«مەڭگۈتاش ئابىدىلىرى» گە ئويۇلغان خىتايچە خەتلەر نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2025.01.22
tash-putuk-menggu-tash-01 مەركىزى قازاقىستاندىكى خەلقئارا تۈركىي ئاكادېمىيەسى بىلەن موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان قەدىمكى تۈرك قاغانلىقىغا ئائىت تاش پۈتۈك
turkicacademy.org

2025-يىلى 13-يانۋار كۈنى مەركىزى قازاقىستان ئاستانا شەھىرىدىكى تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ تور بېتىدە، «موڭغۇلىيەدىن تېپىلغان قەدىمكى تۈرك ئابىدىسىنىڭ يېشىلىشى تۈرك قاغانلىقى تارىخىغا يېڭىدىن ئېنىقلىما بەردى» تېمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى ۋە بۇ خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى دۇنيا ئىلىم ساھەسى جۈملىدىن تۈركىي مىللەتلەر ئىلىم دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغىدى.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان تۈرك ئابىدىسى 2022-يىلى تۈرك ئاكادېمىيەسى بىلەن موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا، موڭغۇلىيەنىڭ ئۆتۈكەن رايونىنىڭ نومگون ۋادىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش داۋامىدا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان تاش ئابىدىنى كۆرسىتىدۇ.

2022-يىلى ئاۋغۇستتا تەتقىقات گۇرۇپپىسى پىروفېسسور دوكتور دارخان خىدىرئالىنىڭ (Prof. Dr. Darhan Hıdırali) يېتەكچىلىكىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئابىدە تېكىستىنى ئوقۇش، يېشىش خىزمىتىنى تاماملىغان ۋە بۇ ھەقتىكى رەسمىي ئىلمىي دوكلاتىنى «تۈرك كۈلتۈرى ژۇرنىلى» نىڭ 2022-يىللىق كۈزلۈك سانىدا ئېلان قىلغان.

بۇ دوكلاتتا تاش پۈتۈكنىڭ ئىككى يۈزىدىكى قەدىمكى تۈرك يېزىقى (تۈرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، سوغدى يېزىقى ۋە بىراھمى يېزىقىدا يېزىلغان 12 قۇر تېكىستتە «قۇتلۇگ قاغان»، «ئۇد (كالا) يىلى»، «تۈرك»، «تۈمەن» ۋە « تەڭرى ئوغلى» دېگەن ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تاش ئابىدىدىكى بارلىق سۆزلەر تېخى يېشىپ بولۇنمىغاچقا، خاتىرە تاش پۈتۈكىنىڭ ئىگىسى ھەققىدىمۇ ئىلىم دۇنياسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە داۋاملىق يېڭى تەتقىقاتلار مەيدانغا كەلمەكتە. تۈرك ئاكادېمىيەسى ۋە موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرى 2024-يىل 24-ئاۋغۇستتا ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، مەزكۇر دەرگاھنىڭ كۆكتۈرك دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكى ۋە ئۇ يەردىن تېپىلغان تاش پۈتۈكنىڭ كېيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى 682-692-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان ئېلتەرىش قاغاننىڭ خاتىرە مەڭگۈ تېشى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن. تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم «بىلىك» ژۇرنىلىنىڭ 2023-يىللىق سانىدا «نومگون ئابىدىسىدىكى قۇتلۇق قاغاننىڭ كىملىكى مەسىلىسى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، تاش پۈتۈكنىڭ ئېلتەرىش قاغانغا ئەمەس، بەلكى ئېلتەرىش قاغاننىڭ قېرىندىشى كېيىنكى تۈرك ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئىككىنچى تەخت ۋارىسى قاپاغان) Kapgan) قاغانغا (692-716) ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەركىزى قازاقىستاندىكى خەلقئارا تۈركىي ئاكادېمىيەسى بىلەن موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان قەدىمكى تۈرك قاغانلىقىغا ئائىت تاش پۈتۈك
مەركىزى قازاقىستاندىكى خەلقئارا تۈركىي ئاكادېمىيەسى بىلەن موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان قەدىمكى تۈرك قاغانلىقىغا ئائىت تاش پۈتۈك
turkicacademy.org

2023-يىلى تەتقىقاتچىلار نومگون ۋادىسىدىن تېپىلغان تاش پۈتۈكنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى خەتلەرنى يېشىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ بۆلەكتىكى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەر ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بولغاچقا ئاساسىي جەھەتتىن ئوقۇشقا مۇمكىن بولمىغان. تاش پۈتۈكنىڭ ئارقا يۈزىدە قىسمەن ساقلىنىپ قالغان خىتايچە خەتلەر ئويۇلغان تېكىستلەر بايقالغان بولۇپ، 2024-يىلى خىتايچە تېكىستلەرنى يېشىش خىزمىتى ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى بورجىگىتاي مۇرېن، دوكتور چۇي نىڭ ۋە دوكتور سۇگارنىڭ باشچىلىقىدا داۋاملاشتۇرۇلغان.

تاش پۈتۈكتە ئويۇلغان خىتايچە خەتلەرنىڭ تىك يۆنىلىشتە يېزىلغانلىقى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن بولۇپ، جەمئىي 15 قۇر، ھەر بىر قۇردا تەخمىنەن 24 خەت بولۇپ، يېشىشكە تېگىشلىك 290-300 گىچە خەت بار ئىكەن. بۇ يىل 1-ئايغا قەدەر، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇتەخەسسىسلەر بۇ پۈتۈكتىكى قەدىمكى خىتاي تىلىدىكى بىرقانچە سۆزنى يېشىپ چىققان ۋە ئۇنى ئىلىم دۇنياسىغا جاكارلىغان. ئالىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4-قۇردا «تۈرك» ئاتالغۇسى ۋە خىتايچە «گۇ-دۇ-لۇ» دەپ ئوقۇلىدىغان «ئۇنۋان» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «قۇتلۇگ» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى ئېنىقلانغان. ئالىملار تاش پۈتۈكتىكى تېكىستلەرنى ئۇقۇش، يېشىش خىزمىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرماقتىكەن.

نومگون ۋادىسىدىن تاش پۈتۈكنىڭ تېپىلىشى ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى كۆلتېگىن، بىلگە قاغان ۋە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىن كېيىنكى چوڭ بايقاش دەپ قارالماقتا. گەرچە تاش پۈتۈكتىكى «قۇتلۇق» ئۇنۋانى بېرىلگەن قاغاننىڭ كىملىكى مەسىلىسى داۋاملىق تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قاغاننىڭ خاتىرە دەرگاھىدىن بايقالغان بالبال، ھەيكەللەردىكى ئاشنا قەبىلىسى تامغىسى، شىر، بۆرە بېشى قاتارلىق سىمۋوللۇق بەلگىلەرگە ئاساسەن، بۇ تاش پۈتۈكنىڭ دەۋرى كېيىنكى تۈرك خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەرگە تۇتىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

نومگون مەڭگۈ تېشىدا ۋە ئورخۇن-يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغان بىر قىسىم خاتىرە مەڭگۈ تاشلىرىغا ئىلاۋە قىلىنىپ ئويۇلغان خىتايچە خەتلەرگە قارىتا تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى بۇ ھادىسىنىمۇ ئۆز سىياسىي خاھىشى بويىچە ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە قانداق قارايدۇ؟

ئىلگىرى خىتاينىڭ «ۋاڭيى»، «خاۋكەن» قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە، بىر قىسىم خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى «ئورخۇن ئابىدىلىرى» ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشقانىدى. خىتاي تەشۋىقاتچىلار تۈركلەرنىڭ تاڭ سۇلالىسىنى ئىنتايىن ۋەھشىي ۋە قورقۇنچلۇق كۆرسىتىپ بۇنى تاشقا ئويغانلىقىنى، ھالبۇكى خىتايلارنىڭ ئەكسىچە تۈركلەرنى ماختاپ يازغانلىقى، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلغانلىقى، بۈگۈن بۇنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنىڭ ھەيران قېلىشقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

تونۇلغان تۈرك تارىخچىسى ئەخمەت تاشاغىل ((Ahmet Taşağıl ئىلگىرى كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ بىر يۈزى ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىنىڭ بىر يۈزىگە ئويۇلغان خىتايچە سۆزلەر ھەققىدە 2002-يىلى تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە مەخسۇس بۇ ھەقتە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانىدى.

كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى 2-كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ قوماندانى ۋە دۆلەت ئەربابى كۆلتېگىننى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاكىسى بىلگە قاغان تەرىپىدىن تىكلەنگەن ئابىدە تېشى ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن 731-يىلى كۆلتېگىن ۋاپات بولغىنىدا خىتاي تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانى ماتەم مۇراسىمىغا ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىش بىلەن بىرگە  كۆلتېگىننىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىم ۋە ھەيكەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر مەقبەرە سالغۇزۇش ئۈچۈن خېلى كۆپ تاش ئۇستىلىرى، ھۈنەرۋەن-سەنئەتكارلىرىنى ئەۋەتكەن ئىكەن. تاڭ شۈەنزوڭ يەنە كۆلتېگىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۆز قولى بىلەن بىر پارچە تەزىيەنامە يېزىپ ئۇشبۇ خەتنى تاشقا ئويدۇرغان ئىكەن. ئۆز دەۋرىدە بۇ مەقبەرە ۋە خاتىرە ئابىدىسى پۈتكەندىن كېيىن، بىلگە قاغانمۇ تاڭ ھۆكۈمدارىنىڭ بۇ خىل «دوستلۇقى» دىن تەسىرلەنگەن ئىكەن. ھالبۇكى، بىلگە قاغان ئوخشاش بىر تاش ئابىدىنىڭ يەنە بىر يۈزىگە كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى، خىتايلارنىڭ تۈركلەرنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى، شۇڭا تاۋغاچلارنىڭ (خىتايلارنىڭ) «دوستلۇقى» دىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى قاتارلىق مەزمۇنلاردا نەسىھەتلىرىنى ئويدۇرغان. پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئەينى ۋاقىتتا بىلگە قاغاننىڭ خاتىرە تاش پۈتۈككە تۈركچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل يېزىقتىكى تېكىستلەرنى ئويدۇرۇش مەقسىتىمۇ، خىتايلارنىڭ ھەرقانچە دوستانە مۇئامىلىدە بولسىمۇ، يەنىلا تۈركلەرگە دۈشمەنلىك ۋە ھىيلە-مىكىر پىلانلايدىغانلىقىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.

ئەخمەت تاشاغىل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆلتېگىن ئابىدىسىگە ئويۇلغان خىتايچە تېكىست خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ كىلاسسىك پەلسەپە ئىدىيەسى ۋە ئۇسلۇبىغا ئەمەل قىلغان ھالدا، دۇنيانىڭ يارىتىلىشىدىن باشلىنىپ، تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى كۇڭزى تەلىماتلىرى ۋە لىرىك كىلاسسىك شېئىرلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ بايان قىلغانىكەن.

تېكىستتە يەنە خىتاي خانىدانلىقلىرىنىڭ شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ ساراسىمە سېلىشىدىن ئەڭ قورقىدىغانلىقى، شۇڭا بۇلارنى تىزگىنلەشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئارقىدىن، كۆلتېگىننىڭ كىملىكى، ئەسكىرىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىغا بولغان چوڭقۇر ئازابلىق تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن. ئۆزلىرىنىڭ بىلگە قاغاننى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتاي ئۈچۈن مۇھىم شەخس دەپ بىلىدىغانلىقى، شۇڭا بۇلار ئارىسىدىكى دوستلۇق-ئىناقلىقنىڭ يىراق شىمالىي ئاسىيا بوزقىرلىرىغا قەدەر داڭقىنىڭ تارىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ تاش ئابىدىنى تىكلىگەنلىكى يېزىلغان ئىكەن.

تارىخچىلار بۇ دەۋردە تۈركلەر بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى«ئۆلۈم يا كۆرۈم» مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىدۇ. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمرانىنىڭ كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىغا ئويدۇرغان. مەزمۇنلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ياسالما، يالغان-ياۋىداق سۆزلەردىن قۇراشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ تۈرك-رونىك يېزىقىدىكى قىسمىنىڭ مەزمۇنى بىلەن قەدىمكى خىتاي يېزىقىدا يېزىلغان قىسمىنىڭ مەزمۇنى گەرچە ھەر ئىككىسىدە تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تۈرك-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شەرھلەش ئۇسۇلى ۋە ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە تۈپتىن پەرقلىنەتتى. تۈرك يېزىقىدىكى قىسىمدا تاشنىڭ شەرقىي يۈزىدە يەنە خىتايلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە تۈرك خەلقىگە مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەن: «بەگلىرى، خەلقى دۇرۇس بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تاۋغاچ (خىتاي) خەلقى ھىيلىگەر ۋە ساختىپەز بولغانلىقتىن ئاكا بىلەن ئىنىنى، بەگلەر بىلەن خەلقنى بىر- بىرىگە قارشى كۈشكۈرتكەنلىكى ئۈچۈن تۈرك خەلقى دۆلىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. قاغانىنى يىتتۈردى. بەگ بولۇشقا لايىق ئوغۇللىرى خىتايلارغا قۇل بولدى؛ مەلىكە بولۇشقا مۇناسىپ قىزلىرى دېدەك-چۆرە بولدى. تۈرك بەگلىرى تۈرك ئۇنۋانلىرىنى تاشلاپ خىتاي ئۇنۋانلىرىنى قوللىنىپ خىتاي قاغانىغا بېقىنىپ، ئەللىك يىل بىجانىدىل خىزمەت قىلدى».

كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشىدىكى خىتايچە تېكىستتە بولسا، تۈركلەر بىلەن خىتايلارنىڭ دوست ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمدارى تۈرك-خىتاي مۇناسىۋىتىنى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىدۇ. بىرقانچە يەردە «ئاتا-بالا» ئىبارىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇنۇ مەزمۇندا يېزىلغان قۇرلار ئۇچرايدۇ:

«مېنىڭ زامانىمغا كەلگەندە، تۈركلەر بىلەن خۇددى ئاتا-بالىدەك بولدۇق. ئوقلار ۋە يالار قىنىغا كىردى. ئۇرۇشلار توختىدى. سىلەر بىزگە چېقىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىزمۇ ھەرگىز ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلەتمەيمىز. بۇ بۇندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ چېگراسىغا يېڭىدىن تاجاۋۇز قىلمايدىغانلىقىمىزنىڭ كاپالىتى».

بۇ سۆزلەر بىزگە بۈگۈنكى كۈندىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ ئېغىزىدا «خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايمىز» دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا زۇلۇم ۋە يوشۇرۇن يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشى بىلەن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ.

مەڭگۈ تاشلارغا ئويۇلغان خىتايچە تېكىستلەر خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تارىخنى ئۆز ئەينى بويىچە كۆرسەتمەي، ساختا تارىخ يارىتىش ۋە تارىخنى پەردازلاش ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ خالاس.

بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيە ئالىملىرىدىن مەرھۇم تۈركشۇناس پىروفېسسور دىمىترىي ۋاسىليېفمۇ كۆپ يىللار جەنۇبىي سىبىرىيە، يەنى تۇۋا قاتارلىق جايلاردىن مەلۇم ساندا تاشقا ئويۇلغان قەدىمكى تۈرك سۆزلىرى پارچىلىرىنى تاپقان بولۇپ،  ئۇ بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ دەپ قارىغانىدى.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.