2023-يىلى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈۋاتىدۇ؟
2022.12.15
3-دېكابىر كۈنى خەلق تورىدا «شىنجاڭ ‹دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش تەكلىپى›» نى ئېلان قىلدى نامىدا بىر خەۋەر بېرىلدى. ئۇيغۇر ئېلىدا دېھقانچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە نامرات ئاتالغان دېھقانلار ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار. ئۇ ھالدا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشمۇ تەبىئىيكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى كۆزدە تۇتقان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئۇ ھالدا بۇ تەكلىپتە نېمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا زادى قانچىلىك پايدىسى بار؟
مەزكۇر تەكلىپ ئەسلىدە 4-نويابىر ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان. شۇنداقلا ھەرقايسى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان. تەكلىپنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى 7بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكتە تەكلىپنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان خىزمەتلەر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.
مەزكۇر يەتتە بۆلەكنىڭ يىغىندىسى «ئومۇمىي تەلەپ» بىرىنچى بۆلەكتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنى، ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ مائاش خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان. قارىماققا بۇ پىلان كىشىگە خۇددى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ باياشاتلىققا تولغان كەلگۈسىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ يەتتە تۈرلۈك خىزمەتلەر پەقەت ئىككى نۇقتىغا، بىرى كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يەنە بىر دېھقانلارنىڭ مائاشتىن كىرىدىغان كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشكەن. ئەمما مەزكۇر ئىككى نۇقتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى كوممۇنالاشتۇرۇش دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا كوممۇنالاشتۇرۇش تۈزۈمىنى خېلى بۇرۇنلا يولغا قويغان. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدا 2010يىلى بار بولغان «دېھقانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى» نىڭ سانىنىڭ، 2019-يىلىغا كەلگەندە 22 مىڭ 772 گە بېرىشى كوممۇنالىشىشنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.
كوممۇنالاشتۇرۇش دېگەن سۆز 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا خېلىلا ناتونۇش ئاتالغۇ بولۇپ، بۈگۈنكى خىتاي جەمئىيىتىدە بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن، بۇ سۆز خېلى بۇرۇنلا كىشىلەرنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلگەن، ئىستېمالدىن قالغانىدى. ئەمما كوممۇنالاشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن قاباھەتلىرى بۇ قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلەرنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 50-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا يېزىلاردا كوممۇنالاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. كوممۇنالاشتۇرۇش بولسا يەككە ئىگىلىكنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى ئاساس قىلىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىدۇر. بۇ خىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىدە دېھقانلار تەمىنلەش ۋە سېتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇش ۋە تەڭ ئىشلەپ، تەڭ يېيىش، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا «داش قازان تامىقى» نى تەڭ يېيىش شەكلىدۇر. كوممۇنالاشتۇرۇش دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ كوممۇناغا ئەزا بولۇشى ئۇنىڭ سىياسىي قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، كوممۇنانى رەت قىلغانلار ئىدىيەسىدە مەسىلە بارلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان.
كوممۇنالاشتۇرۇشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى بولسا، يېزىلاردا مۇكەممەل بولغان ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىشتۇر. بۇ خىل سىستېما يەنى «دېھقانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى» ۋە «يېزا-ئىگىلىك تەمىنلەش-سېتىش كوپېراتىپى» قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۆز تېزگىنىگە ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى خالىغانچە تەقسىم قىلىش، قانچىلىك نەپكە ئېرىشكۈسى بولسا، شۇنچىلىك نەپكە ئېرىشىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بۇ چاغدا دېھقانلار كوممۇنا سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرىغا ئايلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدا 50-يىللاردىكى قاباھەتلىك يىللارنىڭ تەكرارى سۈپىتىدە 2010-يىلىدىن كېيىن شىددەت بىلەن كۆپەيگەن كوپېراتىپلارنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مۆلچەرلەش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما خىتاي مەنبەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن بىر قىسىم ھەقىقەتلەرنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس. مەسىلەن، خىتاي يېزا ئىگىلىكى باشقارمىسى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسى ئاقتوغراق كەنتىدىكى 480 دېھقان ئائىلىسى تېرىلغۇ يەرلىرىنى كوپېراتىپقا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كەنت بويىچە تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى يېزىلغان. مەزكۇر خەۋەردە يەنە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىسبىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنىڭ %20 كۆپرەكىنى ئىگىلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
مەزكۇر «تەكلىپتە» نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مائاش كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. يەنى، خىزمەتكە ئورۇنلاشقان، ئىشسىز قالغان، يۇرتىغا قايتقان ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالايدىغانلارنى ئېنىق تەكشۈرۈپ، «بىر ئادەمگە، بىر ھۈنەر، بىر لايىھە» تۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كەسپىي ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، كەسپىي تەربىيەلەش، «دۆلەت تىل-يېزىقى(خىتاي تىل-يېزىقى)» نى ئۆگىتىشنى كۈچەيتىشتە، ھەرقايسى كەسپىي ئىشچى ۋە كەسپىي ماھارەت مەكتەپلىرىنىڭ فونكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تونۇلۇشىغا كۆپ ھەسسە قوشقان داڭلىق مۇتەخەسسىس ئادرىئان زېنزنىڭ 2021-يىلى ئېلان قىلغان «نەنكەي دوكلاتى» خىتاينىڭ مۇشۇ خىل سىياسەتلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. دوكلاتتا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساس قىلغان جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش دۆلەت تىلى ئۆگىنىش، كەسپىي تەربىيىلەش نامىدا تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقى مەزكۇر دوكلاتتا ئىسپاتلىق يورۇتۇلغان.
دېمەك، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان ئۆتكەن بەش-ئالتە يىلدا، ئاتالمىش «دۆلەت تىلى ئۆگىتىش، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى رولى ئاللىبۇرۇن ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى باي قىلىش» نى مەقسەت قىلغاندەك بۇ ئاتالمىش «تەكلىپ» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يەنە بىر قېتىملىق زىيانكەشلىك قىلىش پىلانى بولىدىغانلىقى شەكسىز!
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.