مايكىل ۋالت بىلەن سۆھبەت: «شەرقىي تۈركىستان ھېچقاچان خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغان ئەمەس!»
2024.05.13
يىللاردىن بۇيان ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى «خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلكىسى»، «خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دېگەندەك ناملاردا ئاتاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي سىرتىدا بىردەك «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلى بۇ رايوننى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلغاندىن بۇيان «شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن نەزەرىيەنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە زور كۈچ بىلەن بازارغا سېلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن 2024-يىلى 3-مايدا چاقىرىلغان ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ مۇھاكىمە باسقۇچىدا خەلقئارا ئادۋوكات مايكىل ۋان ۋالت (Michael van Walt) «ئۆتكەن 70 يىلدا بۇ رايون ئاساسىي جەھەتتىن خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ نېرىسىدىكى ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە بۇ جايدا ھېچقاچان خىتاينىڭ ئىزچىل ھۆكۈمرانلىقى بولۇپ باقمىغان» دەپ كۆرسەتتى. 15 يىلدىن بۇيان ئىچكى ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا رايونى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان مايكىل ۋالتنىڭ بۇ خۇلاسىسى مەزمۇن جەھەتتە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بۈيۈك شەرقشۇناس ۋىلادىمىر بارتولد (V. V. Barthold) بۇنىڭدىن بىر ئەسىرچە ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «751-يىلى ئەرەب ئىمپېرىيەسى بىلەن تاڭ ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ‹تالاس ئۇرۇشى› ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن خىتاي تەسىرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ مىڭ يىللىق مۇساپىگە سىقىپ چىقىرىلىشى ھەمدە بۇ رايوندا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكچى مەدەنىيەت بولۇشىغا ئاساس سالدى» دېگەن بايانلىرىنى ئەسلىتىدۇ.
ئادۋوكات مايكىل ۋالت بۇ رايون ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشتىن باشقا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ساھەسىدە كۆپلىگەن سەمەرىلىك خىزمەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان كىشىلەرنىڭ بىرى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەريانىدا ئۇ رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتىكى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلىغايسىلەر.
مۇخبىر: بۇ قېتىمقى يىغىندا سىز «خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ‹شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى› دەپ كەلگەن بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئەمەلىيەتتە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى (خ خ ج)نىڭ بىر مۇستەملىكىسى» دەپ كۆرسەتتىڭىز. سىز خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى قانداق چۈشىنىسىز؟
مايكىل: بۇ يەردە شۇنىسى ناھايىتى ئوچۇقكى، ئۆتكەن ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئىزچىل داۋام قىلغان ھۆكۈمرانلىقى مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان. پەقەت خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن مىلادى 220-يىلىغىچە) ۋە تاڭ سۇلالىسى (618-907) زامانىسىدا بۇ جايدا ئانچە-مۇنچە خىتاي تەسىرى كۆرۈلگەن. 1912-يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاساسىي جەھەتتىن قوشنا بولغان ئىچكى ئاسىيا رايونىدىكى ئوخشىمىغان خانلىقلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلغان. ئەمما شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتايلار ئەمەس ئىدى.
مۇخبىر: «خىتاي» ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەرقاچان «خىتاي نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن؛ سۇلالىلار بىرىنىڭ ئارقىدىن يەنە بىرى ئالمىشىپ تۇرغان بولسىمۇ بۇ جايدا پەقەت ‹خىتاي› ناملىق بىرلا دۆلەت بولغان» دەپ قارىلىدۇ. سىزنىڭچە مۇشۇنداق چۈشىنىشنى توغرا دېيىشكە بولامدۇ؟
مايكىل: ياق، ياق. بۇ ئۇنداق ئەمەس. بۇ قاراش ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن پىكىر مالىمانچىلىقىنىڭ مەنبەسىدۇر. خ خ ج ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خىتاي جۇمھۇرىيىتى دەل مۇشۇ قاراشنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. خىتايدا بەجايىكى «خىتاي» تارىختىكى بىر سىياسىي دۆلەت ياكى ھاكىمىيەت سۈپىتىدە نەچچە مىڭ يىللاپ مەۋجۇت بولغاندەك خىتاينىڭ دۆلەت تارىخى نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇپ شەرھلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنداق بولغىنى يوق. تارىختا كۆپلىگەن خىتاي دۆلەتلىرى، ئىمپېرىيەلىرى ۋە سۇلالىلىرى ئۆتكەن. ئەمما خىتايلار يالغۇز خىتاي دۆلەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە كۆپلىگەن ئىچكى ئاسىيا ئىمپېرىيەلىرىمۇ خىتايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئەمما بۇ ھادىسىلەر ئۇلار دەۋاتقان تارىخىي بايانلاردا ھەرگىزمۇ ئېتىراپقا ئېرىشىپ باققان ئەمەس. مەسىلەن ئالساق، يۈەن سۇلالىسى ئەمەلىيەتتە موڭغۇللارنىڭ ئىمپېرىيەسى بولۇپ، بۈگۈن بىز دەۋاتقان «خىتاي» ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ئىمپېرىيەنىڭ بىر قىسمى بولغان.
يەنە ئالساق، بىز بۈگۈن «خىتاي» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ جايلار مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسى (1644-1912) دەۋرىدە ئاشۇ ئىمپېرىيەنىڭ بىر قىسمى بولغان. خۇددى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەر مۇشۇ خىلدىكى قىسمەتنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇڭا خىتاي تارىخى، بەزىدە ھەتتا بىر قىسىم غەرب ئالىملىرى ۋە باشقىلار تەكىتلەۋاتقان بۇ خىل شەرھ ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى ئوڭايلا قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
بولۇپمۇ بىز «خىتاي» ۋە «خىتايلار» دېگەن ئاتالغۇلارنى قوللانغىنىمىزدا، بۇلار پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان كۆپ خىل شەيئىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە خ خ ج «خىتاي» ئاتالغۇسىنى قوللىنىش ئارقىلىق خ خ ج نىڭ چېگرىسى، دەپ قارىلىدىغان دائىرە ئىچىدىكى بارچە خەلقلەرنى، جۈملىدىن خىتايلار، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
ھالبۇكى، باشقىلار «خىتاي» ئاتالغۇسىنى ھەرقاچان «خىتايلار ۋە خىتاي تىلى» دېگەن مەنىدە ئىستېمال قىلىدۇ. «خىتايچە يېزىق» دېگەندە خىتايلارنىڭ يېزىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ سۆزلەرگە دائىم بىرەر ئېنىق مەنىنى يۈكلىگەن ھالدا ئىشلىتىپ كەتمەيمىز. ناۋادا بىز بۇنى زادى ئېنىق قىلىپ قوللىنىمىز، دېسەك ئۇ ھالدا «خىتاي» نىڭ بىر دۆلەت سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىنىشى 1911-يىلىغا مەنسۇپ بولۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشى بولسا 1912-يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ جايدا باشقا نامدىكى باشقا دۆلەتلەر، باشقىچە ھۆكۈمرانلىق قۇرۇلمىلىرى ۋە پىرىنسىپلىرى مەۋجۇت بولغان. ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي جۇمھۇرىيىتى ۋە خ خ ج بىلەن ھېچقانچە ئورتاقلىقى يوق ئىدى.
قانۇن نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ ئىككى شەيئى پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ. سىز بىر دۆلەتنىڭ ئىككى مىڭ يىللىق مەۋجۇدىيىتى ھەققىدە سۆز ئاچالمايسىز. چۈنكى ئۇ ئىككى مىڭ يىل مەۋجۇت بولغىنى يوق. مەن بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىل، بەش مىڭ يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىتلار ئىلگىرى بۇ جايدا خىتاي مەدەنىيىتى مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمايمەن. بۇ جايدا خىتايلارنىڭ بولمىغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇمكىنچىلىكى بار ئىشلار. ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىزچىل مەۋجۇت بولغان ياكى بولمىغانلىقى مۇھىم.
مۇخبىر: سىزنىڭچە ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن ياكى خىتاي جۇمھۇرىيىتى بولسۇن نېمە ئۈچۈن «مانجۇرىيە، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغان» دەيدۇ؟
مايكىل: مەن دەرۋەقە خىتاينىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما پەملىشىمچە، بۇ ئىدىيە دەسلەپتە خىتاي جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇ ۋاقىتتىلا ئىچكى ئاسىيا تېررىتورىيەسىدىكى جايلارنىڭ خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان. ئۇلار مۇشۇ ئارزۇنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا مۇشۇنداق بىر سەۋەبنى توقۇپ چىقىشقا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولاتتى. دېمەك، ئۇلار مۇشۇ تارىخنى ئىجاد قىلىپ چىقتى.
بۈگۈن بولسا خ خ ج ئاشۇ تارىخقا ۋە ئاشۇ تارىخىي بايانلارغا كانىدەك چاپلىشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدە بىر مۇستەملىكىچى كۈچ سىياقىدا نامايان بولۇشىنى زىنھار خالىمايدۇ.
مۇخبىر: سىزنىڭ پىكرىڭىز بويىچە بولغاندا، «خىتاي» دەپ ئاتالغان تۇنجى دۆلەت 1912-يىلى قۇرۇلغان؛ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ جايدا باشقا سۇلالىلەر ۋە ئىمپېرىيەلەر باشقا ناملاردا مەۋجۇت بولغان ھەمدە سىياسىي جەھەتتە خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان. شۇنداقمۇ؟
مايكىل: ياق. «خىتاي» ۋە «جۇڭخۇا» دېگەن سۆزلەرنىڭ «خىتاي» ۋە «خىتايلار» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىشى بۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت ئىلگىرىلا باشلانغان. ئەمما ئۇ چاغلاردا ئۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى باشقىچە بولغان. يەنى بۇ سۆز «مەركىزىي دۆلەت» دېگەن مەنىدە بولۇپ، «مەركىزىي نۇقتىدىكى يۈكسەك مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ ئەقىل-پاراسەت ۋە مەدەنىيەت نۇرلىرىنى باشقا جايلارغا قۇياش كەبى چېچىشى» غا سىمۋول قىلىنغان.
ئۇلار بىردەك مەدەنىيەت ۋە ماكان خاراكتېرلىك چۈشەنچىلەر بولۇپ، دۆلەتلەرنىڭ ياكى بىرەر مەملىكەتنىڭ نامى بولغان ئەمەس. كېيىنچە بۇ سۆزلەر ئۇزۇن مەزگىل قوللىنىلىۋېرىپ ماركىغا ئوخشاش بىر نامغا ئايلىنىپ قالغان. ئاندىن بۇ سۆزلەر ئىنگلىزچىدىكى ‹China› ياكى فرانسۇزچىدىكى ‹Chine› دېگەن سۆزلەرنىڭ تەڭدىشى بولۇپ قالغان. مانا بۇ غەربلىكلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بولۇپ، ياۋروپالىقلار ئاللىقاچان خاتا ھالدا بۇنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «خىتاي دۆلىتى» دەپ ئاشۇنداق بىر خىيالىي دۆلەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئادەتلىنىپ بولغان. بۇ ئىككى ئاتالغۇنى جۈپلەشتۈرىۋالغاندا غەربلىكلەر ياكى ياۋروپالىقلارنىڭ بۇنى چۈشىنىشى بەكلا قىيىنغا چۈشىدۇ. چۈنكى بۇ جايدا ھېچقاچان ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن خىتاي دۆلىتى مەۋجۇت بولغان ئەمەس. بۇنداق بىر دۆلەت پەقەت بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىلا مەۋجۇت.
مۇخبىر: مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دەۋاتقانلىرى خۇددى ئەينى ۋاقىتتا رىم ئىمپېرىيەسى ئىشغال قىلغان جايلارنى بۈگۈنكى كۈندە ئىتالىيە دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى، دېگەندەك بىر گەپمۇ؟
مايكىل: بۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما بىرئاز پەرقى بار. ئەگەر ئىتالىيەلىكلەر راستىنلا شۇنداق دەيدىغان ئىش بولسا ئۇلار رىم ئىمپېرىيەسى بويسۇندۇرغان ۋە ئۆزلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بويسۇندۇرغان جايلارنى دېگەن بولاتتى. ئەمما خ خ ج نىڭ دەۋاتقانلىرى بولسا خىتايلار بويسۇندۇرغان جايلارنى ئەمەس، ئەكسىچە موڭغۇللار ۋە مانجۇلار بويسۇندۇرغان جايلارنى «خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېيىش بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ مەنتىقە جەھەتتىن چاك باسمايدۇ. ھازىرقى كۈندە بۇنىڭدىن مىڭ يىل، بەش يۈز يىل، ھەتتا يۈز يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا مەنسۇپ تارىخىي بايانلارغا ئاساسەن بىرەر جاينى «مېنىڭ زېمىنىم» دەپ دەۋا قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ خىل رېئاللىققا قارشى ھالدا خىتاي مۇشۇنى دەۋا قىلىۋاتىدۇ. باشقا بىر ئىمپېرىيە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بىرسىنىڭ باشقىلار بويسۇندۇرغان جايلارنى «ماڭا تەۋە زېمىن» دەپ دەۋا قىلىشى پەقەتلا قاملاشمىغان بىر گەپ.
ھالبۇكى، خ خ ج نۇرغۇن كىشىلەرگە مەن خىتايلارنىڭ ۋەتىنى دەپ ئاتىغان جايلارغا، يەنى خىتايلار ۋە ئۇلارنىڭ تېررىتورىيەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلارنى بىردەك «خىتاي» دەپ شەرھلەشكە قادىر بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مانجۇلار ۋە موڭغۇللارنىمۇ «خىتاي» قىلىۋېلىشى تولىمۇ بىمەنىلىك. پاكىت شۇكى، خ خ ج ھازىر چىڭگىز خاننى «خىتاينىڭ ئۇلۇغ ئوغلانى» دەۋاتىدۇ. چىڭگىز خان ئەمەلىيەتتە خىتاينى ئىستىلا قىلغان كىشى. ئۇ ھەرگىزمۇ خىتايلارنىڭ ئوغلانى ئەمەس، ئەكسىچە موڭغۇللارنىڭ ئوغلانى.
مۇخبىر: سىزنىڭچە، خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە مۇستەملىكىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ جايغا ماكانلاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتامدۇ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبمۇ؟
مايكىل: شۇنداق، دەل شۇنداق. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن ۋايىم يەۋاتقانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەرنى باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇ پەقەت كونتروللۇقنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۇرۇنۇشى، خالاس. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر مۇتلەق كونتروللۇققا تەشنا بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نىشان بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىلا نەرسە مۇشۇنى چۆرىدىگەن ھالدا ئايلىنىۋاتىدۇ. ناۋادا بۇ نىشان مىليونلارچە ئىنساننى لاگېرلارغا قاماش، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ۋە بۇ رايونلار ئۈستىدىن مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىستىسە ئىشلار بۇنىڭدىن باشقىچىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ نىشانى.
سابىق چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ پۈتۈن تېررىتورىيەسىگە بولغان كونتروللۇق ئارزۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنى تېخى ئۆز نىشانىغا يەتتى، دېگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ھازىرمۇ مۇشۇ نىشانغا يېتىشنىڭ كويىدا. ئۇلار ھازىر تەيۋەنگە، جەنۇبىي دېڭىزغا، شىمالىي ھىندىستانغا ۋە رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا، جۈملىدىن تۇۋا ۋە بۇرياتىيا رايونلىرىغا ئۆز كونتروللۇقىنى جارى قىلدۇرۇش ھەۋىسىدە بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى موڭغۇل ۋە مانجۇ ھۆكۈمدارلىرىدىن بەزىلەر بۇ جايلارنى مۇئەييەن دەرىجىدە باشقۇرغان.
ئەگەر بۇ بىمەنىلىككە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىدىغان بولساق، موڭغۇللارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ۋېنگرىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستانغا قەدەر بولغان ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ئەسلىسەكلا كۇپايە. بىز ھەرگىزمۇ «خىتاينىڭ بۈيۈك ئوغلانى» چىڭگىز خان قولغا ئالغان ئاشۇ زېمىنلارنى خىتاينىڭ «بىزنىڭ زېمىنىمىز» دەپ داۋا قىلىشىنى خالىمايمىز.
مۇخبىر: كۆپ رەھمەت مايكىل ئەپەندى!