ئۇيغۇر نانلىرى: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2023.03.16
خىتاي ئۇيغۇر نانلىرىنى كارخانىلاشتۇرۇپ نېمە مەقسەتلەرگە يەتمەكچى؟ (2) ساياھەتچىلەر «خەلقئارالىق چوڭ بازار» غا قويۇلغان يوغان پىلاستىك ناننىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە. 2021-يىلى 22-ئاپرېل، ئۈرۈمچى.
AP

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىرقىسم ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن خىتاي دائىرلىرى بۇ قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، خەلقئارا تەشۋىقاتقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ كەلدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب جەمئىيىتىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار غەربنى قارىلاشتا يەنىلا غەربنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە تايانماقتا. بۇ ۋەجىدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقاتلىرىمۇ يىللاردىن بۇيان غەرب دۇنياسىنىڭ ئەركىن پىكىر مۇنبەرلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا.

گەرچە ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئالاقىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمما تۋىتتېر قاتارلىق خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە «بەختلىك ئۇيغۇرلار» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ كۆپىيىشى دەل بۇنىڭ مىسالىدىندۇر.

يېقىندا، تۇرسۇن ئېلى نامىدىكى بىر تۋىتتېر قوللانغۇچىسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يالغان كۆرسىتىش تەشۋىقاتى بىلەن پەيدا بولدى. ئۇنىڭ بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر نانلىرى» ھەققىدىكى بىر تەشۋىقات فىلىمى دەل شۇنداق تەشۋىقاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر قىسقا فىلىمدا بىر ئائىلە ئۇيغۇرلارنىڭ «يۇرتىنىڭ ئۇيغۇر نانلىرىغا ۋاكالەتچى بولغان» لىقى ۋە خېرىدارلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقى سۆزلەنگەن. قارىماققا بۇ فىلىم ھەقىقەتەنمۇ نان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال ۋە بەختلىك سىماسىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋە تۋىتتېر ئىشلىتىشى جىنايەت سانىلىدىغان خىتايدا، تۋىتتېر ئىشلىتىشى مۇمكىنمۇ؟ ئېنىقكى، مەزكۇر تۋىتتېر ئاككونتى (ھېسابى) ۋە بۇ ئاككونتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتلار خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ۋاسىتىسى بىلەن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغان ساختا تەشۋىقات.

تۇرسۇن ئېلى نامى بىلەن پەيدا بولغان بىر تۋىتتېر قوللانغۇچىسى تۋىتتېر ھېساباتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يالغان كۆرسىتىش تەشۋىقاتى قىلماقتا.
تۇرسۇن ئېلى نامى بىلەن پەيدا بولغان بىر تۋىتتېر قوللانغۇچىسى تۋىتتېر ھېساباتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يالغان كۆرسىتىش تەشۋىقاتى قىلماقتا.
Social Media

بىزگە مەلۇم نان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. يەنى نان، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى ھەتتا ئېتىقادى قاتارلىق پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق شەكلى نان بىلەن زىچ باغلانغان. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ۋاسىتىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىپ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ جاي، ھۈنەر-سەنئەت، تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. شۇنداقلا نان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. نان ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ئىگىللىگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. نان تونۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تونۇر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارقالغان. قۇمۇل، تۇرپان، چەرچەن، نىيە، سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرىدىن بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەۋە نان پارچىلىرى تېپىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنە نىيە قەدىمكى خارابىسى قاتارلىق جايلاردىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۇپ نان پارچىلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نان بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ نەقەدەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

دېمەك، نان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھاياتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇيغۇر نانلىرىغا ئالاقىدار مەلۇماتلاردىن قارىغاندىمۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر نانلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىغا تۇتاشقان چوڭ تىپتىكى كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈپ، خىتاي مەخسۇس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلغان ئون چوڭ كەسىپنىڭ بىرىگە ئايلانغان. قىسقىسى خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك ئۇيغۇر نانلىرى بۈگۈن زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. گەرچە ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ تەرەققىياتى كىشىگە ئۈمىد بەرسىمۇ، ئەمما مەسىلە بۇ تەرەققىيات ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلىگەنلىكىدۇر.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىدا نان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» لا ئەمەس، «تېرورلۇق ۋە رادىكاللىقنى يوقىتىش» بىلەنمۇ ئالاقىدار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ھەتتا «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ئۈچۈن كاللىسىدىكى «زەھەرلىك ئىدىيەنى يۇيۇپ تازىلاش، خىتايچە ئۆگنىش ۋە كەسپ ئۆگىنىش» تەلەپ قىلىنغان.

2018-يىلى خىتاي «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىگەن «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا شىنجاڭ مۇنداق ئۇسۇل قوللاندى» ناملىق ھۆججەتلىك خەۋىرىنى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىڭ (胡锡进) ئۆزى باش بولۇپ ئىشلىگەنىدى. ئەمما بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىپ خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاش بىلەن بىرگە، فىلىمدىكى تەپسىلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قانۇنسىز شەكىلدە، لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزى ئاشكارىلاپ قويغان بۇ ھەقىقەتنى يېپىشقا ئۈلگۈرەلمەي تۇرغان بىر پەيتتە، نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىدە 400 بەتلىك خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرى ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادا يەنىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. شۇ ۋاقىتقىچە، ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ئۆتمەي «تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولغان» لىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغانىدى.

شۇ قېتىملىق خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان «خوتەن شەھەرلىك كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دە نان يېقىش زاۋۇتى ۋە زاۋۇتتا «تېخنىكا ئۆگىنىۋاتقان» ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار بار ئىدى. يەنى، خوتەن شەھەرلىك كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى ئاتالغان جازا لاگىرلىرىدا ئاتالمىش «كەسىپ ئۆگىنىۋاتقان» ئۇيغۇرلارنىڭ مۇخبىرغا بەرگەن بايانلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ بىلىپ-بىلمەي دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە رادىكاللىق بىلەن زەھەرلەنگەنلىكىنى، مەزكۈر تەربىيىلەش مەركىزىگە كېلىپ، ئىدىيىسىدىكى زەھەرلەر تازىلىنىپ، كەسىپ ئۆگىنىپ، قايتا ئادەم بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى. . . . . . قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلەنگەنىدى.

ئەمدىلىكتە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىدا كەسىپلەشتۈرۈش دەرىجىسىگە يەتكۈزۈلگەن غايەت زور ناۋايلىق كەسپىي زەنجىرىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بوينىغا قۇللۇق زەنجىرى سۈپىتىدە سېلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى پەرەز قىلىشىمىز تەس ئەمەس. بۇ ھەقتە داڭلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز ئەپەندىم 2021-يىلى ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوتى» دا ئاشكارىلىغان خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرىدە دەلىللەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. يەنى، شى جىنپىڭنىڭ مەخپىي سۆزى دېيىلگەن مەزكۇر ھۆججەتتە، شى جىنپىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش بىلەن تەڭ قايتا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئىدىيەسى زەھەرلەنگەنلەرنى تازىلاش» بۇيرۇقىنى بەرگەن. شۇنداقلا يەنە، ئۇيغۇرلارنى خىتاي كارخانىلىرىغا ئاپىرىپ ئىشلىتىش، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇس قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 300 مىڭ خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەپ كېلىش ھەققىدىمۇ بۇيرۇق بەرگەن.

دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىدا كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان نانچىلىق ساھەسىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىدىن پايدىلانغانلىقى ئېنىق.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2018-يىلى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۈرۈمچىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسپلەر باغچىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 40 پېرسەنتى قەشقەر ۋە خوتەندىن يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. يۆتكەپ كېلىنگەنلەرنىڭ ئىشتىن سىرت ۋاقتىدا، ھەپتىدە 4 قېتىم خىتاي تىلى ئۆگىنىش، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، قانۇن-نىزاملارنى ئۆگىنىش كەچلىك كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۈر ئىشچىلارغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەندەك خىتايلار بىلەن تۇغقانلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمۇ دېيىلگەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ ناۋايخانىلاردا خىزمەتچى بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رېئاللىقتا بۇ ئىشنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بولغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. يەنى تەڭرىتاغ تورىدابېرىلگەن ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنىڭ كەسىپلىشىش جەريانىغا ئالاقىدار بىر خەۋىرىدە، ئاتالمىش ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش·访惠聚» خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ۋە كەنت كومىتېتلىرى ھەر قايسى كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ناۋايچىلىق كوپېراتىپلىرىنى قۇرۇپ چىققان ۋە تەربىيىلەش ئورنىدىن ئادەم يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق يېزىلغان. دەرۋەقە، خۇددى ئېلىدا كۈنسېرى كۆلەملىشىۋاتقان غايەت زور نانچىلىق كەسپىي زەنجىرىنىڭ خۇددىي باشقا ساھەلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، قىسقىسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىچىلىقى بىلەن باغلانغانلىقى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.