خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشتا قانداق ۋاسىتە قوللاندى؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.06.22
Uyghur-ayal-maska-Free-Uyghur-AP 2020-يىلى 1-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا زىيارەتكە كەلگەندە، يۈزىگە نىقاب تاقىغان بىر ئايال نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 1-سېنتەبىر، بېرلىن
AP

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى غەززەدە بولۇۋاتقان ۋە مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنى «غەززەدىكى مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ 7 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قاراتمىلىق ۋە سىستېمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغان جىنايەتلىرى يەنىلا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تېگىشلىك دىققىتىنى قوزغىيالمىدى، خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋازى خىتاينىڭ جىنايىتىگە قارشى چىققان ئاۋازلارنى بېسىپ كەتتى ۋە بۇ ئەھۋال يەنىلا داۋاملاشماقتا.

19-ئىيۇن، «ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «غەززە نېمىشقا شىنجاڭدىن كۆپ دىققەت قوزغايدۇ؟» ناملىق ماقالىدە، غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا بېرىلگەن دىققەت-ئېتىبارىنىڭ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دىققەت بېرىشتىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشكەنلىكى، چۈنكى خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي كۈچى ۋە دىپلوماتىك تاكتىكىلىرىنى ئىشقا سالغانلىقىنى، دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن خىتايدىن مەنپەئەت كۈتىدىغان جەنۇبىي يېرىم شار دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاڭ-ئىدىيە پەرقىنىڭ بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى بارلىق خەۋەرلەرنىڭ باش تېمىسى بولدى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىشقا قوزغىلىپ كەتتى، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى. 2023-يىل 12-ئايدا، ب د ت مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. 2024-يىل 5-ئايدا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى 9 غا قارشى 143 ئاۋاز بىلەن، پەلەستىننى ب د ت غا ئەزا دۆلەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ ئەھۋال مۇستەملىكە قىلىنغان بىر خەلققە - خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان خىتايغا دۇنيانىڭ كۆز يۇمۇشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى. 2022-يىل 10-ئايدا ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. غەززەگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ۋە قوزغىغان غەزىپى تۆۋەن بولدى، بۇنى نۆۋەتتىكى خەلقئارادا شەكىللەنگەن ئىككى خىل ۋەزىيەت، يەنى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي يېرىم شار دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئاڭ-ئىدىيە بۆلۈنۈشى ۋە خىتاينىڭ ئىقتىساد ھەم دىپلوماتىيە ئارقىلىق ئۆزىگە تەرەپدار توپلىشى ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ».

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى، ھاۋايدىكى شەرق-غەرب تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دېنىي روي (Denny Roy) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يوللىغان جاۋابىدا مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن دۇنيا غەززەگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيغۇرلارنى تاشلاپ قويدى دېسەكمۇ بولمايدۇ. بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىگە سەل قارىمايدۇ، ئەمما غەززەدىكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن بۇ دىققەت سەل ئازىيىپ قالدى. خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى، ئەمما كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنى بۇ جىنايەتكە كۆز يۇمۇشقا كۆندۈرۈشتە مەلۇم نەتىجە قازاندى».

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەل قارىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدا ئوينىغان رولى ھەققىدە توختالدى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنىڭ ئىسپاتى تولۇق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى «سىياسىي ئىسلام ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىي ئۇنسۇر، مىللىي بۆلگۈنچى، زوراۋان تېررورچىلارغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئۇلارنى قەتئىي ئۆزگەرتىش كېرەك» دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۇنياغا جار سېلىپ كەلدى. ھالبۇكى، خىتاي بۇ ھەرىكەتنى باشلىغاندىن تارتىپ تۈرلۈك-تۈمەن باھانىلەر بىلەن مىليونلارچە ئىنساننى تۈرمە-لاگېرلارغا سولىدى، قۇل قىلدى، باسقۇنچىلىق قىلدى، ئۆلتۈردى، يەنى ئىنتايىن يوشۇرۇن ئۇسۇلدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى. بىر ياقتىن، ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا، كۆز بوياشقا ئۇرۇندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىسپاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆلگەنلەر ناھايىتى كۆپ. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭغا بېرىشى، ھەتتا غەززە ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەردىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەردىكى پەرق شۇكى، غەززەدىكى خاماس ھۆكۈمىتى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ ئېلان قىلىشقا خۇشتار، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا تۈرمە-لاگېردا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى جان جەھلى بىلەن يوشۇرىدۇ ۋە بۇنىڭدىكى غەرىزى ئېنىق».

ئامېرىكا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول (Mustafa Akyol) بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرگە بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسرائىلىيە ئەلۋەتتە كۆپرەك ئەيىبلىنىۋاتىدۇ، چۈنكى قىلىۋاتقانلىرى ئاشكارا. ھەممە ئادەم ئۇنى كۆرۈۋاتىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرى بەك يوشۇرۇن، بەك مەخپىي» دېدى.

ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىرى، ئافرىقا دۆلەتلىرى، لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرى خىتاينى قوللاۋاتقان بولۇپ، ب د ت دا ئۇلار سان جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا ئىكەن.

تەتقىقاتچى دېنىي روي خىتاينى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر خىتاينى قوللاۋاتقان شۇ دۆلەتلەر خىتايغا بېسىم قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەبىھ زىيانكەشلىكنى توختىتىشنى تەلەپ قىلسا ئىدى، خىتاي بۇ سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىپ ئۇنى يۇمشىتىشقا مەجبۇر بولاتتى. ئەمما ئۇ دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە سەل قارىغانچە، خىتايغا كېلىدىغان بېسىم شۇنچە ئاز بولدى. شۇڭا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىمۇ بۇ جىنايەتكە شېرىكتۇر».

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئۆزىگە كېلىدىغان تەنقىد ۋە بېسىملارنى ئازايتقان. ئۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دۆلەتلىرى بولۇپ، ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئىسلامىي تەشكىلاتلارمۇ خىتاينىڭ جىنايىتىنى قوللىغان. مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى «مەنىۋى كېسەللىك»، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ مەنبەسى دەپ قارىغان، «ئەسەبىيلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «دىنىي ئەسەبىيلىك» دېگەننى ئىشلەتكەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى يوقىتىش غەرىزىنى ئاشكارىلىغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىسلام دۆلەتلىرى ۋەكىللىرى ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرى خىتايغا ئارقا-ئارقىدىن زىيارەتكە كېلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ماختىغان. خىتاي بۇ يەردە قانداقتۇر «ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ ھامىيسى» بولۇۋالغان بولۇپ، پەلەستىننى قوللىغان بولۇۋېلىپ، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئامېرىكانى ئۆچ كۆرىدىغان، خىتاينى دوست كۆرىدىغان ئەنئەنىسىمۇ بۇنىڭدا چوڭ رول ئوينىغان. يەنە كېلىپ، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەت ئېلىشنى كۈتۈپ، خىتاينى تولۇق قوللايدىغان مەيدانغا ئۆتكەن. خىتاي يەنە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى تاراتقۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا پايدىلىق تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرغان، غەرب دۇنياسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تىرىشچانلىقىنى «سىياسىي غەرەز» دەپ قارىلىغان. خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىلىرى ئۈنۈم بەرگەن، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىمۇ ئۆز دۆلىتىدىكى پادىشاھ-ئەمىرلەرگە بويسۇنغان ۋە ئارقىدىن غەززەدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىش سېپىگە ئاتلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى تاشلاپ قويغان.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ھازىرقى ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا جەنۇبىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەرمۇ مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ، خاماسنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر خىتاي، رۇسىيە، شىمالىي كورېيە، ئىران قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەر گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن؛ غەززەدىكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن خىتاي بىردىنلا ئىسرائىلىيەگە قارشى، يەھۇدىيلارغا قارشى ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقاتقان. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار مۇستەبىت دۆلەتلەر گۇرۇھىنى تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇلارغا قارشى بىرلىك سەپ شەكىللەندۈرمەكتە ئىكەن. دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەمما غەززەدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداشقا جان پىدالىق كۆرسىتىۋاتقان دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە پەرۋاسىز بولۇشى، ھەتتا خىتاي تەرەپتە تۇرۇشى ئەڭ ئېچىنارلىق بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.