ئۇيغۇرلار كوللېكتىپ كۆچۈرۈلۈۋاتقان «كۆچمەنلەر كەنتلىرى» نىڭ ئەسلى ماھىيىتى
2024.11.04
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆز مەھەللە-كەنتلىرىدىكى لاي كېسەكتىن قوپۇرۇلغان ئەنئەنىۋى ئۆيلىرى «خەتەرلىك ئۆي» دەپ چېقىپ تاشلىنىپ، ئۇلارنى يېڭىدىن تۈركۈملەپ بەرپا قىلىنىۋاتقان «ئەمىن ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار خىتاينىڭ «تىك-توك» ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە توختىماي تارقىلىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تارقىتىشتا پەقەت ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمىگەن» لىكىنى، ئەكسىچە «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈۋاتقانلىقى» نى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ تۈركۈملەپ كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، قەيەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تارقىتىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان ئۇسۇلنى قوللاندى. تاكى بۈگۈنگىچە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق شەكىلدە، قەيەرلەرگە، قانچىلىك ئادەمنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە كونكرېت ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىنى يوق. خىتاي مەركىزي ھۆكۈمىتىنىڭ تورىدا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 10 مىليون ئادەمنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاتالمىش «ئەمىن ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 10 مىليون ئادەمنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتىكى خىتاي مەنبەلىك خەۋەرلەردە كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار بولغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار نېمە سەۋەبتىن خىتاي تەرىپىدىن ئەسلىدىكى ئۆي-ماكانلىرى مەجبۇرىي چېقىپ تاشلىنىپ، ئاتالمىش «كۆچمەنلەر كەنتى» گە كۆچۈرۈلۈش قىسمىتىگە دۇچار بولدى؟
«خەلق تورى» نىڭ بىر خەۋىرىدە 2011-يىلىدىن بۇيان «10 مىليون دېھقان-چارۋىچىلارنى ئەمىن ئۆي(安居房)گە كۆچۈرگەن» لىكى، ئاتالمىش «ئەمىن ئۆي» لەرنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. مەزكۈر خەۋەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن كوللېكتىپ كۆچۈرۈلۈشىدەك ئىرقىي يوقىتىش قىلمىشى، ئەپچىللىك بىلەن «خەتەرلىك ئۆيلەرنى چېقىپ، ئۇيغۇرلارنى ئازادە ۋە بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن» دەك شەكىلدە بۇرمىلاپ تەسۋىرلەنگەن. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا بۇ خىلدىكى «ئەمىن ئۆيلەر» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى توپا كېسەك ئۆيلىرىگە قارىغاندا كۆپ بىخەتەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆيلەردە يەنە سافا، تېلېۋىزور، مۇنچا، توك، سۇ قاتارلىق زامانىۋىي ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىكەنلىكى، مەھەللە-كويلارغا پىششىق كېسەك ياتقۇزۇلۇپ، كۆچەت تىكىلىپ، ناھايىتى گۈزەل بېزەلگەنلىكى؛ كارخانا، مەكتەپ، يەسلى، دوختۇرخانا، ئاممىۋى پائالىيەت زاللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئھالبۇكى، خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا مەزكۇر «ئەمىن ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈرۈلۈش جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، يېڭى بىر مۇھىتتا تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلاشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى، ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلق سالاھىيىتى بىلەن خىتايچە «××كۆچمەنلەر يېڭى كەنتى» دەپ نام بېرىلگەن جايلارغا «كۆچمەن» بولۇپ بېرىشقا رازى بولغان-بولمىغانلىقى، ھەتتا بۇ خىل «يېڭى كۆچمەنلەر كەنتى» دە خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشنى قوبۇل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى. . . قاتارلىقلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە دېيىلگەن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى «نامرات دېھقان» لارنى «بىخەتەر ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى، ئىشنىڭ ماھىيىتىدىن خەۋەرسىز كىشىلەرگە گويا ياخشى بىر ئىشتەك، مەنتىقلىقتەك تۇيۇلۇشى تەبىئىي. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «خەتەرلىك ئۆي» لىرىنىڭ ئورنىغىلا «بىخەتەر ئۆي» لەرنى سېلىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى باشقا يەرلەرگە كوللېكتىپ كۆچۈرۈش، ھەتتا ئۆز يۇرتىدىن تامامەن ئايرىپ ياقا يۇرتلارغا كۆچۈرۈۋېتىشتەك بۇ قىلمىشنى مەنتىقىگە ئۇيغۇن بىر سىياسەت دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلەر جەريانىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئادەتلەنگەن بىر خەلق بولۇپ، ئۇلار دەل مۇشۇ خىل ياشاش ئۇسۇلىدا ئۆزىگە خاس بىر تارىخىي جەرياننى ياراتقان خەلقتۇر. ئۇلارنىڭ يۇرت-مەھەللىلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشى، ئۇلار ئۈچۈن ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ ماكانلىشىپ، ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ياراتقان تۇپراقتىن ۋاز كەچتۈرۈلۈش بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسىگە ئورنىنى تولۇقلاش مۇمكىن بولمىغان زور زىيانكەشلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان جىنايەتتۇر. ئىشلار كۆچۈرۈش بىلەنلا تۈگىگەن بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرغان جايلارغا خىتايچە يېڭى ناملارنىڭ بېرىلىشىدۇر. يۇرت ناملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى تارىخىي ئىزلىرىغىلا ۋەكىللىك قىلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە مەھەللىلىكلەر ئارىسىدىكى چوڭقۇر باغنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يۇرت ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللەت كىملىكى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. يېقىندا «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (Human Rights Watch) ۋە نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر يار فوندى (Uyghur Help)» بىرلىكتە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەر ۋە سان-سېپىرلار بېرىلگەنىدى. مەزكۇر دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاش جايلاردا 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە تېز سۈرئەتتە داۋاملاشقانلىقى؛ 2009-يىلىدىن تاكى 2023-يىلىغىچە، 3600 دەك ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت ۋە بازارلارنىڭ نامىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى؛ ئۇنىڭ ئىچىدە 630 نامى ئۆزگەرتىلگەن يېزا ۋە كەنت ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، «ئاق مەسچىت كەنتى» نى 2018-يىلى «ئىتتىپاق كەنتى» گە، «دۇتار كەنتى» نى بولسا، 2022-يىلى «قىزىل بايراق كەنتى» گە ئۆزگەرتكەن.
ئۇيغۇرچە يەر جاي ۋە يۇرت ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ «يېڭى كۆچمەنلەر كەنتى» گە كۆچۈرۈلۈشى ئارىسىدا زادى قانداق بىر باغلىنىش بار؟
خىتاي باشقۇرۇشىكى «خىتاي ياشلار گېزىتى» نىڭ 2015-يىلىدىكى بىر خەۋىرىدىن، ئاتالمىش «خوتەن شەھىرى ئىتتىپاق يېڭى كەنتى» (和田市团结新村) نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەقسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيمىز.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدىكى ئاتالمىش «خوتەن ئىتتىپاق يېڭى كەنتى»، 2014-يىلى خوتەن شەھىرىدىكى 30 مىڭ خەلقنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق قۇرۇپ چىقىلغان. يەنى بۇ كەنتتە ئاۋۋال كۆچەت تىكىپ، ئورمان بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، تۇرالغۇ ئۆيلەر ۋە پارنىك بازىلىرى سېلىنغان. قىسقىسى، ئاتالمىش «خوتەن ئىتتىپاق يېڭى كەنتى» خەلقنىڭ كۈچى بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان. لېكىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقانلارنىڭ ھەقلىق ياكى ھەقسىز، مەجبۇرىي ياكى پىدائىي بولۇپ قاتناشقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. خەۋەردە قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، يېڭى تۇرالغۇ ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرمەكچى بولغان ئائىلىلەرنىڭ 35 مىڭ يۈەن رەنە پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئىككى دانە چوڭ پارنىكقا ئېرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، «خوتەن ئىتتىپاق يېڭى كەنتى» گە تىزىملاتقانلار سانى 3900 ئائىلە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 900 ئائىلە خىتاي، 3000 ئائىلە ئۇيغۇر ئىكەن، ئەمما خوتەن شەھىرى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى ۋە باشقا ھەر خىل ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقىرىقى 3900 ئائىلىدىن 212 ئائىلىنى تاللاپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار سانى ئوخشاش قىلىنىپ نىسبەتلەشتۈرۈلگەن. شۇنداق قىلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان بۇ ئائىلىلەر مەزكۇر كەنتنىڭ تۇنجى ئاھالىسى سۈپىتىدە كۆچۈرگەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى «قوش تىل» ۋە پارنىك كۆكتاتچىلىقى بىلىدىغانلارنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئائىلىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا، پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى باشلىۋەتكەن. خەۋەردە يۇقىرىقى 212 ئائىلىنىڭ خوتەن شەھىرىدىكى 7 يېزا-بازاردىن كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 80-ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش دېھقانلار ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ۋە خىتايلاردىن تەركىب تاپقان بۇ «قوشنا» لارنىڭ ئۆز ئارا «ئىناق-ئېجىل» ئۆتۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 2022-يىلى ئاپرېلدا بېرىلگەن بىر خەۋىرىدە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە 2018-يىلى قۇرۇلغان «يوڭئەن يېڭى كەنتى» (永安新村) نىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر كەنتكە 1275 ئائىلە، يەنى 5193 ئادەم كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 600گە يېقىن كىشىنىڭ مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشكەنلىكى، 1276 دانە پارنىك قۇرۇلغانلىقى، قوي، كەپتەر، توخۇ باقمىچىلىق فېرمىسى قاتارلىقلار ھەر بىر ئائىلىگە قەدەر قۇرۇپ بېرىلگەنلىكى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئورنى تەمىنلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بىز گۇما ناھىيەسىدىكى «يوڭئەن يېڭى كەنتى» بىلەن خوتەن شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق يېڭى كەنتى» نىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ خىلدىكى ئاتالمىش «يېڭى كۆچمەنلەر كەنتى» نىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرىنى قىسمەن تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. يەنى بۇ خىل كەنتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئەڭ كېيىن بولغاندىنمۇ 2010-يىللىرى باشلىنىپ بولغان. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل كەنتلەر ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردا دەسلەپ قۇرۇپ چىقىلغان. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبمۇ، دەل جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى ئېنىق. بۇ كەنتلەردە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش، كەنت ناملىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن. كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ 80- ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار بولۇشى، دىققەتنى تارتىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ ياشتىكىلەر خىتاي تەرىپىدىن «خەتەرلىك گۇرۇپپىلار» دەپ كاتېگورىيەلەشتۈرۈلگەن ۋە جازا لاگېرلىرىغا كىرىپ، تەربىيەلىنىش مۇتلەق بولغان گۇرۇپپىلارغا تەۋە كىشىلەردۇر. خىتاي نوپۇسى ئانچە كۆپ بولمىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن نىسبەتلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان خىتاي نوپۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ، ئۆتكەن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە بىڭتۈەننى جەنۇبقا كېڭەيتىش ھەققىدە چۈشۈرگەن بۇيرۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئاشكارا.
قىسقىسى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن ئون-يىگىرمە يىلدا ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىپ تاشلاش، ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى كوللېكتىپ كۆچۈرۈش - تۈپ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا ھېچ ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇرت-زېمىنلىرى، ئۆي-ماكانلىرى ۋە مەھەللە-كويلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ياشاش مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەسىرلەر بويى ئۆز تۇپراقلىرىدا شەكىللەندۈرگەن بارلىق مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت بېغىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت-مەھەللىلىرىنى بىڭتۈەننىڭ ھەرقايسى پولك ۋە مەيدانلىرى بىلەن گىرەلەشتۈرۈۋېتىش، شۇنداقلا خىتاي ئاققۇنلىرى بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا ئېرىتىپ يوقىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان.
مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش «يېڭى كۆچمەنلەر كەنت» لىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدۇر!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]