موڭغۇلىيەدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرى «توغۇ بالىق» نىڭ ئىزى بايقالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.08.19
Orhun-yenisey-Uygur-Dolitining-paytehtining-ichki-qismi-orxun.jpg ئورخۇن يېنىسەي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختىنىڭ ئىچكى قىسمى. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ۋە موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ يېقىندا موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئورخۇن دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى بولغان تۇئۇل دەرياسى ۋادىسى ياكى قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىي ھۆججەتلىرىدىكى تۇغلا دەرياسى ۋادىسىدا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ، يەنى 8-ئەسىرلەردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان ئاساسلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غايىب بولغان شەھىرى «توغۇ بالىق» نىڭ ئورنى بايقالغان.

توغۇ بالىق تارىختا ئۇيغۇر توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ياشىغان ۋە مىلادى 715-يىلى توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ كېيىنكى تۈرك قاغانلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان جايى بولۇش بىلەن تونۇلماقتا ئىدى. ئارخېئولوگلار بۇ شەھەر خارابىسىنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرچىلىك ۋە شەھەر مەدەنىيىتى تارىخىنى يۈز يىل ئالدىغا سۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. توغۇ بالىقنىڭ كېيىنكى تۈرك قاغانلىقى خىتاينىڭ تاڭ خانىدانلىقىغا بېقىنىپ قالغان مىلادىيە 630-يىللىرىدىن مىلادىيە 680-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خارابلىشىش دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلماقتا.

«تۇغۇ بالىق»، يەنى شەرقىي بالىق شەھىرىنىڭ ئىسمى، ئىككىنچى كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە، شۇنداقلا تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان. مىلادىيە 840-يىلى ئۇيغۇر ئورخۇن ئىمپېرىيەسى يېقىلىپ، ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ۋە غەربىي يۆنىلىشلەرگە، جۈملىدىن قەدىمكى ئانا تۇپراقلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشىدىن كېيىن تاشلىنىپ قالغان بۇ شەھەرنىڭ ئورنى ھازىرغا قەدەر بىر سىر بولۇپ كەلگەن ئىدى.

بۇ قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى، ئىزمىر كاتىپ چەلەبى ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، تۈركولوگ، پىروفېسسور شابان دوغان (Şaban Doğan) 14-ئاۋغۇست رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قىزىشتا، بۇ جاينىڭ توغۇ بالىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بايقاشلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شابان دوغان مۇنداق دېدى: «بۇ تۈرك-موڭغۇل ئارخېئولوگىيەلىك ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەمكارلاشما قېزىش تۈرى ئىدى. تارىخىي مەنبەلەردە توغۇ بالىق تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قايسا جايدا ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ بىز موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى بىلەن بولغان مۇزاكىرىلىرىمىزدە قېزىش ئېلىپ بارغان جاينىڭ توغۇ بالىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلىشقان ئىدۇق. خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن ئېلىپ بارغان قېزىشتا، بۇ جاينىڭ توغۇ بالىق ئىكەنلىكى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ جايدىكى بىر بىنا خارابىسىدىن تېپىلغان بۇيۇملار، بۇنىڭ توغۇ بالىق ئىكەنلىكىنى رەسمىيلەشتۈردى. »

شابان دوغاننىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خارابىلىك تارىخىي مەنبەلەردە توغۇ بالىقنىڭ ئورنى دەپ خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇرۇن كىشىلەر بۇ جاينى خىتاي تارىخنامىلىرىدىكى لياۋ سۇلالىسى، يەنى قىتانلارغا ئائىت ئولتۇراق ماكان، دېگەن قاراشتا بولۇپ كەلگەن. لېكىن بۇ قېتىم ئارخېئولوگلار بۇ خارابىلىكتىكى بىر بىنا تېمىنىڭ ئاستىنقى قاتلىمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ توغۇ بالىق شەھىرىگە تەۋە ساپال قاچىلارنى تاپقان. شابان دوغان، توغۇ بالىقنى ئۇيغۇرلاردىن كېيىن قىتانلارنىڭمۇ ئىشلەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

پىروفېسسور شابان دوغان مۇنداق دەيدۇ: «تارىخىي مەنبەلەردە توغۇ بالىقنىڭ تۇغلا دەرياسى بويىدا ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. موڭغۇلىيەدە نۇرغۇن شەھەر خارابىلىرى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قانچە شەھەر خارابىلىكى توغۇ بالىق ئەتراپىغا جايلاشقان. ھازىرغىچە بۇ خارابىلىكلەر قىتانلارغا تەۋە، دەپ قارىلىپ كەلگەن. ھەتتا بۇ خارابىلىكلەردە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشمۇ ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن قىتانلارغا تەۋە دەپ قارالغان بۇ خارابىلىكلەردىن ئۇيغۇرلارغا، يەنى توققۇز ئوغۇزلارغا ئائىت ساپال چىنىلەرنىڭ چىقىشى ئارخېئولوگلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىز بۇ خارابىلىك ئەتراپىدىكى بىر بىنانىڭ قالدۇق ئورنىدا قېزىش ئېلىپ باردۇق. مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم بۇ بىنا خارابىسى تېمىنىڭ ئاستىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ساپال چىنىلىرىنى تاپتى. »

پىروفېسسور شابان دوغاننىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ساپال چىنىلەر بىنا خارابىسىنىڭ ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان. ئىلگىرى قىتانلارغا تەۋە، دەپ قارىلىپ كەلگەن بۇ خارابىلىك ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولۇپ، كېيىنرەك بۇ شەھەرنى قىتانلار ئىشلەتكەن ئىكەن.

ئامېرىكادىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات توغۇ بالىق شەھىرىنىڭ ئىسمى خىتاينىڭ كونا، يېڭى «تاڭنامە» لىرىدە ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ شەھەر كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ مەڭگۈ تاشلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئورنىنىڭ ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولماي كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. قاھار باراتنىڭ 15-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، موڭغۇلىيەدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان نۇرغۇن شەھەرلەر ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما توغۇ بالىق ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. پىروفېسسور شابان دوغان توغۇ بالىقنىڭ تېپىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرچىلىك تارىخىنى 100 يىل ئالدىغا سۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. ئۇ، توغۇ بالىقنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ شۇ دەۋردىكى شەھەرچىلىك ھاياتىغا ئائىت بىر تارىخىي بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شان دوغان مۇنداق دەيدۇ: «توغۇ بالىقنى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمى ئۇيغۇر شەھىرى دېيىشكە بولىدۇ. قارابالساغۇن، ئۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار كېيىن قۇرۇلغان باي بالىق، بۇلار 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بەزىلىرى 751-يىلى، بەزىلىرى 758-يىلى قۇرۇلغان دېيىلىدۇ. تۇۋادىكى پورباجىنمۇ شۇنداق. لېكىن تارىخىي مەنبەلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن كۆك تۈركلەرنىڭ 715-يىلى توغۇ بالىقتا ئۇرۇشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. 715-يىلدىكى ئۇرۇشتا بار بولغان توغۇ بالىقنىڭ بۇنىڭدىن خېلى يىللار بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇشى كېرەك. »

شابان دوغاننىڭ ئېيتىشىچە، توغۇ بالىق بىرىنچى كۆك تۈرك خانلىقى تاڭ سۇلالىسىگە مۇنقەرز بولۇپ قالغان 630-يىللىرىدىن 680-يىللىرى ئارىسىدا قۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلىنماقتا ئىكەن. ئۇ، توغۇ بالىقنىڭ تېپىلىشى تۈركىي خەلقلەرنىڭ شەھەرچىلىك تارىخىنى يۈز يىل ئالدىغا سۈرۈپ، بۇ جەھەتتىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. پىروفېسسور شابان دوغان مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدا، كۆك تۈرك ئابىدىلىرىدە، ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا تىلغا ئېلىنغان، ئەمما قايسى جايدا ئىكەنلىكى بىلىنمىگەن بىر شەھەرنى ئەمدى تاپتۇق. بۇ تارىختىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. ئىككىنچىدىن، بۇ تۈركلەرنىڭ ئولتۇراق ھاياتقا كۆچۈش دەۋرىنى يەنە يۈز يىل ئالدىغا سۈرمەكتە. يەنى بۇ تۈركلەرنىڭ شەھەرچىلىك ۋە ئولتۇراق ھاياتىغا ئائىت بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. »

ھالبۇكى، توغۇ بالىقنىڭ تېپىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «شىنجاڭدا ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› » بەرپا قىلىشنىڭ يادرولۇق نىشانى قىلىپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئارخېئولوگىيەسى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە قايتا شەكىللەندۈرۈشتە سەزگۈر سىياسىي تېما بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، بولۇپمۇ بەزى خىتاي تارىخشۇناسلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە 9-ئەسىردە كۆچۈپ كەلگەنلىكى، خىتايلارنىڭ بولسا بۇ رايوندىكى «ئەسلى يەرلىك خەلق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، يورۇقلۇققا چىقتى.

توغۇ بالىقنىڭ تېپىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ پارچىسى سۈپىتىدە قايتا شەكىللەندۈرۈش باسقۇچىدا، ئەزەلدىنلا كەسكىن تالاش-تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تارىخى، ئارخېئولوگىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسىگە دائىر تالاش-تارتىشلارنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغاندەك كۆرۈنمەكتە. ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، خىتاينىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇلىيەدىكى تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ، تەڭرى تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ياشىغانلىقى خاتىرىلەنگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ 15-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ياۋرو-ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن شەھەرلەشكەن مەدەنىي بىر خەلق ئىكەنلىكى تارىخىي رېئاللىق ئىكەن.

ھالبۇكى، پىروفېسسور شابان دوغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخى، ئارخېئولوگىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» گە ئايلاندۇرۇش پىلانىغا دائىر سىياسىي تالاش-تارتىشلارغا باھا بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرچىلىك تارىخىنىڭ ئۇزۇن ھەم چوڭقۇر بولۇشى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، بۇنى خىتاي ياكى باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي پىلانى يېپىپ كېتەلمەيدىكەن.

پىروفېسسور شابان دوغان مۇنداق دەيدۇ: «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، كۈنتەرتىپ خاراكتېرلىك سىياسەتكە، خۇسۇسەن خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمىز. بىز پەقەت ئىلىم ئەخلاقىي رامكىسى ئىچىدە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بىز شۇنداق قارايمىز. نېمە ئويلىساق، ئىككىلەنمەي سۆزلەيمىز… ئەمما تۈرك شەھەرچىلىك ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ۋە قەدىمىي ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ خىتاي ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرى بىلەن يېپىپ كەتكىلى بولىدىغان بىر مەسىلە ئەمەس. »

مەلۇم بولۇشىچە، تۇئۇل دەرياسى، يەنى تۇغلا دەرياسى ۋادىسىدىكى بۇ قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، تۈركىيە «تۈرك ئىش بىرلىكى ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى» نىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان. 30 كىشى قاتناشقان بۇ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى تۈركىيە ئىزمىر كاتىپ چەلەبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى فاكۇلتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن موڭغۇلىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. نۆۋەتتە، ئارخېئولوگلار تۇغۇ بالىقنىڭ ئورنىنى داۋاملىق قېزىش ئارقىلىق، قەدىمكى تۈركلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، شەھەرچىلىك ۋە دەپنە ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇرمۇش شەكىللىرىگە ئائىت تېخىمۇ تەپسىلىي دېتاللارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن. پىروفېسسور شابان دوغاننىڭ ئېيتىشىچە، توغۇ بالىق شەھىرىدە ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنىڭ تەپسىلىي ئارخېئولوگىيەلىك دوكلاتى بۇ يىل 10-ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.