راھىلە داۋۇتنىڭ «گۇناھى» نېمە؟

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2023.10.03
rahile-dawut-illustration.jpg تۇتقۇندىكى دوكتور راھىلە داۋۇت.
Yettesu

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، تۇنجى ئەۋلاد خەلقئاراغا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى شۇم خەۋەر ئۆتكەن بىر قانچە كۈندىن بۇيان خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

ئامېرىكادىكى «دىئالوگ فوندى» پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ مەخپىي سوتقا تارتىلىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلىغان ئىدى. مەزكۇر فوندنىڭ ئاشكارىلىغان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، راھىلە داۋۇت 2018-يىلى دېكابىردا مەخپىي سوتلانغان بولۇپ، ئۇ ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر يەتكۈزۈش» دېگەن «جىنايەت» لەر بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

راھىلە داۋۇتنىڭ 2017-يىلى باشلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زور كۆلەملىك چوڭ تۇتقۇنىدا غايىب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق بىر ئۇچۇر بەرمەي كەلگەنىدى. ھالبۇكى، راھىلە داۋۇتنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 22-سېنتەبىر كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ راھىلە داۋۇت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا تىلىنىڭ ئۇچىدىلا جاۋاب بېرىپ، «بۇ ھەقتە مەلۇماتىم يوق، خىتاي قانۇن بويىچە دېلو بىر تەرەپ قىلىدىغان دۆلەت» دېگەن.

راھىلە داۋۇتنىڭ قاچان ۋە قانداق سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 2021-يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىدا بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغانىدى. يەنى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇچۇردا راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. مەزكۇر ئۇچۇردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ مازار تەتقىقاتى ۋە بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن توسالغۇلارنى يەرلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار بىلەن زاكونلىشىپ ھەل قىلىشى، «جەمئىيەتتە قۇتراتقۇلۇق پەيدا قىلىش» دەپ ئەيىبلەنگەن دېيىلگەن.

ۋەھالەنكى، بىز راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتى باشلانغان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تاكى ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان 2017-يىلىغىچە بولغان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ پەقەتلا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەنلا مەشغۇل بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. راھىلە داۋۇت 1990-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ فاكۇلتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتايدىكى داڭلىق فولكلورشۇناس جۇڭ جىڭۋېننىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، بۇ كەسىپتىكى تۇنجى ئۇيغۇر دوكتورى بولۇپ قالغان. شۇندىن باشلاپ ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 2000-يىلىدىن باشلاپ ئۇ خىتاي دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندى قوللىغان «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلاش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «ئۇيغۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىلىق تەتقىقات»، «خەلق داستانلىرىنى قوغداشنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق 3 چوڭ تەتقىقات تۈرىنى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەبلەغ سالغان «ئۇيغۇر خەلق مۇقام-مەشرەپلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مازار مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش» قاتارلىق بىرقانچىلىغان تەتقىقات تۈرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە خەلقئارالىق ھەمكارلاشما تەتقىقات تۈرلىرىدىن «تۈركىي تىللىق خەلقلەر داستانلىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە نەشر قىلىش» قاتارلىق تېمىلارنىمۇ ئىشلەشكە قاتناشقان.

راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابى خىتاينىڭ دۆلەتلىك «211 قۇرۇلۇشى» (211工程) تۈرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ، 2001-يىلىنىڭ ئالدى-كەينى بولۇپ خىتاي ۋە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. راھىلە داۋۇت 2002-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور ئىلمى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. شۇ يىللاردا ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانت ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «فولكلور ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «جۇڭگو ۋە چەتئەل فولكلور تارىخى»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «فولكلور مەدەنىيىتى ھەققىدە ئەمەلىي دالا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى»، «مۇقامشۇناسلىق»، «دىنشۇناسلىق»، «فولكلور تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيەلەر» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئۇ، 2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئامېرىكانىڭ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى فولكلور تەتقىقات مەركىزى ۋە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتېتىدا زىيارەتچى ئالىم بولۇپ، بىلىم ئاشۇرغان. 2006-يىلى 12-ئايدىن 2007-يىلى 6-ئايغىچە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن. راھىلە داۋۇت تاكى 2017-يىلىغىچە داۋاملىق ھالدا ئۆز كەسپىدە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش بىلەن بىرگە، ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

دېمەك، بۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى 90-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانى بىلەن ئۇيغۇر مەمۇرلىرىنىڭ ئورنىنى خىتاي كۆچمەلىرىنىڭ ئىگىلىشى قاتارلىق ھادىسىلەر ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلغان «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسىنى يارىتىشتا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەت «‹ئۈچ خىل كۈچ›نى يوقىتىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلسىلا، خىتاينىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت دەپ قارىلىۋېرىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن ئىدى. ئاقىۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى «‹ئۈچ خىل كۈچ›لەرنى تازىلاش ۋە قايتا تەربىيەلەش» نامىدا ئاشكارا ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ غايىب قىلىنىشى، تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىگە قامىلىشى قاتارلىق تۈرلۈك ھادىسىلەرمۇ دەل بۇ مەزگىللەردىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە يۈز بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، 2016-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. بۇ مەزگىللەردە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا ئارتىلىۋاتقان تۆھمەتلەر ئاساسەن ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ھەتتا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ يىللار ئاۋۋالقى ئاتالمىش «تارىخىي خاتالىق» لىرى قايتا سۈرۈشتۈرۈلۈپ، جاۋابكارلىققا تارتىلغانىدى.

مىسال ئۈچۈن ئېيتساق، 2016-يىلى ساتتار ساۋۇت، ئابدۇرازاق سايىم، ۋاھىتجان ئوسمان ۋە يالقۇن روزى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر جازاغا تارتىلىشىغىمۇ، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكى» نى تۈزۈش تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ھەمدە بۇ ساھەدىكى ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنچە بۇ دەرسلىكلەر ئۈستىدىن كېسىپ پىچىپ، ئۇلارنىڭ «ھۆكۈمەت ئالدىن بايقىمىغان زەھەرلىك ئوقۇشلۇقلار» بولغانلىقىنى، بۇ دەرسلىكنىڭ نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى «خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تەربىيەلەپ چىققانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

قىزىقارلىقى شۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 2002-يىلى ئېلان قىلغان «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارارى» دا، مەزكۇر قارارنى چىقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ›لەرنىڭ قولىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تارتىپ ئېلىش، بۇ ۋەجىدىن ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوللايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆيىدىغان، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، خىتاي 2000-يىللاردىلا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن «ئۇيغۇر مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش» نى باشلاپ بولغان. بۇنداق ئەھۋالدا ساتتار ساۋۇت، ئابدۇرازاق سايىم، يالقۇن روزى ۋە ۋاھىتجان ئوسمانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز «زەھەرلىك ئوقۇشلۇق تۈزۈش» مۇمكىنچىلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش، ھەتتا بۇ «زەھەرلىك ئوقۇشلۇق» نىڭ ئوننەچچە يىل خىتاي ئىچىدە بايقالماي قېلىشىنى ئەقىلگە سىغدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە!

دەرۋەقە، راھىلە داۋۇتنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى، تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئاخىرىدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىمۇ يۇقىرىقى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن تەقدىرداشدۇر. چۈنكى راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ ئەلۋەتتە خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭ روخسىتىسىز ئېلىپ بېرىلغان ئەمەس. بەلكى خىتاينىڭ دۆلەت مائارىپىنى خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكۈزۈش نامىدا تەسىس قىلىنغان «211 تۈر قۇرۇلۇشى» غا كىرگۈزۈلگەن بىر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. خىتاينىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى دۆلەتلىك تەتقىقات تۈر قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن مۇنداق بىر تەتقىقاتنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بىرەر باغلىنىشى بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟

بۇ ھەقتە بىز پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ شۇ «ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىدىغان بولساق، مۇنداق بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلار بايقايمىز: يەنى راھىلە داۋۇت مەزكۇر كىتابىدا ئۇيغۇر مازار تاۋابىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى ۋە مەۋجۇتلۇقى بىلەن بىۋاسىتە باغلىغان. يەنى مازارغا تېۋىنىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئېتىقاد قىلغان باشقا دىنلارنىڭ يۇغۇرۇلما سورۇنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا مازارغا تېۋىنىش پائالىيەتلىرىدە شامان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ ئىسلاملاشتۇرۇلغان تېۋىنىش ئادەتلىرى، مۇراسىم شەكىللىرى ساقلانغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلىچىلىك دەۋرىدىن بۇيان، يەنى شامان، مانى ۋە بۇددىزم قاتارلىق تۈرلۈك دىنلارغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىكى دەۋرلەردە، ھەتتا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىنمۇ مازارغا تېۋىنىش ئادەتلىرىنى «ئىسلاملاشتۇرۇش» ئاساسىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ناۋادا راھىلە داۋۇتنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغىنى دەل ئۇنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتلىرى دەپ قارالغىنىدا، ئۇنداقتا يۇقىرىقى بايانلار دەل بۇ تەتقىقاتنىڭ خىتاينىڭ جېنىغا تېگىدىغان نېگىزلىك قىسمى دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى مەزكۇر بىر ئابزاستا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەت ئۇيغۇر مازارلىرىدىن ئىبارەت ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۈزۈلمەس مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئۇدۇملىرى ئارقىلىق دەلىللەپ بېرىلگەن. مەيلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلارشتۇرۇش ھەرىكىتى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قاماپ يوقىتىش ھەرىكىتى بولسۇن ۋەياكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش سۇيىقەستى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «دۈشمەن» دەپ قاراش ۋە ئۇلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلەر ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا راھىلە داۋۇتتەك خەلقئاراغا تونۇلغان بىر بىلىم ئادىمىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئۇنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىمىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقتۇر «سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن» خەلق بولماستىن، بەلكى مۇشۇ زېمىندىكى قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ ھەقدار ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ئاساستا شەرھلەپ كۆرسىتىشى، خىتاي ئۈچۈن «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەرلىك ئامىل» ھېسابلىناتتى. راھىلە داۋۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىلمۇ دەل ئۇنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ھەقدار ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى ئىدى!

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.