«پەلەستىن قىرغىنچىلىقى» راست، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» يالغانمۇ؟
2024.02.27

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان تۈرلۈك پاكىتلار دۆۋىلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەكشۈرۈش يەنىلا خىتاي رۇخسەت قىلغان دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىپ، خەلقئارانىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئاقىۋەتتە، مەزكۇز تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى، خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغانىدى. ئاخىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ سابىق رەئىسى مىشېل باچېلېت ئىستېپا بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا گەرچە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسى تىلغا ئېلىنمىغان، بەلكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن مۈجمەل ئىبارە قوللىنىلغان بولسىمۇ، بۇ دوكلات يەنىلا خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت تارتقانىدى.
2023-يىلى ئۆكتەبىردە خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يۈز بەردى. بۇ توقۇنۇش بىلەن تەڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىغا يېڭى پۇرسەتلەر يارىتىلدى. بۇ مەسىلە ھەتتا نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانچىلىقى» دەپ تەشۋىق قىلىنىدىغان دەرىجىگە يەتتى.
مانا ئەمدى بىر قىسىم خىتايپەرەس چەت ئەللىكلەر خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا ئاۋاز قوشۇش بىلەن بىرگە، خىتايپەرەس بولمىغان چەت ئەللىكلەرمۇ پەلەستىن مەسىلىسىدە غەربنىڭ پوزىتسىيەسىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھادىسە ئەلۋەتتە خىتاي ئۈچۈن ئۆزىنى داۋاملىق ئاقلاشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى ھازىرلاپ بەردى، دېيىشكە بولىدۇ.
دەرۋەقە، خىتاي بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قولدىن بەرمەي، ئۆز تەشۋىقاتىنى كۈچەپ قىلماقتا. مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، خىتاي تەرەپ 20-فېۋرال ب د ت دا ئېلىپ بېرىلغان «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئىنسانپەرۋەرلىك لايىھەسى» ھەققىدىكى مۇنازىرىدە، ئامېرىكانىڭ بۇ لايىھەنى رەت قىلغانلىقىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېشىل چىراغ ياندۇرغانلىق» دەپ ئەيىبلىدى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ ئالجىرىيە تەرىپىدىن ب د ت غا سۇنۇلغان «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئىنسانپەرۋەرلىك لايىھەسى» گە قارشى چىقىشتىكى سەۋەبى، غەززەدە ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن ئەمەس ئىدى. ئامېرىكا ئەمەلىيەتتە ئالجىرىيەنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش ئىنسانپەرۋەرلىك لايىھەسى» نىڭ ئۇرۇش توختىتىشتا ئۈنۈمى بولمايلا قالماي، بەلكى گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە غەززەدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ لايىھەگە قارشى تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يەنە كېلىپ ئامېرىكا مەزكۇر لايىھەنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن بىرگە، غەززەدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان يېڭى بىر لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن.
https://news.un.org/zh/story/2024/02/1126792 مەنبە:
ھالبۇكى، خىتاي ئامېرىكانىڭ مەزكۇر لايىھەنى رەت قىلىش سەۋەبلىرىنى تىلغا ئالماستىن، بەلكى ئامېرىكانى بۇ لايىھەگە قارشى چىقىپ، «پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمغۇچى دۆلەت» دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، خىتاي پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن پايدىلىنىپ، پەلەستىن ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن.
دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە غەززەدىكى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشتا ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان ھەم ئۇچرىمايدىغان پاجىئەلەر بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان يېپىق ھالەتتىكى، ھېچقانداق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ياكى ب د ت تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭمۇ ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغىمۇ يول قويۇلمىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە جەسەتلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلاش ئىمكانلىرى يوق! خىتاي تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن ئۆيلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئۆيلەر سېلىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ياكى زاۋۇت، كارخانىلارنىڭ قۇرۇلغىنىنى ئاشكارىلاشقا قۇدرىتى يوق! ئۆيلىرى چېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياقا يۇرتلارغا پالىۋېتىلگەنلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ھوقۇقى يوق! ئاتا-ئانىلىرى خىتاي كارخانىلىرىغا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە پالىنىپ، تىرىك يېتىم قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلەردە قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېچىپ تاشلايدىغان شارائىت ئۇيغۇردا يوق! ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» گە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، «ئىشسىز» لاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدە «مۇساپىر ئىشلەمچى» بولۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلاش مۇمكىنچىلىكى يوق! ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ئاتىلىپ كەمسىتىلگەنلىكىنى، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغان ئۆز تۇپرىقىدا، ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بىر پارچە تۇپراقمۇ قالدۇرۇپ قويۇلمىغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرگۈدەك كۈچى يوق! بۇ يەردە پەلەستىنلىكلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سېلىشتۇرۇشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، ئەلۋەتتە. ئەگەر سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە، خىتاي ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسالغۇسىز تەكشۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا شارائىت ھازىرلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئۆزىنى قوغدىيالىشى ئۈچۈن قولىغا قورال بېرەلىشى، ئۇيغۇرلارنى بىڭتۈەندىن ئىبارەت قوراللىق ۋە قانۇنسىز بىر ھەربىي ئورگاننىڭ نازارىتىدىن پۈتۈنلەي ئازاد قىلىشى كېرەك. چۈنكى ھەقسىزلىككە ئۇچرىغاندا ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق ھەرىكەت قىلىشنىڭ تېررورلۇق ئەمەسلىكىنى خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلاردا «خاماس» لار يوق، ئەكسىچە خىتاينىڭ قوراللىق كۈچى «بىڭتۈەن» بار! پەلەستىندە «بىڭتۈەن» يوق، بەلكى ئىسرائىلىيەگە قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان «خاماس» بار! پەلەستىننىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغان، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان دۆلەتلەر ۋە كۈچلەر كۈرمىڭ! ئۇيغۇرلار ياردەمسىز ھەم ھېچقانداق قوللاش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىر ئەسىرگە يېقىن مۇستەملىكە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە!
ۋاھالەنكى، خىتاي پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاغزى يىرتىلغۇچە قوللاۋاتىدۇ، ھەتتا «خاماس» نىڭ ھەرىكىتىنى «تېررورلۇق ئەمەس» بەلكى «مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقنىڭ ھەقلىق قارشىلىقى» دەپ ھەقلەشتۈرۈۋاتىدۇ.
مەنبە: ئەلجەزىرە قانىلى خىتايچە تور بېكىتى
يېقىندا گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا سوت (ICJ) تا ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننى بېسىۋالغانلىقىغا دائىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى «قوراللىق قارشىلىق-بېسىۋېلىنغان زېمىندىكى يەرلىك خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەققى، ‹خاماس› تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس! » دېدى. ئۇنداقتا، ئاپتونومىيە ھەققى بېرىشنى كېلىشىپ، بۇ ھەقلەر ئەمەلىيلەشمىگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇق قول قارشىلىق كۆرسىتىلىشى قانداق بولۇپ «تېررورلۇق» بولۇپ قالدى؟
دېمەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يالغان كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەلەستىن مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ساختىلىقتۇر. پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر پەرقلىق قىسمەتلەر بولۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى كۆز بىلەن كۆرۈش، بېرىپ تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش مۇمكىنچىلىكى بولغان پاجىئەدۇر؛ ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى پەردە ئارقىسىدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان، خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خەلقىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىدا پەردازلانغان، پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە ھەر بىر شەخس يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ئاستىغا كىرگۈزۈلگەن، ھەقىقەتنى سۆزلەش ئىمكانلىرى پۈتۈنلەي يوقالغان بىر تۇپراقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتۇر. بۇ قىرغىنچىلىق گويا بىر توپ لۈكچەكلەرنىڭ قاتتىق زوراۋانلىقىغا ئۇچراۋاتقان گاس ۋە گاچا بىر ئادەمنىڭ «قۇتقۇزۇڭلار! » دەپ چاقىرالماي ئازابلىنىشىغا، ھەتتا ھەقىقەتنى ئېيتالماي، جىنايەتچىنى جازالاشقا ئىمكانسىز قالغىنىغا ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قىرغىنچىلىق ھەم ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان، ھەم باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئاسان بولمىغان، لېكىن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتى تارىختىن بۇيان يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىقلاردىن كۆپ ئېغىر ۋە ۋەھشىي بولغان قىرغىنچىلىقتۇر. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك دۇنيا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپ، خەلقئارا مەسىلە دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىك ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇشقا ئايلانغاندا، دېموكراتىك ئېقىمغا قارشى بولغان ياكى ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان ھەرقانداق دۆلەت ياكى كۈچلەر، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئېقىمغا ئايلىنىشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيەتتە «پەلەستىن قىرغىنچىلىقى» ئارقىلىق، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق رەزىل ھەرىكەتلەردە بولۇشى مۇقەررەر!
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.