ئۆركەش دۆلەت: نەنسىي پېلوسى خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2022.08.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئۆركەش دۆلەت: نەنسىي پېلوسى خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم تەيۋەن زىيارىتىدە 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 2-ئاۋغۇست.
Photo: RFA

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىدەك تەھدىتلىرىگە قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ھەرۋاقىت دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنى قوللايدىغانلىقىدەك كۈچلۈك مەيدانىنى نامايان قىلدى.

ئۇ بۇ زىيارىتىدە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن بىر قاتاردا يەنە، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف ئۆركەش دۆلەت ئەپەندىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق بۇ مەخسۇس سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.