ئۇيغۇر قىسمەتلىرىدىن كوممۇنىست خىتاينىڭ ساختىپەزلىككە تولغان 75 يىلىغا باھا
2024.10.01
1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ھاكىمىيەت تارىخىغا نەق 75 يىل بولدى. ماۋ زېدۇڭ 1945-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەتتىنچى قۇرۇلتىيىدا «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى لىنكولىننىڭ تەشەببۇسىدەك، خەلقنىڭ دۆلىتى، خەلقنىڭ باشقۇرۇشى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دېموكراتىك، گۈللەنگەن ۋە كۈچلۈك خىتاي قۇرۇپ چىقىمىز» دېگەن. ئۇنىڭ سۆزلىرى قارىماققا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» دىكى قاراشلار بىلەن پەرقسىزدەك كۆرۈنىدۇ. ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى دوڭ بىۋۇنىڭ 1948-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىغا گومىنداڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىپ، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» غا ئىمزا قويۇشىمۇ بۇ قاراشنى تەستىقلايدۇ. ئەمما خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بېسىپ ئۆتكەن ئىزلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت تارىخىنىڭ ب د ت ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىشتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققىچە بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن لىق تولغانلىقىنى كۆرىمىز.
دەرۋەقە، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ يىللاردىن بۇيان ماۋ زېدۇڭ ئېيتقاندەك «دېموكراتىك ۋە ئەركىن بىر خىتاي دۆلىتى» نىڭ بارلىققا كېلىشىنى كۈتكەنىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى خىتاي ب د ت بىلەن بارلىققا كەلگەن يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە كۈچلىنىپ، يەنە بۇ كۈنتەرتىپنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلاشنى نىشان قىلغان بىر دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارا سەھنىدە نامايان بولماقتا. كىشىلەر خىتاينىڭ بۇ ھالىتىنى خىلمۇخىل قاراشلار بىلەن تەبىرلەشتى. لېكىن بىر نەرسە ئېنىقكى، خىتاينىڭ «ئاش بەرگەنگە مۇشت بېرىدىغان» تەبىئىتى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ پۈتكۈل ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى 75 يىللىق قىسمەتلىرى بىلەن ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغانىدى.
1949-يىلى يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەن كوممۇنىست خىتاي، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەن قىسىملىرى بىلەن گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كوممۇنىستلارغا ئەل بولغان 100 مىڭ كىشىلىك قالدۇق ئارمىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نى قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور كۆلەمدە نوپۇس يۆتكەشكە باشلىدى. ئىشلار نوپۇس يۆتكەش بىلەنلا تۈگىمىدى، ئەلۋەتتە! ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقلار خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىشىغا ماس ھالدا تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.
1950-يىلىنىڭ باشلىرىدا باشلانغان ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى» دا قانچىلىغان ئۇيغۇرلار رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلۈپ، يەر-زېمىن ۋە بايلىقلىرى تارتىۋېلىندى. 1957-يىلىدىكى «ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش» ۋە «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. 1958-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە داۋام قىلغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان زور ئاچارچىلىقتا سانسىزلىغان ئۇيغۇرلار ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىدى. 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە داۋام قىلغان ئون يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى ئومۇميۈزلۈك ۋەيران قىلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە سانسىزلىغان سەنئەتكارلار، ئەدىبلەر ۋە باشقا مىللەت سەرخىللىرى ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى، خىتاي 1978-يىلى ئاتالمىش «ئىسلاھات» چاقىرىقىنى ئېلان قىلغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ «ئىسلاھات» ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلەردىن نومۇسسىزلارچە يىراق قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى «ئىسلاھات» تىن ئايرىۋېتىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ دېڭ شياۋپىڭ ئېيتقاندەك، «بىر قىسىم شارائىتى يار بەرگەن جايلارنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇش» ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ھەقلىرىنى قوغداش يولىدىكى جاسارىتى ۋە بۇ يولدىكى تىنىمسىز كۈرەشلىرى خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلانغانىدى. بولۇپمۇ ئىككى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان 1989-يىلىدىكى بېيجىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە بۇ ھەرىكەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا بولۇشى خىتاينى ئالاقزادە قىلغانىدى. ئەگەر ئىشلار مۇشۇنداق تەرەققىي قىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى پۈتكۈل خىتايدا چوڭ بىر سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا، ھەتتا نۆۋىتى كەلسە خىتاي كومپارتىيەسىنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى.
مانا مۇشۇنداق پەيتتە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ داڭلىق «جەنۇب سەپىرى» ۋە بۇ سەپەر جەريانىدىكى مەشھۇر نۇتۇقى ئوتتۇرىغا چىقتى. دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1992-يىلىدىكى مەشھۇر «جەنۇب سەپىرى»، خىتاينىڭ كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ بەرگەن بىر سەپەر دەپ قارالغانىدى. دەرۋەقە، بۇ سەپەرنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى بەلگىلىشى باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ غەرب دېموكراتىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان ياكى بارمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەنلىكتىن بولغانىدى.
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە قارشى كۈرەشلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلدى ۋە بۇ كۈرەشلەر داۋامىدا قانلىق بەدەللەرنى تۆلىدى. تارىخقا قارىساق، 1950-يىلى 7-ئايدا ئىلىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئارمىيە كاپىتانى راخمانوف باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ؛ 1951-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئارىلىقتا يۈز بەرگەن غۇلجا توققۇزتارادىكى مالىك ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ؛ خوتەندىكى ئابلىمىت داموللا باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ؛ يېڭىساردىكى جېلىل ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ؛ 1958-يىلى قۇمۇلنىڭ قوراي يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئەلى قۇربان باشچىلىقىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭ؛ 1962 -يىلى ئىلىدا يۈز بەرگەن 29-ماي قانلىق ۋەقەسى؛ 1968-يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى قوزغىلاڭ، 1980-يىللاردىن كېيىن يۈز بەرگەن «ئاقسۇ قوزغىلىڭى»، «قارغىلىق قوزغىلىڭى»، قەشقەردە يۈز بەرگەن «30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى»، خوتەندە يۈز بەرگەن «7-ئىيۇل ۋەقەسى»، 1985 ۋە 1988-يىللىرى يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى، 1990-يىلى ئاقتۇدا يۈز بەرگەن «بارىن ئىنقىلابى»، 1997-يىلى غۇلجادا يۈز بەرگەن «5-فېۋرال قىرغىنچىلىقى»، 2009-يىلىدىكى «شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقى»، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»، 2014-يىلىدىكى «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ مىسالىدۇر.
ھالبۇكى خىتاي ئۆزىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيانقى بارلىق تاشقى تەشۋىقاتلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى بۇ «مىللىي ياكى دىنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق ھەرىكىتى. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دەپ بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى. چۈنكى بۇ مەسىلىنىڭ خاراكتېرى مىللىي مەسىلە دېيىلگىنىدە، ئۇيغۇرلارغا زورلاپ ئارتىلغان «شەرقىي تۈركىستانچى، بۆلگۈنچى، تېررورچى، ئاشقۇن» تۆھمەتلىرىنىڭ يالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقاتتى-دە، ئۇيغۇر مەسىلىسى بىردىنلا خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلىنىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلەتتى. دېمەك، كوممۇنىست خىتاي دەسلەپكى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ھۆرلۈك ئارزۇلىرىنى تۇنجۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغانىدى.
ماۋ زېدۇڭ ئۆلۈپ، ئون يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى قولايلاشقىنى يوق. خىتاي كومپارتىيەسى گەرچە ماۋ زېدۇڭنىڭ سىياسەتلىرىنى قىسمەن تەنقىدلىگەن بولسىمۇ، ئەمما دېڭ شياۋپىڭ 1979-يىلى ئىسلاھاتتا «4 ئاساسىي پىرىنسىپ» تا چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار بىرىنچىسى، سىياسىي ئىدىيەدە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچىسى، پىرولېتارىيات دىكتاتورلۇقىدا چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچىنچىسى، كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ تۆتىنچىسى، ماركسىزم، لېنىنىزم ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. يەنى خىتاي «ماۋ زېدۇڭ» نى ئىنكار قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋام قىلىۋېرىدىغانلىقىنى قارار قىلغانىدى. دېمەك، خىتاينىڭ كونا يولىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق ھالدا ئېغىر باستۇرۇش، چەكلىمە ۋە تۈرلۈك نازارەت ئاستىدىكى ھاياتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ ئۆتكەن 75 يىلدىكى تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇقەررەرلىك بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىزمۇ ئانچە تەس ئەمەس. يەنى غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلايدىغان خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەشتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشمۇ دەل ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئېنىق. خىتاي ھەتتا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشتەك غالجىرلىق دەرىجىسىگە يەتتى، ئەمما بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھامان مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلار ۋە مىللىي ھۆرلۈك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەم ئادالىتىنى ئالغا سۈرىدىغان ھەرىكەتلەردۇر. ئىنسانلارنىڭ يەككە ھالدىكى ئەركىنلىكلىرى بوغۇلغان، پىكىر ۋە ئىدىيەلىرى قاتتىق تەقىبلەشكە ئۇچرايدىغان، ھەر كىم دەككە-دۈككىدە نەپەس ئېلىشتىنمۇ ئەندىشە قىلىدىغان خىتايچە دۇنيا كۈنتەرتىپىنى ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئېنىق. مەيلى خىتاي ئۆز نىيىتىنى قانداق شەكىلدە نىقابلىسۇن ۋە ياكى سوتسىيالىزمنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يېڭى بىر يولىنى بەرپا قىلغانلىقىنى داۋراڭ سالسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئۇرۇنۇشتۇر! چۈنكى بۈگۈنگىچە دۇنيادا ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ يولىدا ماڭغان ھېچبىر دۆلەت غەرب دۇنياسىدەك كۈچلەنگەن، خەلقلىرى ھۆر دۇنيانىڭ پۇقرالىرىدەك باياشات ۋە ئەركىن ھاياتقا ئېرىشكەن ئەمەس. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، دېڭ شياۋپىڭ 1978-يىلى ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يولى- «سوققان چوتنى ئاشكارىلىماسلىق» ياكى «ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىپ باشقىلارنى غەپلەتتە قالدۇرۇش» (韬光养晦) بولىدۇ دەپ يوليورۇق بەرگەن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خەلقئارا دىپلوماتىيەدە ئەسلى مەقسەت ۋە نىشانلىرىنى خەلقئارادىن سىر تۇتۇش؛ قورساقتا سوققان چوتلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق؛ ئىشلارنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش؛ ئۆزىنى ۋاقتىنچە ئاجىز كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتۇش؛ شۇنداقلا كۈچلۈكلەرنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىش دېگەنلىك بولاتتى. دەرۋەقە، خىتاي ھەرگىزمۇ ئۆزى ئېيتقاندەك، «سوتسىيالىزمنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى يولى» نى تاپقانلىقىدىن كۈچلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياپ، غەرب ياراتقان يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپى ۋە تېخنىكا تەرەققىياتلىرىنىڭ مېۋىلىرىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغانلىقى، يەنى تەييارغا ھەييار بولغانلىقىدىن كۈچلەنگەن ئىدى.
دەرۋەقە، كوممۇنىست خىتاينىڭ 75 يىللىق ھاكىمىيەت تارىخى ساختىپەزلىككە تايىنىپ مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلالىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئىسسىق جۇۋىسىدا تەرلىگەن نومۇسسىزلىق تارىخىدۇر. خىتاي گەرچە ئۆزىنىڭ خەلقئاراغا سوزۇلغان ساختىپەزلىكىدىن زور مەنپەئەت ئالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رەسۋاچىلىقلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ھەمدە خىتاي ئىقتىسادىنى كىرىزىسقا پاتۇرۇۋاتقانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي دۇنياغا تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتايچە دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە، جورجى ئورۋېلنىڭ «1984» رومانىدىكىدەك مۇستەبىت بىر دۇنيا بەرپا قىلىش بولغانلىقى، كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. بۈگۈن كوممۇنىست خىتاي ئۆزىنىڭ 75 يىللىق ھاكىمىيەت مەۋجۇتلۇقى بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تەنتەنە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىنمۇ بەتتەر بولىدىغانلىقى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس. چۈنكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بەرپا بولغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىۋاتقان ھەرقانداق كۈرەشلەر، ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن بولۇپ، مۇستەبىتلىككە تايانغان ھەرقانداق ھاكىمىيەت يا ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە ھامان بەربات بولغان. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-ياشلىق قىسمەتلىرى ئاخىرلىشىپ، ئەركىنلىك قۇياشى ئىستىقبال ئۇپۇقىدا پارلايدىغان كۈنلەر ھامان كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسى ۋە كۈرەش دولقۇنلىرى يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ يەر شارىغا سۇنۇۋاتقان رەزىل مودېلىغا قارشى خەلقئارالىق كۈرەش ئېقىمى بىلەن گىرەلىشىپ، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلار كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئۇپۇقىنى ئاچىدۇ!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]