«يەزىدى قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان ب د ت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قاچان ئېتىراپ قىلىدۇ؟
2024.08.07
3-ئاۋغۇست گېرمانىيە «فېدېراتسىيە پۇقرالار مائارىپ مەركىزى» (BPB) نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان «2014-يىلىدىكى يەزىدى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق دوكلاتتا ۋە گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD دا ئېلان قىلغان «بىز بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىۋاتىمىز» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «يەزىدى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى ئىراقتا يۈز بەرگەن. يەزىدىلەر ئىراقنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان يەرلىك مىللەت بولۇپ، 2014-يىلى دائىش (ISIS) كۈچلىرى بۇ رايوندا بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان، يەتتە مىڭ ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەزىدى ئاياللىرىغا جىنسىي زوراۋانلىق ۋە باسقۇنچىلىق قىلغان. 2016-يىلىغا كەلگەندە 3500 قىز-ئايال قويۇپ بېرىلگەن ياكى پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىنغان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر يەنە 2700 ئەتراپىدا قىز-ئاياللارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 2016-يىلى بۇ ۋەقەنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇ ساھەدىكى تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
ھالبۇكى، «يەزىدى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان ب د ت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېخى ھازىرغىچە رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلغىنى يوق. ھازىرغا قەدەر «يەزىدى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ خىزمەت قىلىۋاتقان ب د ت نىڭ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ياكى تەكشۈرۈش يولىدا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلالماسلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن بىر مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ب د ت دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەكىرىش ۋە ب د ت نىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ چىقىش جەھەتتە بەلگىلىك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ۋە خىتاي تەرەپدارلىرىنىڭ ب د ت دىكى تەسىر كۈچى سەۋەبلىك بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشماي كەلمەكتە ئىكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى جەنۋەدە ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن. 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مەزكۇر كومىتېت خۇلاسە دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» دېگەن ناملاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا مۇددەتسىز قامىۋالغانلىقىنى جاكارلاپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ئۇشبۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىدىكى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى قويۇپ بېرىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، كىملىكى، تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە بۇ ئورۇنلارنىڭ شارائىتلىرىنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
مەزكۇر دوكلات ئەينى چاغدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئېلىشىغا، 2021-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق 11 دۆلەت ۋە پارلامېنتتا ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئاساس ھەم تۈرتكە بولغان زور ھادىسە ئىدى. 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگە كەلگەندە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئاخىرقى دەقىقىلەردە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» لىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مانا بۇلار، ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىپ كەلگەندىن بۇيان ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان ئىككى چوڭ خىزمىتى بولۇپ قالغان.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يەزىدى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر ۋە پاجىئەلىك. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان دۆلەت ياكى تەشكىلاتلارغا ئىزچىل قاتتىق بېسىم قىلىۋاتقانلىقى ياكى جازا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەزىدىلەر مەسىلىسىگە ئوخشاش دەرىجىگە كۆتۈرۈلەلمەي كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ كۈچىمۇ بۇ ساھەدە بەلگىلىك رول ئوينىماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت دىن خىتاينىڭ تەسىرىنى تازىلاش چۇقانلىرى ئوتتۇرىغا چىققىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، ب د ت نى جىددىي ئىسلاھ قىلىش نۆۋەتتە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.