خىتاينىڭ بىر قىسىم «چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس» لەرنى سايرىتىشى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا يېتەمدۇ؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.09.17
قورقماس ۋە جەسۇر تۇرسۇنگۈل 2023-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى قورقماس ۋە جەسۇر تۇرسۇنگۈل 2023-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى
Yettesu

ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئېلىپ بارغان يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىدا تەشۋىقاتنىڭ قانچىلىك چوڭ رول ئوينىغانلىقى كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس. يەنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا پائول يۆسېف گوببېلس (Paul Joseph Goebbels) دېگەن بۇ شەخس ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سىياسىي تەشۋىقاتنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئېيتقان بىر قىسىم «ئەقلىيە سۆز» لىرى ھەتتا بۈگۈنمۇ دۇنيادىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇشىغا قولايلىق كەلتۈرمەكتە.

گوببېلس مۇنداق دېگەن: «يالغان گەپ مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ ھەقىقەتكە ئايلانمايدۇ. ئەمما يالغان گەپنى مىڭ قېتىم تەكرارلاپ، باشقىلارنىڭ يالغاننى ئېچىپ تاشلىشىغا يول قويمىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يالغاننى راست دەپ ئىشىنىدۇ». ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاينىڭ «گوببېلس مېتودى» نى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن قوللانغانلىقىنى پەرق ئېتىشىمىز ئانچە تەس ئەمەس.

ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان قوبۇل قىلغۇسىز شەكىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، خىتايدىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ياردىمىگە ئېرىشەلمەسلىكى سەۋەبسىز ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە ئەمەس. ھەتتا خىتاي سىرتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلىۋاتقان زور كۆپ سانلىق «دېموكراتچى خىتايلار» نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقىغا سەۋەب قىلىشلىرىمۇ دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاش تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى خىتايدەك بىر مۇستەبىت دۆلەتتە، خەلقنىڭ ئاڭلايدىغىنى پەقەتلا ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى سۈزگۈچلەردىن ئۆتكۈزۈلگەن خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار بولىدۇ. خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان يالغان تەشۋىقاتلارغا كەڭ ئورۇن بېرىلىپ، بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلاشقا رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر نامى ئاقىۋەتتە «تېررورچى، بۆلگۈنچى، ئاشقۇن» دېگەندەك خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان يامان سۈپەتلەر بىلەن مەھكەم باغلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ مەقسەتلىك تەشۋىق قىلىنغان سۆزلەر بۇلارلا ئەمەس، ئەلۋەتتە! مىسالغا ئالساق، «شىنجاڭلىق» (新疆人)، «سوقماقچى» (卖切糕的)، «شىنجاڭلىق ئوغرى» (新疆小偷) «شىنجاڭ مۇستەقىلچىسى» (疆独分子) ۋەھاكازالار. خىتاي ئىچىدە بۇ سۆزلەر تىلغا ئېلىنغاندا، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر مىللىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى خىتايدىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بۇمۇ دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نىشانلىق «ئوبراز خۇنۈكلەشتۈرۈش تەشۋىقاتى» نىڭ نەتىجىسىدۇر. دېمەك، بۇ سۆزلەر بىزگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنىمۇ ئېچىپ بېرەلەيدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بېرى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىۋاتقان «شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ھەرىكىتى ۋە تەشۋىقاتىدىن بىرى. 2024-يىلى 27-ماي.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بېرى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىۋاتقان «شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ھەرىكىتى ۋە تەشۋىقاتىدىن بىرى. 2024-يىلى 27-ماي.
gywb.cn

2017-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، خىتاينى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «تەشۋىقات ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش» كە مەجبۇر قىلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بېرى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىۋاتقان «شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ھەرىكىتى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. لېكىن بۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇشى بىلەن زىددىيەتلىك بىر ھەرىكەت بولغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ.

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپادىكى 7 دۆلەتنىڭ سودا ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان. خەۋەرنىڭ مەزمۇنى ئاڭلىماققا كىشىگە خۇددى خىتاينىڭ ئەمدى غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان ھالەتكە كەلگىنىدەك تۇيغۇ بېرىشى تەبىئىي. ئۇنداقتا، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساياھەت قىلىشىغا ئېچىۋېتىشتە

ياۋروپادىكى 7 دۆلەتنىڭ سودا ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەندە ما شڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنياز بىلەن سۆھبەتتە بولغان. 2024-يىلى 9-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
ياۋروپادىكى 7 دۆلەتنىڭ سودا ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەندە ما شڭرۇي ۋە ئەركىن تۇنياز بىلەن سۆھبەتتە بولغان. 2024-يىلى 9-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
xinjiang.gov.cn
راستتىنلا جىنايىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقمايدىغان ھالەتكە كەلدىمۇ؟

خىتاينىڭ مەزكۇر خەۋىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇ ساياھەتچىلىكنىڭ پىلانلىق ۋە نىشانلىق ئۇسۇلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قارىلاش تەشۋىقاتىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز تەس ئەمەس. يەنى بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا سودا ساياھىتى بىلەن كەلگەن 60 قا يېقىن كىشى ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىقلار ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھىتىنىڭ تەپسىلاتى ۋە قاراشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلمىغان. ئەكسىچە مەزكۇر ساياھەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىگە دائىر خەۋەرلەر پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت ئورگىنىنىڭ مۇتەخەسسىسى مارىي پېرىي بوشېر ھوللېر(Marie-Pierre BOUCHER HOLLIER)نىڭ بايانلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن. مارىيە خانىم بايانىدا «مېنىڭچە ساياھەتچىلىك دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدا چوڭ رول ئوينايدۇ. چۈنكى ساياھەتچىلىك يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى تونۇش ۋە چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغانلارغا نىسبەتەن، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە شۇ قەدەر گۈزەل» دېگەن. ھەيران قالارلىقى شۇكى، مارىيە خانىمنىڭ ب د ت غا تەۋە بىر ئورگاننىڭ مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدىن خەۋىرى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەت پارلامېنتلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى بىلمەسلىكى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى، مارىيە خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق تەقىبلەش ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماسلىقى مۇمكىنمۇ؟

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدە گەرچە يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش «دۇنيا ئۇرۇشى» ياكى «زەھەرلىك گاز ئىشلىتىپ كوللېكتىپ ئۆلتۈرۈش» تەك مەنزىرىلەر كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما جازا لاگېرلىرى، كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش، كەڭ كۆلەملىك مېڭە يۇيۇش، مائارىپ، تىل، مەدەنىيەتنى يوقىتىش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش، ئۆي-ماكانلىرىدىن كوللېكتىپ كۆچۈرۈش. . . قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلاندى. ھەتتا 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ياكى پارلامېنتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى. 2022-يىلى بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت ئورگىنىنىڭ مۇتەخەسسىسى دېيىلگەن بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھىتىدە «شىنجاڭدىكى ھەممە نەرسە شۇ قەدەر گۈزەل» دېگەن تەسىراتقا كېلىشىنى نورمال ھادىسە دەپ چۈشىنىش تولىمۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟ ب د ت دۇنيا ساياھەت ئورگىنىنىڭ مۇتەخەسسىسى بولغان مارىيە پېرىي بوشېر ھوللېر خانىم نىمە ئۈچۈن خىتايغا بۇنچە چاپان ياپىدۇ؟

مارىيە خانىم فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ پارىژدىكى «خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى» (巴黎中国文化中心) 2024 - يىلى 10-ئىيۇلدا ئورۇنلاشتۇرغان بىر قېتىملىق پائالىيەتتە، بۇ مەركەز ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىزچىل تولۇق قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.. بۇلاردىن باشقا خىتاي مەنبەلىك ئۇچۇرلارغا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، مارىيە خانىمنىڭ خىتاي بىلەن بولغان «دوستلۇقى» نىڭ زىيادە يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. تېخىمۇ مۇھىمى، فىرانسىيە ھەربىي ئىشلار مەكتىپى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى ((Irsem) 2021-يىلى سېنتەبىردە ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى» ۋە «كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى» ئارقىلىق فىرانسىيە جەمئىيىتىگە قانداق سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى، جاسوسلۇق ھەرىكەتلىرى، شۇنداقلا فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ساختا خەۋەر تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا غەرب قىممەت قاراشلىرىغا قانداق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. دېمەك، مارىيە خانىمنىڭ پارىژدىكى «خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ پائالىيەتلىرىگە بولغان ھېرىسمەنلىكىدىن، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا كۆز يۇمغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش تامامەن مۇمكىن!

دەرۋەقە، مارىيە خانىمنىڭ رېئاللىقىدىن قارىغاندا، خىتاي «شىنجاڭغا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ تەكلىپ قىلىش، بولۇپمۇ خىتاينى قارىلاۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىشنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇپ قېلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى» دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا ئىشىكىنى داغدام ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماستىن، پەقەت خىتايپەرەس غەربلىكلەرگە تايىنىپلا، پۈتكۈل غەرب دۇنياسىنى ئالدىماقچى بولۇشى تولىمۇ ھاماقەتلىك. چۈنكى ھەممىلا ئىنسان خىتاينىڭ پۇلى ياكى مەنپەئەتىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس! خۇددى ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي تەرىپىدىن مەقسەتلىك تەكلىپ قىلىنىپ، كېيىن خەلقئاراغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەقىقىي مەلۇمات بەرگەن ئالبانىيەلىك مۇخبىر ئولسى يازىجىدەك كىشىلەر ھېلىمۇ يوقىلىپ كەتكىنى يوق! گەرچە خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان بۇ خىلدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولسىمۇ، لېكىن بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتچىلىرىنىڭ ئادالەت سوتىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئىنسانلار غەرب دۇنياسىدا كۈرمىڭ! دېمەككى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھەتچىلىكىدىن چىقىدىغىنى «ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا ئۇرۇش» تىن باشقا نەتىجە ئەمەس!

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.