ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى مۇساپىلەر: مەنپەئەت بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا (2)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.09.14
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقاردى نيۇ-يورك پورتىدىكى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىملىرى خىتايدىن كىرگەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ياكى جازا لاگېردىكىلەرنىڭ ئەمگىكى بىلەن ياسالغان دەپ گۇمان قىلىنغان يالغان چاچ ۋە قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.
AFP

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەلىمىدە «زامانىۋى قۇللۇق» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھادىسىگە قارشى تەدبىرلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىققان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) 2022-يىلى ئىيۇندا رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى تەرەققىياتلار خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئالدى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان يوچۇقلاردىن خىتاينىڭ قانداق پايدىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمۇ ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ UFLPA غا قارشى خىرىسلىرى

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان قولغا كەلگەن ئەڭ بىۋاسىتە ئۇتۇقلار ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP)نىڭ سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدا كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغا قەدەر 6.1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممەتكە ئىگە بولغان 4600 دىن كۆپرەك مال يوللانمىسىدىكى تاۋارلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇمان بىلەن ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان. ئامېرىكا تاموژنىسى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى ئۈچۈن مۇئەييەن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ توۋارلارنى قانۇن ۋە ئەخلاق نورمىسى ئاساسىدا كەسكىنلىك بىلەن پېچەتلىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا بازىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار شۇنىڭ بىلەنلا كۆزدىن غايىب بولغىنى يوق. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) سودا باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېرىك چوي (Eric Choy) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان غايەت زور مىقداردىكى توۋارلارنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئىقتىدارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئېھتىياجدىن تولۇق چىقالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئارون گلاسېرمان (Aaron Glasserman)نىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى يەنە بىر سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئىقتىسادىي جازاغا قارشى تەدبىرلىرى پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلاردۇر. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىكى بەزى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

«ھازىر بىزگە مەلۇم بولغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق تاۋارنى ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسى بەكمۇ كەڭ. يەنە كېلىپ كىرىۋاتقان توۋارلارنى ئېنىقلاش ئىشى ئۇلارنى ئىمپورت قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ھەر كۈنى خىتايدىن كەلكۈندەك كېلىۋاتقان غايەت زور توۋارلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللەپ چىقىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئىككىنچىدىن، بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشتا بەزى يوچۇقلار مەۋجۇت. بەزى تاۋارلار ئامېرىكا بازىرىغا ئۇدۇل خىتايدىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالايلى، بىر قىسىم توۋارلار شىنجاڭدا ئىشلەنگەندىن كېيىن خىتاي ئۇلارنى ۋىيېتنامغا يۆتكەپ، ئاندىن بۇ جايدىن ئامېرىكا بازىرىغا ئېكىسپورت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ توۋارلارنىڭ ئەمگەك مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلغىلى بولمايدۇ. ئۈچىنچى بىر خىل ئەھۋال شۇكى، ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن بىر قىسىم توۋارلار ‹ئەڭ تۆۋەن مال قىممىتى چېكى›دە بەلگىلەنگەن قىممەتكە يەتمىسە ئۇلارنى تەكشۈرمەستىن ئۆتكۈزۈشتەك يوچۇقتىن پايدىلىنىپ بازارغا كىرىۋاتىدۇ. بۇمۇ مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بىر خىرىس بولۇۋاتىدۇ.»

دەرۋەقە دوكتور ئاروننىڭ قارىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەنئى قىلىدىغان بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئامېرىكا تەۋەسىدە ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشقان بىلەن خىتاي تېرىتورىيەسىدە سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەر ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى مەلۇم بىر توۋارغا «بۇ توۋار مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىقمۇ؟» دەپ سوئال قويۇش ناھايىتى زور خەتەرلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. «مۇھاپىزەتچى»، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپ قېتىملاپ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، بۇنداق سوئال قويغان چەتئەل شىركەتلىرىنى ياكى ئۇلارغا ئېنىق جاۋاب بەرگەن چەتئەل مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىڭ «چەتئەل كۈچلىرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش» نامىدا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

«خىتاينىڭ ئىقتىسادىي رامكىسىدا شىنجاڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇندا!»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قانۇننى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق بۇ قەبىھلىكنى چەكلەشكە تىرىشىۋاتقاندا خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بۇنىڭغا قارشى مېخانىزىملار بۇنىڭدىكى بەزى ئۆزگىچە رېئاللىقنى نامايان قىلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئەسلىدىكى «دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى خىتاي بولۇشتەك يېڭى يۈزلىنىش ئوتتۇرىغا چىققان. 2018-يىلىدىن باشلاپ مۇزاكىرىگە قويۇلغان ۋە 2023-يىلى يانۋاردا رەسمىي ئېلان قىلىنغان «خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ چېگرا رايونلارغا يۈرۈش قىلىشى» ھەققىدىكى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش بولسا بۇنىڭ تەسادىپى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن.

دوكتور ئاروننىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى بۇ يۈزلىنىشنى دەل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش دولقۇنى قوزغالغاندا باشلىغان. 2020-يىلى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشلاردا ئۇلار خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشىنى ئەرزان ئېكىسپورت ۋە ئىچكى ئىستىمالغا تايىنىپ ئەمەس، ئەكسىچە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ خەلقئارا ئىستىمالنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان. بۇ خىل زور نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇر دىيارى دەل خىتاينىڭ تاشقى سودا ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم سەھنە بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ مۇنداق دېدى.

«شۇنداق. مېنىڭچىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى بىلەن مىللىي سىياسىتى بۇ ماكاندا چەمبەرچەس بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. ھازىر بىز تىلغا ئېلىۋاتقان شىنجاڭ رايونى خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىغا كېڭىيىشتە ئاساسلىق ئۆتكۈنچى يول ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› باشلانغاندىن كېيىن بولسا بۇ خىل مۇھىملىق تېخىمۇ روشەنلەشتى. شۇڭا شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى خىتاي ئۈچۈن بەك مۇھىم. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق شىنجاڭ خىتاينىڭ بەكمۇ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا شىنجاڭ ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي يۈكسىلىشىدە غايەت زور ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن بىرنەچچە ئون يىلغا قارايدىغان بولساق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى سىياسەتلىرى ئىزچىل بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى يادرو قىلغان ھالدا ئىزچىل كۈچىيىپ ماڭدى. چۈنكى خىتاي ھېچقاچان بۇ زېمىننى قولدىن بېرىپ قويۇشنى ياكى ‹بۆلگۈنچىلەر›نىڭ ئۇنىڭغا ئىگە بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. دەل مۇشۇ قورقۇش تۇيغۇسى ئۇلارنى ئىزچىل ھالدا يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەقىقىي بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۈندەپ كېلىۋاتىدۇ.»

دەل مۇشۇ خىل دۆلەت سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارى ھازىر خىتاي ئۈچۈن «ھەرقانداق بەدەل كېتىشتىن قەتئىينەزەر جەزمەن ساقلاپ قېلىش زۆرۈر بولغان» ماكانغا ئايلىنىپ قالغان. ئاۋغۇستتا خىتاي رەسى شى جىنپىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغاندا تەكىتلىگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» نىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى يوليورۇقمۇ بۇ خىل سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.