ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى يوشۇرۇشتىكى خىتايچە ساختاپەزلىك
2024.05.02
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر تۈرلۈك پاكىتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققىتىنى ئاغدۇردى. چۈنكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى دۇنيا مىقياسىدا يېڭى پەيدا بولغان مەسىلە بولماستىن، بۇ مەسىلە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە غايەت زور ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. شۇنداقلا «يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى» دەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن باغلانغان چوڭ ئىش ئىدى. 1933-يىلى گېرمانىيە ناتسىستلىرى ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يەھۇدىيلارنى يېتىم قالدۇرۇش، قۇل ئىشچى قىلىش، جاپالىق مۇھىتتا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. بولۇپمۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى قۇل ئەمگەك لاگېر سىستېمىسىنى يۈرگۈزۈشتىكى ھالقىلىق ئامىل بولۇپ قالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار دائىم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھېرىپ-چارچاش، مۇۋاپىق كىيىم ياكى تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرى يوق بولغان شارائىتتا قۇل قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغان، دەرتلىرىگە دەرمان بولىدىغان، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدىغان ھېچقانداق يەر بولمىغان. ئۇلارنىڭ ئىش قىلغۇدەك مادارى بارلىرى گېرمانىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىدا قۇل ئىشچى قىلىنغان. ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىلغانلىرى بولسا قوغلىۋېتىلگەن، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ۋە تاشلىۋېتىلگەن. گەرچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت بۇ جىنايەتلەرنى «قايتا تەكرارلانمايدۇ!» دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 21-ئەسىردە بۇ جىنايەتلەر ئۇيغۇرلار ئۈستىدە قايتا تەكرارلىنىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي تەرىپىدىن بۇ جىنايەتلەر ساختىپەزلىك بىلەن يوشۇرۇلماقتا.
30-ئاپرېل ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارالىق ئىشلار بويىچە مۇئاۋىن يارەمچى باشلىقى تېئا لى (Thea Lee) دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشىنىڭ ئەسلىدىنلا قانۇنسىز بولغىنى سەۋەبلىك، ئالاقىدار خەلقئارالىق شىركەتلەرنى ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىشكە چاقىردى. مەزكۇر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى كرىس سىمىس (Chris Smith) مۇ خىتاينىڭ ئۈچىنچى تەرەپ مۇستەقىل تەپتىش قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. كرىس سىمىس (Chris Smith) سۆزىدە، نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنىڭ قىل سىغماس ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ئىش خەلقئارا ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغاندىن ئەتىسىلا، يەنى 1-ماي كۈنى خىتايمۇ دەرھال ئۆزىنىڭ «كۆزەتكۈچىلەر» تورىدا «ئامېرىكا يەنە شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغانلارنى ئويدۇرۇپ، چەت ئەل كارخانىلىرىنى خىتايدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا» ناملىق ئوبزورنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئاتالمىش «يالغانچىلىقى» نى تەنقىد قىلغان. خىتاينىڭ مەزكۇر ئوبزورىدا ئۇيغۇر ئېلىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكى، چۈنكى خەلقئارالىق كارخانىلار كۆپ قېتىم «مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان» لىقىنى، ئامېرىكانىڭ قەستەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئىشسىزلاشتۇرۇش ۋە نامراتلاشتۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقچى ئىكەنلىكىدەك مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.
ئۇنداقتا، بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ زادى مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىدە بىر قاراپ باقايلى.
مەجبۇرىي ئەمگەك (يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ھاشار) مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە خىتايدا 1950-يىللاردىن بۇيان ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدە 2004-يىللىرىدىن بۇيان ئاتالمىش دېھقانلارغا قارىتىلغان «مەجبۇرىيەت ئەمگىكى» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلغان. 2017-يىلى فېۋرالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرغان» لىقىنى جاكارلىغان. بۇ سەۋەبلىك 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پۈتۈنلەي ئازاد بولمىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك لاگېرلارغا قامىلىش، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ياقا-يۇرتلارغا كوللېكتىپ كۆچۈرۈلۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىش، خىتاي كارخانىلىرىدا قۇل ئىشچى بولۇش قاتارلىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈشنى باشلىغانىدى. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە كاللىمىزغا تەبىئىيلا خىتاي «پۈتكۈل شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلغان» تۇرسا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى يەنە نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق يۈز بېرىدۇ، دېگەن سوئال كېلىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى بىكار قىلغىنى يوق! ئەكسىچە، «ئىختىيارى ئەمگەك گۇرۇپپىسى (志愿者服务团队)»، «ئىشلەش ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىش (以工代赈)» قاتارلىق باشقىچە ناملاردا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ئىختىيارى ئەمگەك گۇرۇپپىسى (志愿者服务团队)» بولسا، بىڭتۇەننىڭ «غەربىي رايون پىلانى» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن خىتاي ياشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئىختىيارى ئەمگەك نامىدا ھەقسىز ئەمگەككە تەشكىللەيدىغان ئورۇننى كۆرسىتىدىكەن. بۇنداق ئورۇنلار 2017-يىلىلا 781 گە يەتكەن بولۇپ، «ئىختىيارى ئەمگەكچىلەر» نىڭ سانى 700 مىڭغا يەتكەن. بەلكى بۈگۈن بۇ سان تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
«ئىختىيارى ئەمگەك» پۈتۈنلەي ھەقسىز ئەمگەك بولۇپ، خىتاي بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىش جىنايىتىنى يېپىش ئۈچۈن، ساختىپەزلىك بىلەن تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئەمما بۇ تەشۋىقاتلارنى ئەستايىدىل كۆزەتسەكلا، خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىنى بايقاش ناھايىتى ئاسان. مىسالغا ئالساق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئورگان تور بېتىدە 2021-يىلى 17-مارت بېسىلغان بىر خەۋىرىدە، مەكىت ناھىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ئورگانلىرىدىن كۆچەت تىكىش ھەققىدە يوليورۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، يېزىدىن 50 نەپەر «ئىختىيارى ئەمگەكچى» نى تەشكىللەپ، قۇملۇقتا 10 كۈنلۈك كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. «ئىختىيارى ئەمگەكچى» لەرنىڭ يېتىپ-قوپۇشى ئۈچۈن 3 دانە دالا ئۆيى سوۋغات قىلغان. مەزكۇر خەۋەر قارىماققا بۇ خىل «كىشىلەرنىڭ پىدائىيلىق روھى» دىن تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. خەۋەردە بېرىلگەن سۈرەتتە، بۇ «پىدائىيلار» نىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىكەنلىكى، قۇملۇقتا 10 كۈن تۇرۇپ، ھەقسىز كۆچەت تىكىش خىزمىتى قىلغانلىقىغا نەزەر سالساقلا، مەسىلىنىڭ پىدائىيلىق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىش بىلەن باغلانغانلىقىنى ئاسانلا بايقىيالايمىز.
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مىقياسىدىكى نامراتلارغا «ئىشلەش ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىش» (以工代赈) مەبلىغىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى(ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ھەددىدىن زىيادە ئېغىر نامرات رايونلارغا سېلىشنى قارار قىلغان. بۇ خىل مەبلەغ پەقەت نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا، نامراتلارنى ئىشلىتىش ۋە ئۇلارغا مۇۋاپىق ھەق بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامراتلارنى 2014-يىلى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق بىر ئوبلاست ۋە ئۈچ ۋىلايەتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەددىدىن زىيادە نامرات رايونلار دەپ بېكىتكەن. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، يۇقىرىقى ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەردە ئاساسەن ئۇيغۇر نوپۇسى ئولتۇراقلاشقان. شۇ ۋاقىتتىكى ئىستاتىستىكىدا بۇ جايلاردا 2 مىليون 677 مىڭ نامرات خەلق بارلىقى ۋە بۇ نامراتلار پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامراتلار سانىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دېمەك، يۇقىرىقى «ئىشلەش ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىش» مەبلىغى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىشلەمچىلىككە سېلىنىدىغانلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ نامرات خەلقى بولغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى تەبىئىي. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، بۇ خىل مەبلەغ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلۇشلاردا خىزمەت قىلغانلارغا، مەزكۇر مەبلەغنىڭ ئون ياكى ئونبەش پىرسەنتى مائاش قىلىپ بېرىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. لېكىن بۇ ئىش ھەققىنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىگە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنمۇ يوق، بۇنىسى نامەلۇم. ئەمما خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئاشكارا بېرىلگەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مەزكۇر تۈرلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرىشكەن ئىش ھەققىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوخشاش تۈردە خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئىش ھەققىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكى ئاشكارا.
مىسالغا ئالساق، 2018-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 50 مىڭ مو يەردە ئۈزۈمچىلىك بازىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن 59 مىليون 100 يۈەن «ئىشلەش ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىش)» مەبلىغى سېلىنغان. مەزكۇر بازىنىڭ قۇرۇلۇشى بىر يىلدا تاماملانغان. خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى 900 دىن كۆپ نامرات ئۇيغۇر ئائىلىگە «ئىشلەش ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىش)» مەبلىغىدىن 6 مىليون 431 مىڭ 900 يۈەن ئىش ھەققى سۈپىتىدە بۆلۈپ بېرىلگەن.
قارىماققا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ سانلارنى ھېسابلاپ باققىنىمىزدا، بۇ پۇلدىن ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ئېرىشكەن ئىش ھەققى ئارانلا 7146 يۈەن. يەنى بۇ پۇلنى 12 ئايغا سۇندۇرغىنىمىزدا، مەزكۇر قۇرۇلۇشتا بىر يىل خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ھەتتا 600 يۈەندىنمۇ تۆۋەن بولغان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىنغان 50 مىڭ يەر بولسا تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەتتىكى تېرىلغۇ يەرلەردىن پەرقلىق بولغان قۇملۇقتا بۇنچە چوڭ ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىشقا ئەلۋەتتە، زور جىسمانىي كۈچ سەرپ قىلىنغان. ئېچىنارلىقى شۇكى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە جاپالىق بولغان جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنىپ تۇرۇپمۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ پۈتكۈل خىتايدىكى ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامرات كىشىلەرنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولىشىدۇر. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى خىتايدىكى ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامراتلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنىڭ 9808 يۈەن بولغانلىقىنىڭ ئېلان قىلغانىدى. ئەمما دەل مۇشۇ 2019-يىلى تەكلىماكاندا 50 مىڭ مو يەرگە ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر يىل ئىشلىتىلگەن كېرىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى ئارانلا 7146 يۈەن بولغان.
يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان دەلىللەردىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى «ئىختىيارى ئەمگەك» نامىدا قۇل ئىشچىلىققا سېلىنغان. ھەتتا بۇ خىل قۇل ئىشچىلىققا سېلىنغان ئۇيغۇرلار كۈنلەپ، ئايلاپ ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلماي، جاپالىق ۋە ئېغىر بولغان جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان. لېكىن خىتاي بۇ قىلمىشلىرىنى سىياسىي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ساختىپەزلىك بىلەن پەردازلاپ، ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقتا. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىش ۋە خىتاي جىنايەتلىرىنىڭ يىپ ئۇچىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تېپىپ چىقىپ، خىتاينىڭ ساختىپەز تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەسلى يۈزىنى ئېچىپ تاشلاش، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم زۆرۈرىيەت ھېسابلىنىدۇ.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.