تالىبان-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇرلار (1)
2023.10.03

ھەر ۋاقىت ئۇرۇش ئوتلىرى تىنچىمىغان ئافغانىستاندا 2021-يىلى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىشى بىلەن بۇ رايوندىكى ئامېرىكا تەسىرىنىڭ ئاجىزلىغانلىقى رېئاللىققا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ رايوندىكى خىتاي تەسىرىنىڭ تېزدىن ئېشىپ بېرىشى، 2023-يىلى 13-سېنتەبىرگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كابۇلغا جاۋ شېڭنى يېڭى باش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بولۇپمۇ ئافغانىستاننىڭ مۇۋەققەت باش مىنىستىرى مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇننىڭ خىتاي باش ئەلچىسىنى ھەربىي پارات ئارقىلىق كۈتۈۋېلىشى، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ ئۇلارنىڭ نەزەرىدە قانچىلىك مۇھىم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تېخىمۇ جانلىق نامايان قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەنمۇ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى.
«خىتاي بىلەن ئافغانىستان بىر-بىرىگە موھتاج! »
تالىبان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان مۇناسىۋەت، بولۇپمۇ ئاتېئىزمنى ئاساس قىلغان كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ ھىمايىچىسى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزلىرىنى «ئىسلام ئەمىرلىكى» (Islamic Emirate) دەپ ئاتايدىغان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قويۇق دوستانىلىك مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە دىپلوماتىيە ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىدىغان «مەڭگۈلۈك دوست مەۋجۇت ئەمەس، مەڭگۈلۈك دۈشمەنمۇ مەۋجۇت ئەمەس. مەڭگۈلۈككە مەۋجۇت بولىدىغىنى پەقەت مەنپەئەتتۇر» دېگەن ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىق، دەپ قارالماقتا. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىمۇ ئىدېئولوگىيەلىك پەرقنىڭ دىپلوماتىيە ئالاقىسىگە توسقۇن بولمايدىغانلىقىنى جانلىق كۆرسىتىپ بېرىشكە باشلىدى.
تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «دوستلۇق ئالاقىسى» نىڭ بۇ يوسۇندا ئېشىپ بېرىشى، بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدا چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن ئافغانىستانغا خىتاينىڭ بۇنچە زور دەرىجىدە قىزىقىشى توغرىسىدا سۆز بولغاندا، كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى كۆزلەۋاتقان كۆپ قىرلىق مەنپەئەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بۇ مەسىلە توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى نازىف شاھرانى (Nazif Shahrani) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئافغانىستاندا پەيدا بولغان كۈچلەر بوشلۇقىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب دەپ قارايدۇ.
«خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، ئۆتكەن 50 نەچچە يىل مابەينىدە ئافغانىستان ئىزچىل تۈردە خەلقئارا كۈچلەرنىڭ رىقابەتلىشىدىغان ۋە ئۇرۇش قىلىدىغان سورۇنى بولۇپ كەلدى. بۇ بولسا ئافغانىستاننى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە باشقىلارنىڭ ھويلىسىدا ئۇرۇش قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىنى ئاشۇردى. ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ جايدا مەۋجۇت بولغان 20 يىلدا خىتاي ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنىڭ يوللىرى كەڭ ئېچىلدى. ئافغانىستان بولسا بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي ئۈچۈن مۇتلەق بىخەتەرلىككە كېپىللىك قىلدى: ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ئافغانىستان تەۋەسىدىكى ھەرقانداق ھەرىكىتىنى قاتتىق تەقىب قىلدى. بۇ جەرياندا خىتاي ئافغانىستاندا كان قېزىش، بولۇپمۇ تۆمۈر ۋە مىس كانلىرىنى قېزىش، نېفىت قېزىش ھەققىدە كۆپلىگەن توختاملارنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما ئافغانىستاندا ئۇرۇش ئوتلىرى ئۆچمىگەنلىكتىن، بۇ توختاملارنى ئىجرا قىلىش قىيىنغا چۈشۈپ كەلدى. ئامېرىكا قوشۇنلىرى چىقىپ كېتىشى بىلەن خىتاي ئۈچۈن بۇ جاي ئوڭچە قالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئافغانىستاننى ئۆزلىرىنىڭ رەقىبى بولغان خىتايغا تاشلاپ بەردى. خىتاي بولسا ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدا ھالىدىن كەتكەن ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش بەدىلىگە ‹بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئوخشىمايمىز› دېگەن قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى. ھالبۇكى، ‹كاپىر كۈچلەردىن بولغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلدۇق› دەپ جار سېلىۋاتقان تالىبانلار، ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەڭ قارشى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قۇچاق ئاچتى. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› نامىدا تېررورلۇق بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى بېسىۋالغان بۇ رايوندا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىز كۆرمەكتىمىز. دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇستەملىكىچىلەر، جۈملىدىن رۇسىيە 21-ئەسىردە ئۆز مۇستەملىكىلىرىدىن ۋاز كەچتى. ئەمما خىتايدا بۇ ھال كۆرۈلمىدى. ھازىر ئەڭ قىزىق ئىش شۇ بولۇۋاتىدۇ: ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلىۋاتقان تالىبانلار، خىتايلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىغا ھەمدەم بولۇۋاتىدۇ. »
«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» (Nikkei) نىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ كانچىلىق ۋە نېفىت قېزىش ساھەسى بويىچە تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان توختامى ئاللىقاچان مىلياردلىغان ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ئېشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئافغانىستان ئۈچۈن ئەڭ زور تاشقى ياردەم بولۇپ قالغان. تالىبانلار ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل مەنپەئەتلەر مۇناسىۋىتى «كۆزەتكۈچىلەر تەتقىقات فوندى» (ORF) نىڭ تەتقىقاتچىسى ئايجاز ۋانى (Ayjaz Wani) نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا «خىتاي ھازىر تالىبانلار بىلەن تانگو ئويناۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارغا بولسا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ» دەپ تەسۋىرلەنگەن. بولۇپمۇ «دوستلۇق چەمبىرى» نى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئۆز تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرىنىڭ قىسماققا ئېلىشىغا تاقابىل تۇرماقچى بولۇشى، شۇ ئارقىلىق خەۋپسىزلىك ۋە سىياسىي جۇغراپىيە ساھەسىدە ئۈستۈنلۈك قازانماقچى بولۇشىنى خىتاينىڭ ئافغانىستانغا شۇنچە قىزىقىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، دەپ قارايدۇ.
پىروفېسسور نازىف شاھرانىنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيرانچىلىققا بوغۇلغان ئافغانىستان ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەمما خىتاي بولسا ئافغانىستانغا بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا بۇ جايغا تاشيول ياساپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن پاكىستانغا ئۆتىدىغان قارا قۇرۇم تاشيولى قىشتا قار كۆچۈش سەۋەبىدىن پات-پاتلا توسۇلۇپ قالىدۇ. تاشقورغاندىن ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق ئافغانىستانغا بارىدىغان يول بولسا ھەم بىخەتەر ھەم ئەرزان توختايدىغان بولۇپ، خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن، شۇنداقلا ئىران ۋە تۈركىيە بىلەن باغلاشتا كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي مانا مۇشۇ يوسۇندا ئافغانىستاننى دەسسەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاتلانغان. پىروفېسسور شاھرانى بۇ خىل يۈزلىنىشنى «باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش» دەپ ئاتايدۇ.
«تالىباننىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى تۈنۈگۈنكى ئىش ئەمەس! »
بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندا قايتىدىن ھوقۇق ساھىبى بولۇشى گەرچە ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان رېئاللىق بولسىمۇ، ئەمما تالىبانلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بۇنىڭدىن خېلىلا ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ دۇنيا تارىخىدىكى زور ۋەقەلەردىن بولغان «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا پەيدا بولۇشى ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر چوڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان. بىر ياقتىن ئەمدىلەتىن ئۆزىنى ئوڭشاپ خەلقئارادا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقان خىتاي بىردىنلا ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا پەيدا بولغان ئامېرىكا كۈچلىرىنى بىر تۈرلۈك تەھدىت، دەپ ھېسابلىغان. بولۇپمۇ بۇ رايوننىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قوشنا بولۇشى، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ ئافغانىستاننى ماكان قىلىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.
ستىمسون (Stimson) مەركىزى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى يۇن سۇن (Yun Sun) خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى بىر ياقتىن خىتاينى ئەندىشىگە سالغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغان. چۈنكى بۇ رايوندا تېررورلۇققا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيەسى شۈبھىسىزكى تالىبانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، تېررورچى كۈچلەرنىڭ خىتايغا قارشى كېڭىيىشىنى «ھەقسىز» توسۇپ بېرەتتى. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ بۇ رايونغا بىۋاسىتە ھەربىي قوشۇن كىرگۈزۈپ، تېررورچىلار بىلەن ھەپىلىشىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىغان ئىدى. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى تارىختىن ياخشى ساۋاق ئالغان بولۇپ بىرىتانىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستانغا كىرگەندىن كېيىن «ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقى» نى، «ئىمپېرىيەلەرنىڭ مازارلىقى» دەپ نام ئالغان بۇ رايون بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشۇشتىن كۆرە، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ئاقىلانىلىك بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پىروفېسسور شاھرانى تالىبانلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ دەل ئاشۇ ئامېرىكا ئەسكەر چىقارغان مەزگىللەرنىڭ ئالدى-كەينىدىلا باشلىنىپ بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«تالىباننىڭ ۋەكىللىرى بىرنەچچە قېتىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇلار خىتاينىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە ئىقتىسادىي ياردەملىرىگە ئېرىشكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا مەۋجۇت بولغان 20 يىل جەريانىدا خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن بولغان بۇ خىل ئالاقىسى زادىلا ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بېيجىڭغا بارغان بولسا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا كۈتۈۋالدى. خىتايغا بارغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۆز تەۋەسىدە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە شەخسلەر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايتىپ بارغاندىن كېيىن كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىدىغان خىتاي تەسىراتى بەكلا چوڭ رول ئوينايتتى. شۇلار قاتارىدا ھەتتا مەن تۇغۇلغان يېزىدىنمۇ بىر يۇرت مۆتىۋىرى ئۆمەك تەركىبىدە قەشقەر ۋە يەكەنلەرگە ئېكسكۇرسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەنە شۇ يوسۇندا خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلارغا ئىقتىسادىي ياردەم ۋە قورال-ياراغ جەھەتتىن ياردەم بەردى. بۇ خىلدىكى ياردەملەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ باشلانغان ۋاقتى بەلكىم 1996-يىلى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› تېخى يۈز بەرمىگەن ئىدى. خىتاي شۇ ۋاقىتتىلا تالىبان تېررورچىلىرى ۋە ئەلقائىدە (بازا) تېررورچىلىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تەسىرىگە قارشى تۇرۇشىغا ئاستىرتتىن ياردەم بەرگەن. چۈنكى دۇنيا تارىخىدا زور كۈچلەر ھەرقاچان باشقىلارنىڭ تېررىتورىيەسىدە ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتايمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. »
تالىبانلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل پەۋقۇلئاددە، ئەمما ئەقىلگە سىغمايدىغان دوستلۇق ئالاقىسى ھەققىدە سۆز بولغاندا مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن، بۇنىڭدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ قىرلىق مەنپەئەتلەر ئېھتىياجىدىن باشقا يەنە خاراكتېر جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنىڭمۇ مۇئەييەن رولى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەيلى خىتاي بولسۇن ياكى تالىبان بولسۇن، بىردەك ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ گۈزەل شەيئىلىرىنى يوقىتىدىغان ئورتاق خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا ئۇلار ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كېتەلىگەن.
تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ يىللىق مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ ھالمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بەزى سەھىپىلىرىگە ئۆز سايىسىنى تاشلىغان.
(داۋامى بار)