مەھمۇد كاشغەرىينى ئۇيغۇرلاردىن ئايرىشقا ئۇرۇنغان گاۋ بونىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسى
2024.02.17
بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى ئىككى ئوبزورىمىزدا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كىملىكى، ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە ھەتتا مازىرىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان گاۋ بونىڭ قاراشلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ قاراشلىرىنى سىياسەت ئورنىدا يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر مىللىتى شۇنداقلا مەدەنىيىتىگە سالغان ۋەيرانچىلىقلىرى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارغانىدۇق. ئۇنداقتا، گاۋ بونىڭ بۇ قىلمىشلىرى قانداق كېلىپ چىققان؟ ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى زادى قانداق بولغان؟
گاۋ بو(高波) 1960-يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇدىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى يۈننەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. كېيىنچە شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھازىرقى زامان خىتاي تىلى ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتىدا «مودېل ئوپېرا: خىتاي ئىنقىلابى تارىخىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە سەنئىتى» تېمىسىدىكى دىسسېرتاتسىيەسىنى تاماملاپ شۇ ئىنستىتۇتتا ئوقۇتقۇچى، كېيىنچە مۇئاۋىن مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ خىتاي قىزىل ئارمىيەسى ئىزىدىن مېڭىپ 10 يىل توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىپ 2011-يىلى نەشر قىلغان «تارىخنىڭ تاغ دەريالىرىدا سەپەر» ناملىق ئەسلىمە خاراكتېرلىك كىتابىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر يولىنى ئىككى قېتىم ۋېلىسىپىتلىك تەكرارلىغانلىقى، خىتاي قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئىزلىرىنى ئىزدەپ بىرماغا بارغانلىقى، تىبەتكە بېرىپ خىتاي قىزىل ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ھېكايە ۋە رىۋايەتلەرنى توپلىغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ 2015-يىلى نەشر قىلىنغان «قىزىل ئاياق ئىزلىرى-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق كىتابى خىتاي كوممۇنىستلىرى تارىخىي شەخسلىرى ۋە ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن يېزىلغان.
2009-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى خىلمۇ-خىل زۇلۇم ۋە كەمسىتىشلەرگە چىدىيالمىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىنى قاتتىق باستۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە مەدەنىيىتىگە قاراتقان قىرغىنچىلىقىمۇ يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەن. قارا نىيىتىنى تېخىمۇ تېزرەك ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى سادىق خىزمەتچىلىرىنىمۇ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامى ئاستىدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۆتكەپ كېلىپ مۇھىم خىزمەتلەرگە قويغان. گاۋ بومۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تاپشۇرۇقى بىلەن شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىزمىتىنى قويۇپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىغا يەرلەشكەن.
بۇ ئىنستىتۇتقا ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىل ئالىملىرى، پروفېسسورلىرى جەم بولغان بولۇپ، ئۇلار: قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر تىللىرى مۇتەخەسسىسى ئارسلان ئابدۇللا، ئابدۇرېھىم راخمان، ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتىنىڭ پېشۋاسى ئابدۇكېرىم راخمان، يۈسۈپ ئىساق، ئۇيغۇر مازار تەتقىقاتى كەسپىنىڭ يېتەكچىسى راھىلە داۋۇت، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى ۋە نەزەرىيەسى تەتقىقاتچىسى ئازاد سۇلتان بىلەن غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىقلار ئىدى. دېمەك، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكىر دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن گاۋ بوغا بۇنىڭدىن ئەپلىك جاي يوق ئىدى. ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي تارىخىي شەخسلىرى ۋە ئورۇنلىرىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان گاۋ بو ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھۆرمەت قىلىدىغان، قەدىرلەيدىغان، مىللەت كىملىكى بىلەن ئىجتىمائىي ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن شەخس ۋە ئورۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي شەخسلىرىنى خەلقىدىن ئايرىماستىن، مۇقەددەس بىلىپ زىيارەت قىلىدىغان يەرلىرىنى يوقاتماستىن ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ، پۇرسەت تاپسىلا خىزمەت ئورنىدا ئۆزىنى ھۆكۈمەت ۋەكىلى ئورنىدا قويۇپ ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قانداق ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى سىياسىي قاراشلىرىنى بايان قىلغان.
ئۇ 2014-يىلى خىتاينىڭ «يەرشارى تورى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئېلىش ئارقىلىق ئۈچ خىل ئاشقۇن كۈچلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ» دەيدۇ. يەنە شۇ يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ خىل تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىدە: قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، ئۇيغۇرلارنى خىتاي كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خىتاي-ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەندەك ئۈچ خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2017-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللەت ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا يولغا قويغان. گاۋ بو دەل شۇ ئاينىڭ 13-كۈنى «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» تورىدا «شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ‹ئۈچ ئەزەلدىن› ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق بولۇپ خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىدى» دەپ داۋراڭ سالىدۇ. ئۇ، يەنە 2020-يىلى خىتاينىڭ «يەرشارى تورى» دا «قانداق قىلغاندا مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «مۇئەللىپنىڭ شىنجاڭدىكى شەخسەن كۆزىتىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى. شۈبھىسىزكى، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم مەنبەسى. بۇنىڭ ئۈچۈن. . . جىڭ جۈي ئوپېراسى ئېيتىش، ياڭگېر ئۇسۇلى ئويناش، جۇۋاۋا تۈگۈش، تەقۋادارلىق قىلىش، تاڭ سۇلالىسى شېئىرلىرى ۋە سوڭ سۇلالىسى تېكىستلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، ئۈچ خەتلىك كلاسسىك ۋە شاگىرت قائىدىلىرىنى يادلاش كېرەك».
مانا شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى گاۋ بو ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى ۋە ئاشۇرماقتا.
2018-يىلى 11-ئايدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتى ۋە مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىنى ئېنىقلاش ئىشلىرىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئەڭ مۇھىم ھايات شاھىتلاردىن مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق ئاشۇ ئىنستىتۇتتا ئىشلەيدىغان ئاخىرقى بىر نەچچە ئۇيغۇر پروفېسسورلار، ئوقۇتقۇچىلارمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.
دېمەك، مەمۇرىي جەھەتتىن گاۋ بونى باشقۇرىدىغان پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا قولغا ئېلىندى ۋە ئۇنىڭ كۆزىگە قادالغان ئۇيغۇر تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، فولكلورى، تىل تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تونۇلغان ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنى تىكلەشنىڭ باشلامچىلىرى بولغان بىر قاتار ئۇيغۇر ئالىملىرى، زىيالىيلىرى، تەتقىقاتچىلىرى، ئەدىبلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىندى.
بۇ ۋاقىتتا گاۋ بو ئۆزىگە ئېتىراز بىلدۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالدى دەپ ئويلىغان ۋە ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتمەستىن «تۈركىي تىللار دىۋانى‹نىڭ ئاپتورى ۋە ئۇنىڭ مازىرى ھەققىدىكى گۇمان ۋە ئويلىنىشلار» نامىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇ، ئوپالدىكى مازارنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي مازىرى ئىكەنلىكىنى پولاتتەك دەلىل بىلەن تەمىنلىگەن «ھەزرەتى موللام مازىرى تەزكىرىسى» ۋە 1836-يىلى موللا سادىق شاھ ئەلا ئوغلى نامىدىكى زاتنىڭ «مەسنەۋىي شىرىف» ناملىق كىتابنىڭ بىر قوليازمىسىنى مازارغا ۋەخپە قىلىپ بېرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈلگەن ۋەخپە نامىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن گاۋ بو زامانىمىز تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ پېشۋالىرىدىن تۈركىيەلىك پروفېسسور ئاھمەت بىجان ئەرجىلاسۇن (ئاھمەت بىچان ئەرچىلاسۇن) ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەرجىمىسىنىڭ كىرىش سۆزىدىكى بىر جۈملىنى قىسمەن ئۆزگەرتىپ مۇنداق يازىدۇ: «ئەگەر بۇ ھۆججەت راست بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھۆججەت قەشقەر ۋىلايىتى ئوپال ئازىغ كەنتىدىكى ھەزرىتى موللام مازىرىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتىدۇر». بۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق گۇمانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەرجىلاسۇن ئەپەندىنىڭ ئىلمىي تەھلىللىرىنى بۇرمىلاش ۋە رەت تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى يوشۇرالماي قالىدۇ. ئۇنىڭ، ماقالىسىدە 2 قېتىم تىلغا ئېلىنغان قۇتلۇق شەۋقى ئىسمىنى بىر-بىرىدىن پەرقلىق يازغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا تونۇش مەمتىلى تەۋپىقنىڭ ئىسمىنى پەقەتلا «مەممەت» دەپ ئۆتۈپ كېتىشىگە قاراپ، ماقالىسىنى ئۇنىڭ ئۆزى يازمىغانلىقىنىمۇ، ھەتتا تەييارلاتقانلىقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن.
ئىلىم ئىگىسى قىياپىتىگە كىرىۋالغان سىياسەتچى گاۋ بونىڭ 25 يىل داۋاملاشقان سۇيىقەست سىنارىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى، قانچىلىغان زىيالىيلارنىڭ ناھەق تۈرمىلەرگە تاشلىنىشىغا ھەتتا ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقى ئېنىق. گاۋ بو ۋە باشقىلار تەشەببۇس قىلغان مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مازىرى ۋە ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز مىللىي تارىخىنى ئۇنتۇشقا، مىللىي مەدەنىيىتىدىن ئىپتىخارلىنىش ۋە ئۆز مىللىي كىملىكىنى راۋاجلاندۇرۇش روھىنى يوقىتىشقا، ئۇنىڭ ئورنىغا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» ئېڭىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىشكە مەجبۇرلاش تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇنى نۆۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۇھىم سىياسىتىگە ئايلاندۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى ئەنە شۇ گاۋ بو كۆزەتكەن ۋە ئىدىيەسىنى چۈشەنگەن فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى مۇددەتسىز ۋە ئۇزۇن يىللىق تۈرمە جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتجان ئوسمان ۋە يۈزلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ جازالاش بىلەن تەڭ قەدەمدە ئېلىپ باردى. ئۇ كۈنىمىزدە بۇ زوراۋانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئويناۋاتقان ھەر خىل ئويۇنلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشقان مەشھۇر شەخسلەرگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرالمايدۇ. ھەرقانداق زوراۋان كۈچ جىسمى «كاشغەرىي» ئىسمى بىلەن مەڭگۈلۈك مۇجەسسەم بولۇپ كەتكەن ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينى ئۆز مىللىتى ئۇيغۇردىن ھەرگىز ئايرىيالمايدۇ.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.