ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» خىتاينى قانچىلىك دەرىجىدە «بىئارام» قىلىۋاتىدۇ؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.09.03
mejburiy-emgek-kiyim-tikish-zawuti.jpg خوتەندىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر.
Social Media

2-سېنتەبىر ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورگان تورىدا بىر «قارار» ئېلان قىلىندى. مەزكۇر «قارار» نىڭ تولۇق ئاتىلىشى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش قانۇنلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە جازاغا ئۇچرىغان كارخانا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى قارارى» دۇر.

بۇ «قارار» نىڭ بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدەك «نامدا بار، ئەمەلدە يوق» بولغان بىر ئورگان تەرىپىدىن چىقىرىلىشى، تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئەھۋالدۇر. بۇ يەردە بىز «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» دەك بۇ قورچاق ئورگاننىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ تۇرۇپ، مەزكۇر «قارار» دا نېمىلەر دېيىلگەنلىكىگە قاراپ باقايلى.

ئاتالمىش «قارار» نىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا 2022-يىلى 21-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش قانۇنلارنى يولغا قويغاندىن كېيىن، بۇ قانۇنلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىدى. يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بۇ قانۇنلار سەۋەبلىك ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرەلمىدى، كىرگەنلىرى ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىندى ياكى مۇسادىرە قىلىندى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» نىڭ مەزكۇر «قارار» دا دەل بۇ سەۋەبلىك چىقىرىلغان ئىدى.

 «قارار» دا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ قانۇنلار كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىغا، تىجارەت ھوقۇقىغا، تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ھەمدە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ، قەلبىنى يارا قىلدى. بۇ ۋەجىدىن شىنجاڭ خەلقى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولغان ‹ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇنلار› نىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئامېرىكانىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتەك رەزىل قىلمىشىنى پاش قىلىش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى جازاغا ئۇچرىغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىزمەت قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ قارار ئېلىندى».

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇنلىرىنىڭ خىتايغا ئوبدانلا زەربە بەرگەنلىكى ئاشكارا. ئەكسىچە بولغاندا، خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» نامىدىن بۇنداق «قارار» ئېلىشىغا ھېچبىر زۆرۈرىيەت قالمايتتى.

ئۇنداقتا بۇ «قارار» دا زادى نېمىلەر دېيىلگەن؟

مەزكۇر «قارار» دا ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش قانۇنلىرى، خىتاينىڭ پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كىيىم-كېچەك، كۈنتاختا، پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق «ئىلغار» كارخانىلىرىغا ئېغىر زىيان سالغانمىش. خىتاينىڭ دېيىشىچە، بۇ ساھەلەر يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنمىش. ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ناھايىتى ياخشى قوغدىلىپ، ھېچقانداق دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىماپتىمىش! ھالبۇكى، ئامېرىكا خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىپ كېتىشىگە چىدىماي، قەستەن ئۇيغۇرلارنى دەستەك قىلىپ، خىتايغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋېتىپتىمىش. «شىنجاڭ مەسىلىسى» خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىمىش، ئامېرىكا خەلقئارا قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىۋېتىپتىمىش؛ شۇڭا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانىلار ۋە ئاپتونوم رايوندىكى بارچە خەلق كوللېكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئامېرىكانىڭ بۇ يولسىز قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكمىش!

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» دېگەن سېنارىيەسىنى داۋاملىق ئويناپ، جىنايى مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا چۈشكەنلىكى ئېنىق. لېكىن كۈننى ئېتەك بىلەن توسقىلى بولمىغاندەك، پولاتتەك ئىسپاتلار ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قۇتۇلۇشىمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس.

ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان 2017-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. خەلقئارادىكى نۇرغۇن نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان كارخانىلار ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقات دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك ئىشتاتىغا جايلاشقان يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆزىتىش شىركىتى بولغان ئالتانا تېخنولوگىيە شىركىتى (Altana Technologies) ئېلان قىلغان بىر دوكلات بۇلارنىڭ بىر مۇھىم مىسالىدۇر. ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ، ئىككى ئايدىن كېيىنلا ئالتانا تېخنولوگىيە شىركىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىنى يورۇتۇش» ناملىق بىر دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈردى. دوكلاتتا، خىتايدىكى 938 مىڭ 991 كارخانىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى؛ بۇ كارخانىلارنىڭ پۈتكۈل يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقى؛ بۇ كارخانىلار يەر شارىدىكى 600 دىن كۆپ كەسىپ بويىچە مىليونلىغان تارماق سودا ئالاقە مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەنلىكى؛ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى ئارىسىدىكى 785 مىڭ 415 كارخانىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك سودا مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىكى؛ بۇ سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر سان-سېپىرلارنىڭ ئىككىنچى قاتلىمى 6 مىليون 871 مىڭ 643 سودا ئالاقىسىگە تۇتۇشىدىغانلىقى پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر دوكلاتتىن سىرت ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر بىر قانچە دوكلاتىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر كۈچلۈك پاكىتلارنى ئاشكارىلىغانىدى.

بۇ يەردە تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئامېرىكانىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان خىتاينىڭ پاختا توقۇمىچىلىق، كۈنتاختا، پەمىدۇر قاتارلىق ساھەلىرى غايەت زور ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق ساھەلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ دەل بۇ ساھەلەردە ئەڭ كۆپ قۇل ئىشچى قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ. خىتاينىڭ بۇ يەردە ئۆزىنى باسالماي قېلىشىمۇ، بۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىدىن قوغلاندى قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرگەنلىكىدىندۇر.

ئەگەر ئالتانا شىركىتى دەلىللىگەن بىر مىليونغا يېقىن خىتاي كارخانىسىدا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى تەخمىن قىلالىشىمىز تەس ئەمەس. يەرسىزلەشتۈرۈلۈش، مائارىپسىزلاشتۇرۇلۇش، ھەقسىزلەشتۈرۈلۈش ۋە بۇنىڭغا قوشۇلغان ئوبرازى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاپ خۈنۈكلەشتۈرۈلۈش… ئاقىۋەتتە قۇل بولۇشتىن باشقا ياشاش يولى قالدۇرماسلىق بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولغان ئېغىر جىنايەتلەردۇر. ھالبۇكى، بۇ جىنايەتلەرنى ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئەجەبا، خىتاينىڭ دېگىنىدەك، بۇ جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇلۇشى، يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلىشى كېرەكمىدى؟

تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى «ئىچكى ئىشىمىز» دېيىشىدۇر. ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، باشقىلار ئارىلىشالمىسا، ئۇ ھالدا ھەرقانداق دۆلەت ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلسا، خەلقئارا جەمئىيەت ئارىلىشالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقمامدۇ؟ گەرچە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن بىر نىزام بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىگە ئايلاندى. بۇ ۋەجىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ھۆكۈمەت، شەخسلەرنى جازالاش مەجبۇرىيىتى بار. لېكىن خىتاي ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ب د ت كىشىلىك ئالىي كومىتېتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى پۈتۈن كۈچى چەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە خەلقئارا قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقىنى ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى دەل خىتاينىڭ ئۆزىدۇر.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانىلار ۋە «خەلق» نى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئامېرىكاغا تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ ئۆكتەملىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس! ئەمما مەسىلە خىتاينىڭ بۇ ئۆكتەملىكىنىڭ بازاردا ئىشقا ياراش ياكى يارىماسلىقىدۇر.

دەرۋەقە، خىتايغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدىغان بىر يول بار دېيىلسە، ئۇ يول مۇقەررەر ھالدا نۆۋەتتىكى دۇنيا تۈزۈلمىسىنى ۋەيران قىلىش، شۇنداقلا خىتاينى مەركەز قىلغان ۋە خىتاي تىكلەپ بەرگەن مۇستەبىت ئەندىزە بويىچە يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشتۇر. خىتاي بۇنى قىلالامدۇ ياكى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاينىڭ بۇ رەزىل چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۇنيانىڭ بۇنىڭغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقى خىتاينىڭ ئۆزىگىمۇ ئايان. شۇنداقكەن، خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» نامىدىن ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا قارشى ئاتالمىش «قارار» ماقۇللىتىشى، قۇرۇق تېرە تاراقشىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

 (ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.