خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كونا كۈمۈش تەڭگىلىرىنى قىممەت باھا بىلەن سېتىۋالىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.11.17
uyghur-komush-tengge «دوۋيىن» دا، «مۇشۈكئېيىق يىغىپ ساقلىغۇچى» دېگەن نامدىكى بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قوللىنىلغان كونا كۈمۈش تەڭگىلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىمئارتۇق بازىرىدا ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر ۋىدىيودىن ئېلىنغان.
Social Media

يېقىندا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «دوۋيىن» دا، «مۇشۈكئېيىق يىغىپ ساقلىغۇچى» دېگەن نامدىكى بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قوللىنىلغان كونا كۈمۈش تەڭگىلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىمئارتۇق بازىرىدا ناھايىتى يۇقىرى باھادا سېتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر ۋىدىيونى يوللىغان.

بۇ ۋىدىيوغا «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەشقەر شياڭپىڭ كۈمۈش تەڭگىلىرىنىڭ بازار باھاسى قانداق؟ ئەگەر سىزدە شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ياسالغان بۇ ئۈچ خىل كۈمۈش تەڭگە بولسا، دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ قىممىتى 2 مىليون يۈەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ چۈشەندۈرۈش يېزىلغان.

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭدا بېسىلغان يۇلتۇز شەكىللىك كۈمۈش تەڭگە» نىڭ خىتايدىكى كىمئارتۇق سېتىلىش باھاسى 276 مىڭ يۈەن، «1910-يىلدىكى شىنجاڭ كۈمۈش تەڭگىسى» نىڭ باھاسى 1 مىليون 357 مىڭ يۈەن، «1907-يىلدىكى چىڭ سۇلالىسىگە ئائىت قەشقەر شياڭپىڭ كۈمۈش تەڭگىسى» سىنىڭ كىمئارتۇق سېتىش باھاسى 552 مىڭ يۈەن ئىكەن.

ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلما ۋە يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قوللىنىلغان پۇللار سىياسىي-تارىخ نۇقتىسى بويىچە ئايرىلغان بولۇپ، ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئالمىشىشى پۇللارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئالمىشىش ۋاقتى پۇل تارىخىنى دەۋرگە ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنغان ئىكەن. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەدىمكى ئۇيغۇر دىيارى يىپەك يولىنىڭ كىندىكىدە بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەينى چاغدا مۇھىم تىجارەت تۈگىنى بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدىن تارتىپ بۇ جايدا ھەر خىل پۇللار ئىشلىتىلگەن.

چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئالتۇن پۇلى «شىنجاڭ پۇللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 35-بېتى
چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئالتۇن پۇلى «شىنجاڭ پۇللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 35-بېتى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخ، ئارخېئولوگىيە، قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە يەرلىك ھۈنەر-سەنئەت مىراسلىرىنى ئۆزگەرتىش، يوق قىلىش ياكى خىتاينىڭ قىلىۋېلىشتەك «قايتا قۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ تەدرىجىي كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قوللانغان كۈمۈش تەڭگىلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىمئارتۇق بازىرىدا خېلىلا يۇقىرى باھادا سېتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ۋىدىيو مۇھاجىرەتتىكى تورداشلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت 14-نويابىر كۈنى بۇ ۋىدىيونى فېيسبۇكقا چىقارغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە 43 كىشى ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ھەمبەھىرلەش سانىنىڭ ھەر كۈنى ئېشىپ بارغانلىقى بىلىنمەكتە.

بۇ ۋىدىيوغا يېزىلغان ئىنكاسلار ئىچىدە، بەزىلەر بۇ كونا تەڭگىلەرنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان خەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار بۇ كونا تەڭگىلەرنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان خەتلەر ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، «تەڭگىنىڭ بىر يۈزىدە - جمهوريت اسلامي شرقي توركستان، (١)مسكوك ١٣٥٢ سنه ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ھىجرىيە 1352- يىلى (1)- باسمىسى› دەپ بار ئىكەن. ئىككىنچى يۈزىدە- ضرب كاشغر ›قەشقەردە بېسىلدى‹ دەپ بار ئىكەن» دەپ يازغان. يەنە بىرەيلەن بولسا، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى پۇلىنىڭ تارىخىي ھەم ئىقتىسادى قىممىتى بەكمۇ يوقىرى. سۈرەت ۋە ۋىدىيودىن قارىغاندا، بۇ سۈرەتتىكىسى خىتايلار ھەقىقى تەڭگىگە ئاساسەن قېلىپ ياساپ يېڭىدىن قۇيغان ساختىسىدەك قىلىدۇ» دەپ يازغان. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل ئىشلەتكەنلىكىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر ۋىدىيوغا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان بارلىق تارىخىي ئىسپاتلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى يېزىلغان. ھەتتا بەزى ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كونا ئۇيغۇر تەڭگىلىرىنى ساقلىغان ۋە ساتقانلارنى ئېنىقلاپ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن. يەنى بۇ ئىنكاسلاردا بەزىلەر، «خىتايلار بىزنىڭ دۆلەت قۇرغىنىمىزغا ئائىت پۈتكۈل پاكىتلارنى يوقىتىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتايغا تەۋە دېمەكچى»، «خەلق ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان تارىخىي ئىسپاتلارنى يوقاتماقچى»، «تارىخنى يوقىتاي، ئىز قالدۇرماي، ھەم مۇشۇنداق تەڭگە بارلارنى تۇتاي، تېگىدىن يوقىتاي دەپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى تەڭ سوقماقچىكەن زالىم قانخور جاللاتلار»، «خىتاي يەنە بىر سۇيىقەستنى باشلاپتۇ. مەنچە پۇلنى ئالىمىز دەپ يىغىۋالىدۇ. ئاندىن ساتقان ئادەمنى تۇتىدۇ»، «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى ئىسپاتلارنى پۇل بېرىمىز دەپ ئېلىۋېلىپ، ئاندىن تارىختا قەشقەر خانىدانلىقى، ئۇيغۇر دېگەن دۆلەت بولۇپ باقمىغان ياكى ئۇيغۇر ئەزەلدىن بىز بىلەن بىللە ياشاپ كەلگەن مىللەت دەپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلىۋاتامدۇ بۇ ھىيلىلەرنى-ھە»، «خىتاي مۇشۇنداق تەڭگە ساقلىغان ئادەمنى تېپىپ يەنە يىغىشتۇرماقچىكەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

چاغاتاي خانلىقىنىڭ كۈمۈش پۇلى «شىنجاڭ پۇللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 39-بېتى
چاغاتاي خانلىقىنىڭ كۈمۈش پۇلى «شىنجاڭ پۇللىرى» دېگەن كىتابنىڭ 39-بېتى

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ئىنكاسلارغا قارىتا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بارلىق ئىسپاتلارنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ پۈتۈنلەي خام خىيال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مانجۇلارنى يوقىتىش جەريانىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ئۇرۇنغان. ئەمما ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى. بۇ خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەگەر ئۇ يۇقىرى باھادا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردە ئىشلەپچىقىرىلغان قەشقەر كۈمۈش پۇللىرى ئەڭ قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ھازىر خىتايدىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساھەسىدىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق بايلىقلىرى بۇزۇلۇش، ۋەيران بولۇش باسقۇچىدا دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ يادىكار كۈمۈش پۇللار تېخىمۇ قىممەتلىك نەرسىگە ئايلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ھازىرقىدەك ئىنتېرنېت دەۋرىدە ھەممە نەرسە خاتىرىلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇ دەۋردە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سىمۋوللىرىنى يوقىتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. شۇڭا، خىتاي بۇ خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيىسى بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناپ باقىدۇ. ئەمما ئىشىنىمەنكى، ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مېنىڭچە ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.»

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە قوللىنىلغان يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋر پۇللىرىدا روشەن مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئۇسلۇب ساقلاپ قېلىنغان. ئۇ يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك ئالاھىدىلىكنى ساقلىغان بولۇپ، مەلۇم جەھەتلەردە، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاينىڭ پۇل تەرەققىياتىدا ئالدىنقى قاتاردا ماڭغان. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم مەدەنىي بايلىقلاردىن بىرى بولغان كونا پۇللار ھەققىدە ئەتراپلىق ۋە كونكرېت تەتقىق ئېلىپ بېرىش تولىمۇ مۇھىم ۋە زۆرۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.