پۈتۈن دۇنيا كۆرىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تادايوشى مۇراتا نېمىشقا كۆرەلمىدى؟

بېرلىندىن ئوبزورچىمىز ئابلەت سەمەت تەييارلىدى
2024.06.11
tadayoshi-murata.jpg تادايوشى مۇراتا خىتاينىڭ فۇجيەن ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن مېھمان پىروفېسسورلۇق تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا. 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى.
fafu.edu.cn

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى چۇڭچىڭدىكى غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا 5-نۆۋەتلىك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش» تېمىسىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردىكى ئايرىلماس چۆپقەتلىرىدىن پاكىستان ۋە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىدىن تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسسىسلىرى، شۇنداقلا ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلغان خىتايغا ماھىل بىر قىسىم «تەتقىقاتچى» لار قاتنىشىپ، ماقالە ئوقۇغان.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ يىغىننىڭ ياپونىيە يوكوخاما دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى تادايوشى مۇراتا (Murata Tadayoshi) ئىسىملىك بىرىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە چاپان ياپقان. ئۇ، بۇ يىغىندا «ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بولغانلىقى پۈتۈنلەي يالغان» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ھەققانىي ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەن ياپونىيەدەك بىر دۆلەتتىن كەلگەن بۇ ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» نىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى خىتاينى ھەقىقەتەنمۇ خۇرسەن قىلغان. ئۇنىڭ خىتايغا چاپان ياپىدىغان بۇ بايانلىرى شۇ كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، جۈملىدىن بىر قىسىم تېلېۋىزىيە قاناللىرى، مۇھىم تور بەتلىرى ۋە گېزىتلىرىدە كەڭ تارقىتىلغان.

بىزنىڭ تادايوشى مۇراتا ئىسىملىك بۇ كىشى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلىرىمىز ۋە ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە چاپان يېپىشى، يېڭىلىق ئەمەس. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەۋجىگە چىققان 2021-يىلى خىتاي «خەلقئارا تورى» مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينى ئاقلاپ سۆز قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قېتىم قىلغان سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خىتاي مۇخبىرىغا 2021-يىلى بەرگەن جاۋابىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىشى بولغان، خالاس.

ئۇنىڭ بۇ قېتىم خىتايدا بەرگەن دوكلاتىدا دېيىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزدى› دېگەنلىرى پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ» مىش. ئۇ، بۇ ھۆكۈمىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى ھەققىدىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 1953-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 6.06 پىرسەنتتىن 8.9 پىرسەنتكىچە كۆپەيگەن، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە خىتاينىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 2000-يىلىدىكى 8.39 مىليوندىن كۆپىيىپ نۆۋەتتە 11.77 مىليونغا يەتكەنلىكىنى داۋراڭ سالغان. ئاندىن «ئەگەر شىنجاڭدا بىر مىللىي قىرغىنچىلىق بولغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە ئېشىشى مۇمكىنمۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

ئۇنداقتا، ياپونىيەلىك ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس»، خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ «تەكلىپلىك پىروفېسسورى» تادايوشى مۇراتانىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى ئورۇنلۇقمۇ؟ ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان بىر يىغىندا خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز قاراشلىرىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە قوللىنىشى ئىلىم ئەخلاقىغا مۇۋاپىقمۇ؟ ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئەيىبلەۋاتقان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاقلىشىنىڭ ئارقىسىدا كىم بار؟

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ پاجىئەلىك ۋە تىراگېدىيەلىك بىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى يوشۇرالمايدۇ. بۇ خىل «ئىستاتىستىكىلىق مەلۇمات» لار كۆپ ساندىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن دەلىل-ئىسپاتلىرى ھەم ئاساسلىرى بىلەن ئېنىقلانغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن سىستېمىلىق تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، قىز-ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى قۇل ئورنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىك بىر نارازىلىقىنىڭمۇ ئۆلۈمگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسلا يوشۇرالمايدۇ.

تادايوشى مۇراتانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان مىسلىسىز زۇلۇم ۋە قاتتىققوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغانلىقى ياكى قەستەن بىلمەسلىككە سېلىۋالغانلىقى ۋە ياكى مەسىلىگە ئېتىبارسىز قاراۋاتقانلىقى ئېنىق. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇنقى پاكىتلىرى يېتەرسىز قاراشلىرىنى بۇ قېتىم يەنە تەكرارلىشى، پەقەت ئىلمىي تەتقىقات ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىلىم ئىگىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي سۈپەتكىمۇ مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى داھىيلىرىنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇ، 2000-يىلى «ماۋ زېدوڭنىڭ تەرجىمىھالى» نى، 2023-يىلى «جۇ ئېنلەينىڭ ئاياق ئىزلىرى» ناملىق كىتابلارنى خىتاي تىلىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ باشقا كىتابلىرىمۇ ئىدىيە ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي كومپارتىيەسىگە ماھىل قاراشلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن. خىتاي كومپارتىيەسىگە ماھىل مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كىمگە يان باسىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ سۆزىنى قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىنمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بېرىۋاتقان ھەر خىل ئۇنۋانلار ۋە تەمىناتلاردىن ۋاقتى ۋاقتىدا بەھىرلىنىپ تۇرغان مۇشۇنداق بىر «چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس» نىڭ خىتاي سىياسىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشى، ئۇنى خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقلىرى ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويغان. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ۋىجدانىي نورمالسىزلىق ئۇنى خىتاينىڭ رەھىمسىز سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى ھېچ ئەيمەنمەستىن ياپونىيەدەك ئاسىيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەتنىڭ شان-شەرىپىگىمۇ داغ تەگكۈزىدىغان بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئۇنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان «ياپونىيە سېنساكو ئارىلىنى خىتايدىن ئوغرىلىۋالغان» دېگەندەك غەلىتە گەپ-سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ يۈرۈشى، ھەتتا بۇ تېمىدا مەخسۇس بىر كىتاب يېزىشى، ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرغان.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر دۇچ كەلگەن دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ كەلتۈرگەن ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى تادايوشى مۇراتا دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرى بىلەن ئېنىق ۋە توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر تادايوشى موراتا ئادىل ۋە تەرەپسىز بىر ئىلمىي دوكلات تەييارلىماقچى بولغان بولسا ئىدى، ئۇ ئالدى بىلەن شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا، جازا لاگېرلىرىنىڭ سانىغا، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلىرىگە، ئۆيىدىن ساق ئېلىپ كېتىلىپ، جەسەتلىرى چىقىۋاتقان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىگە نەزەر-ئېتىبارىنى سالغان بولاتتى. ئەگەر ئۇ ھەقىقىي تەتقىقاتچى بولىدىغان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارنىڭ سانى ھەققىدە توختالغىنىدا، 1949-يىلىدىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سانىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، ھازىر قانچىلىك كۆپەيگەنلىكىنى، يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىك بىڭتۈەننىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىشى كېرەك ئىدى.

قارىغاندا، تادايوشى مۇراتانى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغان خىتاي كوممۇنىست مەپتۇنلۇقى، ئۇنىڭ ياپون تەتقىقاتچىلىرىغا خاس تەمكىنلىكى ۋە ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويغاندەك قىلىدۇ. ئۇنداق بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندا ئۆزىدىن باشقا ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانچىلىك چوڭقۇر ئىزدەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى ئەستايىدىللىقى، ئادىللىقى، دادىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى نەزەر-گۈزىرىگە ئالغان بولاتتى. ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى ئۆزلىرىنىڭ مول ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بىلەن ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ياپون ئالىملىرىنىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇمبىقىنى چېلىۋاتقان تادايوشى مۇراتانىڭ بۇ قېتىمقى مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ئادالەتسىزلىكىگە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرالايدىغانلىقى ھەم باھا بېرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمىز!

***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.