«مالەن گۈلى» ئېچىلغاندا: خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم سىنىقىدىن 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.12.03
atom-bomba-lopnur-1024 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىتاي تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتقان كۆرۈنۈش. 1964-يىلى 16-ئۆكتەبىر، لوپنۇر
moj.gov.cn

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتقانلىقىغا 60 يىل بولغان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى باشلىق ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور سۇپىلىرىدا «مالەن گۈلى ئېچىلغىنىنىڭ» 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش تېمىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان.

خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنغان «مالەن گۈلى» ئەسلىدە خىتاينىڭ 1964-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر كۆلى رايونىدا ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئاتوم بومبىسىغا قارىتىلغان ئىسىم بولۇپ، تەكلىماكان چۆللۈكىدە ئۆسىدىغان بىر تۈرلۈك چۆل گۈلىنىڭ خىتايچە ئاتىلىشىدىن كەلگەن. خىتاينىڭ لوپنۇر رايونىدا قۇرغان مەخپىي ئاتوم بومبىسى بازىسىمۇ شۇندىن ئېتىبارەن «مالەن» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. بۇ يەردە خىتاي قەيسەر چۆل گۈلىنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتنى قىرغۇچى ئاتوم بومبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرو قوراللىرى سىنىقىنىڭ سىمۋولى قاتارىدا قوللانغانىدى. شۇ قېتىملىق ئاتوم بومبىسى سىنىقىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تاكى 1996-يىلغىچە لوپنۇر رايونىدا جەمئىي 45 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان.

ياۋرو ئاسىيانىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي گىرۋىكىدىكى قۇرۇق تاغ باغرىدا، كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان كىروران خانلىقىغا ئوخشاش قەدىمىي دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنى ھاياتلىق مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن لوپنۇر كۆلى سوزۇلۇپ ياتقانىدى. 19-ئەسىردە لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدا سىستېمىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان شىۋېتسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى سۋېن ھېدىن «كۆچمە كۆل» دەپ ئاتىغان، دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى مۇنازىرىلەرگە ئوت ياققان ئەنە شۇ لوپنۇر كۆلى بويىدا، قەدىمكى كىروران ئېلى پۇقرالىرىنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارالغان «لوپلۇقلار» دەپ ئاتالغان خەلق ياشاپ كەلگەن. بۇ لوپلۇقلار ياكى لوپنۇرلۇقلار دەپ تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر توپلۇقى باشقا خەلق ئەمەس، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدۇر.

ئالىملار تەكلىماكاننىڭ پىنھان جايلىرىدا ياشىغان بۇ كىشىلەرنى ياشاش ئۇسۇلى، تىل ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلى قاتارلىق ئامىللاردىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېتنىك تەركىبىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. لېكىن، نۆۋەتتە لوپنور رايونىغا كۆپلەپ خىتاي ئاھالىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا لوپنۇرلۇقلار دېگەن نام ئاستىدا ئۇلارنى خۇددى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىم خەلق شەكلىدە كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق تەشۋىقاتلار خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ ساياھەت ئۇچۇرلىرىدا كۆپلەپ ئۇچرايدۇ.

رۇس ئېكسپېدىتسىيەچى پىرژاۋىلىسكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 1885-يىللىرىدا لوپلۇقلارنىڭ سانى 400 ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قىسمەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتىكەن. ئەلۋەتتە ئۇ لوپنورلۇقلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىلا ھېسابقا ئالغانىدى. 1905-يىلى سۋېن ھېدىننىڭ تېخىمۇ كەڭ رايونلاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، لوپلۇقلارنىڭ سانى 10000 ئەتراپىدا بولغان. بىزگە مەلۇمكى، لوپلۇقلار گەرچە قۇم بارخانلىرىنىڭ كۆچۈشى، بوران-چاپقۇن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن دائىم كۈرەش قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىزچىل ھالدا تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشاپ كەلگەن. ئۇلار سۇ مەنبەسىنى قوغلىشىپ كۆچۈپ ياشاش جەرياندا ئۆزلىرىگە خاس مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئېڭىنى يېتىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرى مانجۇ-خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەن لوپلۇقلارنىڭ تەقدىرىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش باشلانغان بولۇپ، سانى بارغانسېرى ئازايغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي بەرپا قىلغان «لوپلۇقلار كەنتى» سۈپىتىدە دۇنياغا تەشۋىق قىلىنماقتا.

چىڭ سۇلالىسى ئىمپېراتورلىرى ئاۋۋال چۆل-جەزىرەلەردە بوز يەر ئېچىش ۋە دېھقانچىلىق يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىش باھانىسى بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئەمگەك كۈچى قاتارىدا كۆپ ساندىكى خىتاي جىنايەتچىلەر، ئەسكەرلەر ۋە خىتاي دېھقانلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىگەنلىكىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ زور كۆلەملىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان سۇغۇرۇش قاناللىرىنى بەرپا قىلىش پىلانى ئورمان ۋە يايلاق كۆلىمىنىڭ زور دەرىجىدە تارىيىپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن، خىتايلار تاكى 1949-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا ئاز سانلىق بولۇپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي سانى ئون مىڭغىمۇ يەتمىگەن. نۇرغۇن جايلارغا خىتايلارنىڭ ئايىغى تەگمىگەن. ئەنە شۇنداق جايلارنىڭ بىرى لوپنور رايونى ئىدى.

 خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، 1954-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نى قۇرغان ۋە يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا كەڭ كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش زور دولقۇنى قوزغىغان. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان سۈنئىي ئۆستەڭلەر ۋە سۇ ئامبارلىرى تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىدىكى سۇنىڭ ئازىيىپ بېرىشىغا سەۋەب بولۇپ، تارىم دەرياسى قۇيۇلىدىغان لوپنۇر كۆلىنىڭ تەدرىجىي قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى بىلەن بىرلىكتە، لوپنۇر كۆلىنى ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەسى قىلغان لوپلۇقلار ۋە ئۇلارغا تەۋە بولغان ئۆزگىچە مەدەنىيەتنىڭ ئىزىمۇ تەڭلا يوقالدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ باش جىنايەتچىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى پەقەتلا «ھالاكەت دېڭىزى» ، «ئىنسى-جىن يوق زېمىن» دەپ تىلغا ئالغان. ئۇ يەردىكى لوپلۇقلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشنىلا كۆزلىگەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ، لوپنۇر ئەتراپىدا ياشايدىغان بۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مۇھىت بىلەن قىلچە كارى بولمىغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ( (UHRP 2016-يىللىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1964-يىلىدىن 1996-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تۇپراق سۈپىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشى بىلەن بىرگە يەرلىك خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بەزى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ 1945-يىلى ياپونىيە خىروشىما ئارىلىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچىدىنمۇ 300 ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە يېتەرلىك قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانماي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىناقلىرى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك كىشىلەر ئارىسىدا ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ رادىياتسىيەسىدىن ئېغىر زەھەرلىنىش پەيدا قىلىپ، راك كېسىلىگە ئوخشاش ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاشقان. خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاتوم سىناقلىرىنى توختىتىشى كېرەكلىكى، يەرلىك خەلققە تۆلەم تۆلەش ھەققىدە پىكىر بەرگەن ۋە نامايىش قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىق باستۇرۇلدى. خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئاخىر 1996-يىلى ئاتوم سىنىقىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئاتوم سىنىقىنى توختاتقاندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى قانداق بولماقتا؟

ۋاھالەنكى، شى جىنپىڭ سىياسىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىش ھەيۋىسى يەنە تاشلاندۇق لوپنۇر رايونىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا سەۋەب بولدى. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر توپلىغان پاكىتلار شۇنى ئاشكارىلايدۇكى، خىتاينىڭ لوپنۇر رايونىدا يەنە ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ بىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ زەربە بېرىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.

خىتاي لوپنۇر رايونىدا ئىچكى جەھەتتىن يوشۇرۇن يەر ئاستى ئاتوم سىنىقىنى داۋاملاشتۇرسا، تاشقى دۇنياغا قارىتا بۇرۇنقى مالەن ئاتوم سىنىقى بازىسىنى ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغانلىقى ھەققىدە تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، 2012-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مالەن ھەربىي مۇزېيى قۇرغان ۋە بۇ مۇزېينى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بېرىدىغان بىر ئورۇنغا ئايلاندۇرغان ئىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ئاتوم سىناقلىرى سەۋەبىدىن لوپنور ۋە تارىم ۋادىسى ئەتراپىدا ياشايدىغان مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا، تەن-ساغلاملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت جىنايىتى ئالدىدا، يەنىلا ئەينى يىللىرى لوپنۇرغا كېلىپ ئاتوم سىنىقىغا قاتناشقان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تۆھپىلىرىگە مەدھىيە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەسلىدە قۇرۇپ كەتكەن تۇزلۇق لوپنۇر كۆلى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نۇرغۇن مىنېرال ماددىلارنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇ خىتاينى دېھقانچىلىق ئوغۇتى رولىغا ئىگە كالىيلىق تۇز زاپىسى كانىغا ئىگە قىلغان ئىكەن. مۆلچەردىن قارىغاندا كالىيلىق تۇز كانىنىڭ زاپىسى 500 مىليون توننا بولۇپ، ئىقتىسادىي قىممىتى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي دۆلىتى يۇقىرى تەننەرخ بىلەن كالىي تۇزى ئىمپورت قىلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، لوپنۇر كۆلىنى قايتا قېزىشقا باشلىغان ۋە بىر سانائەت شەھىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنماقتا. بۇنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە 2002-يىلى چاقىلىق ناھىيەسىدە لوپ كۆلى بازىرى تەسىس قىلىپ، كالىي تۇزى باش شىركىتىنى قۇرغان.

يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن، تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتمەكتە.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.