خوتەنگە «نامراتلىق» قالپىقىنى كىم كىيدۈردى؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.03.28
gilem-toqush-zawuti.jpg گىلەم توقۇش زاۋۇتىدا گىلەم توقۇۋاتقان قىزلار. 2011-يىلى ئۆكتەبىر، خوتەن.
Photo: RFA

«ۋىلايىتىمىز نامراتلارنى يۆلەش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى چوقۇم ۋاقتىدا تاماملاپ، بىر نامرات كەنتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمايمىز!» بۇ، يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە سۆھبەت يىغىنىدا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى يەن گوسەننىڭ قىلغان سۆزى. يەن گوسەننىڭ بايانى بويىچە ئېيتقاندا: خوتەن جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئاساسى ئاجىز، قىيىنچىلىق كۆپ؛ خوتەندە 703 مىڭ 500 نامرات نوپۇس بار بولۇپ، پۈتۈن رايوندىكى نامرات نوپۇسنىڭ 27% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇنداقتا قاشتېشى ماكانى، ياڭاق يۇرتى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك ۋە گىلەم يۇرتى ھەم يىپەك يۇرتى دېگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كېلىنگەن خوتەن دىيارى ۋە ئەمگەكچان خوتەن خەلقى قانداق قىلىپ بۇ قەدەر نامراتلىققا پېتىپ قالدى؟ بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر نېمە؟ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىغان پروگراممىسىدىن خوتەن دېھقانلىرى، كادىر ۋە چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنىڭغا بېرىلگەن ئوخشىمىغان جاۋابلىرىنى ئاڭلايمىز.

مەلۇم بولغاندەك، خوتەن ۋىلايىتىدە نامراتلىق ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، نامراتلىققا پېتىپ قېلىش ئامىللىرى، تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش، تەبىئىي شارائىت، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە بۇ جايدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە مىللىي سىياسەت قاتارلىق مۇرەككەپ ئامىللار بىلەن زىچ باغلانغان.

خوتەن مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى ۋاقىت جەدۋىلى ۋە «يول خەرىتىسى» تۈزۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ چاقىرىقىنى چىقارغان. پىلاندا «2019-يىلىغا بارغاندا ھويلا-ئارام باغۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 1958 سومغا يەتكۈزۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمنى 410 سوم كۆپەيتىدۇ؛ «13-بەش يىللىق پىلان» نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلار كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 20% كە يەتكۈزىدۇ» دېيىلگەن.

خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى«نامراتلىق قاپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقنى تۈگىتىش» خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش پىكىر يولىنى تۈزۈپ چىققانلىقى»نى تىلغا ئالغان.

ھالبۇكى خوتەن دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپ جەھەتتە، سەر خىل، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلاردىن قاشتېشى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى، ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېچىش يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا خىتاي سودىگەرلىرى كۆرۈنەرلىك پايدىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خوتەن قاراقاشنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان بىر دېھقان 10 جانلىق ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى پەقەت ئۆزىگە تەۋە ھويلا-ئارامدىكى ياڭاقتىن چىققان پايدىغىلا قاراشلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ ئائىلە يېقىنقى خوتەننىڭ شەھەر ۋە ناھىيەلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى بويىچە 6 مو يېرىنىڭ 2مو 3 پۇڭ قىسمىنى ياڭاق دەرەخلىرى بىلەن قوشۇپلا ناھىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىڭ زور چېكىنىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

خوتەن دېھقانلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى دېھقاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى مىڭ سومغىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ دېھقان ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، بەش جانلىق ئائىلىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى نورمال بولغاندا 5 مىڭ سوم بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن يەنە نۇرغۇن چىقىملىرىنى غەملەش كېرەك. ئۇنداق بولغاندا ھەر جانغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ساپ كىرىم مىڭ سومدىن توغرا كېلىشىمۇ ناتايىن.

لوپ ناھىيىسىنىڭ بىر كەنت كادىرى، دېھقانلارنىڭ يېرىنىڭ ئاز، دېھقانچىلىققا سالىدىغان مەبلىغى ۋە تېخنىكىسى كەمچىل بولۇشنىڭ ئۈستىگە، قاتتىق باستۇرۇش مەزگىللىرىدە توختىماي سىياسىي ئۆگىنىش ۋە ھاشارغا تۇتۇشنىڭ دېھقانلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا ۋە مەھسۇلاتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئەمما خوتەن ناھىيىلىك نامراتلارنى يۆلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن بىر كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى يۈزەكى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن نامرات بولۇشىنىڭ سىياسەت بىلەن ئالاقىسى يوق دېگەندە چىڭ تۇردى ۋە ھاشارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىنكار قىلدى، خوتەن خەلقىنىڭ نامرات بولۇپ قېلىشىنى بولسا پۈتۈنلەي دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئارتىپ «نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتىمىز، دېھقانلار ئۆزلىرى ھۇرۇن، تېخنىكا ۋە تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، يېڭىلىق ئۆگەنمەيدۇ، ھۇرۇن» دېدى.

گۇمىدىكى بىر كىچىك كەنتنىڭ كادىرى خوتەندە دېھقانلا ئەمەس، ھەتتا ئوقۇتقۇچى ۋە يېزا، كەنت كادىرلىرىنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ نامراتلىقنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن گېرمانىيەدىكى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ زىچ ۋە ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىگەن خوتەننىڭ ئەزەلدىن پىلانلىق تۇغۇت، ئاتوم سىنىقى، سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىم قىلىش قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرى ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان جاي بولۇپ كەلگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.