئارقىدا قېلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىق سانلىق مەلۇمات ۋە دەلىللەر بىلەن يورۇتقان. دەرۋەقە، 1999-يىللاردىن باشلاپ ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە يەرلىك سىياسەتلەرنى تەنقىد قىلغان ئىلمىي ئەسەرلىرى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشكە ئۇچرىغان. ھەتتا 1999-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان بىر قانچە يىلدا ئىلھام توختى خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىدىن توختىتىپ قويۇلغان. ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ھەقسىزلىكلەرنىڭ خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئېنىق ۋە توغرا چۈشىنىشكە ئېرىشىشى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەستەن ۋە پىلانلىق شەكىلدە ئوبرازى خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە ھەقلىق كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، 2005-يىلى «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىققان.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىدە ئىلھام توختىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ھەقسىزلىكلەرنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئەڭ ياخشى مەلۇماتقا ئىگە ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىلھام توختى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خاتا سىياسەتلىرىنى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلالىغان. ئەمما خىتاي بولسا بۇنى «مۇستەقىللىق خاھىشىنىڭ ئىپادىلىنىشى» دەپ قارىغان.
ئۇنداقتا، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ھەققىدىكى تەكلىپ دوكلاتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سۇندى؟ ئەجەبا ئىلھام توختى خىتايدا قانۇننىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقلۇقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىدىغان، خىتاينىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى بىلمەسمىدى؟
ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى غەرەزلىك ھالدا خۇنۈكلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن قۇرغانلىقى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدىھانىڭ ئەمەس، بەلكى بۆرىنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىنى تەكىتلىشى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە مائارىپتىكى چېكىنىشنى خىتاي ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دەل خىتاينىڭ ئادالەتسىز، قانۇنغا ھۆرمەت قىلمايدىغان، ساختىپەز بىر دۆلەت بولغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟
ئەگەر ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدىكى ئىلمىي قاراشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى «يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى» دەك بىر قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش پىلانى ئىلھام توختى خىزمەتكە چىققان 90-يىللاردىلا ئاللىبۇرۇن يولغا قويۇلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلمىي دوكلاتلىرى خىتاينىڭ پىلانلىرىغا زور توسالغۇ پەيدا قىلغان. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يوقىتىشتا خۇددى يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەندەك ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقىنى كىيدۈرۈش قاتارلىق دەسلەپكى باسقۇچ زۆرۈر بولغان. ھالبۇكى ئىلھام توختى بۇ باسقۇچلارنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تاكى ئۇ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغۇچە، ئۇيغۇرلارنى بۇ قانلىق پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشقان. يەنى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى قانداقتۇر خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك قىرىپ تاشلىشىدىن، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ «تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» نامىدا پەردازلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەۋەرسىز قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىدىن بولغان دېسەك ھېچ خاتا بولمايدۇ. يەنى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ھەقسىزلىكلەر ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى بىر ئىلمىي تەتقىقات، كىشىلىك ھەق-ھوقۇق مەسىلىسى، ھەرگىزمۇ سىياسىي مەسىلە ئەمەس!
بۇ بىر سىياسىي مەسىلە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلھام توختىنى خىتايدىن ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان ياكى خىتاينىڭ قانۇنلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پىلان قىلغان دەپ قاراشنىڭ قىلچە ئاساسىي يوق.
دېمەك، ئىلھام توختى ھېچقاچان «ئاپتونومىيەچى»، خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى «كۆۋرۈك» ياكى خىتاي قانۇنى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەشەببۇسچىسى بولغان ئەمەس! ئۇنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاشنىڭ خىتاي سۇيىقەستى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان ھەقلىق كۈرەشلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس! ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى بېغىشلىغان مۇشۇنداق بىر زاتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغىنىغا ئون يىل بولغاندىمۇ ئۇنىڭ ئۆز خەلقى تەرىپىدىن توغرا تونۇلۇشقا ئېرىشەلمەسلىكى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟
[مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]