خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنى ۋەيران قىلىش پىلانى: «جەۋھىرىنى ئېلىپ، يىلتىزىنى يوقىتىش»

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.05.18
zukam-jewhiri-uyghur-dora شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىسى زۇكام جەۋھىرىنى ئوراپ قاچىلاش سېخىدا ئىشلەۋاتىدۇ، 2022-يىلى 14-فېۋرال، ئۈرۈمچى
xj.cnr.cn

ئۇيغۇر تېبابىتى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تېببىي داۋالاش ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە دائىر قىممەتلىك مىراسلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر تېبابىتى ئىنسانىيەت تېببىي بىلىم خەزىنىسىدىكى مۇھىم مىراسلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا ياشاش ۋە كۆپىيىش، سالامەتلىكنى ئاسراش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا مۇھىم روللارنى ئوينىغان.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. ۋەتىنىمىزدىن قېزىۋېلىنغان ئارخېئولوگىيەلىك مەنبەلەر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يازما ماتېرىياللاردا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە دائىر نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تېببىي ھۆججەتلەر ماتېرىياللار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بېرلىن، لوندون، موسكۋا، سانكت-پېتېربۇرگ، سىتوكھولم، لۇند، توكيو، پارىژ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تارىخىي مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسىملىرى تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھاياتلىق زەنجىرىگە دائىم زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە جەسەتنى يېرىپ تەكشۈرۈش، جەسەتلەرنى مۇمىيالاش، تېڭىقچىلىق، سامساق، ھاراق قاتارلىقلار بىلەن مىكروب ئۆلتۈرۈش، باش سۆڭىكىنى ئېچىپ خالتىلىق قۇرۇتنى ئېلىۋېتىش، كىچىك تىپتىكى كۆز ئوپېراتسىيەسى قاتارلىق نازۇك ۋە ئىنچىكە تېببىي داۋالاش مېتودلىرى قوللىنىلغان. ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاغ-يايلاقلىرى، چۆل-باياۋانلىرى، باغۇ-بوستانلىرىنى كېزىپ، بايقىغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئەمەلىي داۋالاش ئىشلىرىدا قوللىنىپ، 3000 خىلدىن ئارتۇق شىپالىق دورا ئەشيالىرى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك رېتسېپلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇيغۇر تېۋىپلىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەستىن، غەرب ۋە شەرقتە چىقىدىغان دورىلارنىمۇ ئۇيغۇر تېبابىتىدە قوللىنىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ دورىگەرلىك ساھەسىنى سەرخىللاشتۇرغان.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇستازلار.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇستازلار.
Social Media

دەرۋەقە، نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى تېبابەت تارىخى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق بولغان تېبابەت مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر خەلقىدە ئائىلىدە تېبابەت دورىلىرىنى ساقلاش، ئىشلىتىش، بىر قىسىم كېسەللەرنى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇسلۇبىدا (يەنى يەرلىك ئۇسۇل) دا داۋالاش قاتارلىقلار بىر ئەنئەنىگە ئايلانغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئادەتتە بىمارلارنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش؛ ئىسسىق-سوغۇق مىزاجىنى تەڭشەش؛ ھاۋا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق مۇھىت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىمارنىڭ ئىچكى بەدەن مۇۋازىنىتىنى ماسلاشتۇرۇشتەك ئۇسۇللار كەڭ قوللىنىلىپ كەلگەن. دېمەك، ئۇيغۇر تېبابىتى نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ، بىر گەۋدىگە ئايلانغان مىللەت تېبابىتىدۇر. ۋاھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تېبابىتىنى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ يوقىتىش مەقسىتىدە تۈرلۈك سىياسىي ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئويناپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

15-ماي خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىدا «ئاپتونوم رايونىمىزدا جۇڭيى تېبابىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى» ناملىق خەۋەر بېسىلدى. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «شىنجاڭ جۇڭيىچە تېبابەت دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» دەپ بىر ئىدارە قۇرۇلغان. مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خىتاينىڭ دۆلەتلىك خىتاي تېبابىتى (中医) نى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېببىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوغداش، خىتاي تېبابىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىلەن خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك جۇڭيىچە دورىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈ يەنخوڭنىڭ مەزكۇر ئىدارىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا لېنتا كېسىپ، سۆز قىلغانلىقى دېيىلگەن. ھالبۇكى، دەل مۇشۇ ئىككى شەخسنىڭ سۆزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» دەيدىغان بىر ئورۇننى پەيدا قىلىشنىڭ كەينىدىكى سىياسىي سۇيىقەستنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان.

ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ داۋالاش ۋە مۇلازىمەت مەركىزى قىلىنىدىغانلىقىدەك نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا، ئازسانلىق مىللەتلەر تېبابىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، كەسىپ ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش ھەققىدە سۆز قىلغان. يۈ خوڭيەن بولسا، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزلىرىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسىنى مەركىزىي لىنىيە قىلىپ، «جەۋھىرىگىلا ۋارىسلىق قىلىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىگە خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ «ئەنسار» ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ دەستۇر ئالاھىدە چېيى قاتارلىق ئۈچ خىل چاي ۋە 300 نەچچە خىل خام دورىسىنى يەرمەنكىگە قويغان. 2011-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسىگە خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ «ئەنسار» ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ دەستۇر ئالاھىدە چېيى قاتارلىق ئۈچ خىل چاي ۋە 300 نەچچە خىل خام دورىسىنى يەرمەنكىگە قويغان. 2011-يىلى سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
uy.ts.cn
tebabet

بۇ يەردە يۇقىرىقى ئىككى شەخسنىڭ ھەممە قۇرۇق گەپلىرىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەتلا ئەركىن تۇنىيازنىڭ «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش» دېگەن سۆزى بىلەن يۈ خوڭيەننىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى باش لىنىيە قېلىپ، جەۋھىرىنى ئېلىش» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئىزدەنسەكلا جاۋابقا ئېرىشەلەيمىز. يەنى ئەركىن تۇنىيازنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، بۇ يەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» بىلەن خىتاينىڭ دۆلەتلىك جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مۇقەررەر يوسۇندا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دورىلىرىنى «جۇڭيى دورىلىرى» نامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان. يۈ خوڭيەننىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بويىچە جەۋھىرىنى ئېلىش» دېگىنى بولسا، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۇيغۇر نامىدا ئەمەس، بەلكى «جەۋھىرى ئېلىنىپ، نامى يوقىتىلىش» ئۇسۇلىدا، پەقەت خىتاي تېبابىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، بۇ يەردە يۈ خوڭيەننىڭ بۇ سۆزلىرى تاسادىپىي دېيىلىپ قالغان سۆزلەر ئەمەس، ئەلۋەتتە، بۇ سۆزلەرنىڭ مەقسەتلىك دېيىلگەنلىكىنى ئۇنىڭ سۆزىدىكى «جەۋھىرىنى ئېلىش» (传承精华) دېگەن خىتايچە 4 خەتلىك ئاتالغۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە بۇ ئاتالغۇنىڭ خىتاي ئىچىدىكى سىياسىي مەنىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈش، ئارتۇقچە ئەمەس، ئەلۋەتتە.

شى جىنپىڭ 2019-يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭيى دورىلىرى تەرەققىياتى ھەققىدە ئېچىلغان چوڭ يىغىندا «جۇڭيى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا جەۋھىرىنى ئېلىش» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم. شى جىنپىڭ بۇ سۆزنى نېمە مەقسەتتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟ بۇ نۇقتىدا ئىزدەنگىنىمىزدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقات تور بېتى بولغان «كۈچلۈك دۆلەتتىن ئۆگىنىش سۇپىسى (学习强国) » دا بۇ ھەقتە بېرىلگەن مۇنداق بىر ئېنىقلىمىنى ئۇچرىتىمىز. مەزكۇر ئېنىقلىما بۇ تور بەتنىڭ «گۇاڭدۇڭ ئۆگىنىش سۇپىسى» دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭيى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا جەۋھىرىنى ئېلىش» دېگەن سۆزىگە مۇنداق چۈشەنچە بېرىلگەن: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەستىقىدا، جۇڭيى دورىلىرى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇشى كېرەك، ‹جەۋھىرىنى ئېلىش› كېرەك دېيىلگەن. ئۇنداقتا، بۇ جەۋھەر زادى نېمە؟ قەدىمكىلەر بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئىچىدە بىز ئىشلىتەلەيدىغانلىرىمۇ، ئىشلىتەلمەيدىغانلىرىمۇ بار. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ جەۋھىرىنى ئېلىۋېلىش بىلەن بىرگە، بۇ جەۋھەرلەرنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. مانا بۇ جەۋھىرىنى ئېلىشنىڭ مەنىسىدۇر».

بىزگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قەدەر كەسىپلەشكەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى» شىركىتى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ باشچىلىقىدا 2001-يىلى قۇرۇلغانىدى. بۇ شىركەت بازارغا سېلىپ ئۈنۈم ياراتقان دورىلاردىن «زۇكام جەۋھىرى» (كۇمىلىچى) گەرچە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، ئىناۋىتى ئېشىپ مېڭىۋاتقان پەيتتە، خالمۇرات غوپۇر2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ شىركىتى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندىمۇ، 2016-يىلىدىن بۇيان ناھەق جازالانغان، لاگېرلارغا قامالغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى دوكتور خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تېببىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۇستا تېۋىپلار ۋە دورىگەرلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى «ئۈچ خىل كۈچ» ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قاتارلىق سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن باغلىغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى «مەيدان ئايرىش» ياكى «ئاۋاز چىقىرىش» تەشۋىقاتلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، خالمۇرات غوپۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنى ۋەيران قىلىش سۇيىقەستى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىنى كۆرىمىز. يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئورگان تور بېتىدە 2019-يىلى ئاپرىلدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بۇ ھەقتە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى كۆرەلەيمىز. ماقالىنىڭ تېمىسى «‹ئۈچ خىل كۈچ› ۋە ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايلى» بولۇپ، مەزكۇر ماقالە شۇ دوختۇرخانىنىڭ تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى تۇرسۇن غوپۇر تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، خالمۇرات غوپۇرنى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خالمۇرات غوپۇر ‹ئىككى يۈزلىمىچى› بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى ئىلمىي سالاھىيىتى ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن خىتاي تېبابىتىنىڭ تارىخىي بېغىنى ئۈزمەكچى بولغان. ئۇ يەنە دەرسلىك ماتېرىياللار، كىتابلار، ئىلمىي لېكسىيە، تور تەشۋىقاتى قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، مىللىي مۇستەقىللىقنى تەشۋىق قىلىپ، مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولغان. ئۇ بىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىزدۇر».

يۇقىرىقى بۇ كۈلكىلىك تۆھمەتلەرنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە، دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە سوزغان قارا قولىنى ئالدىن ھېس قىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ خىتاينىڭ نەزىرىدە «جىنايەت» دەپ قارالغانلىقىدۇر. ئەمەلىيەتتە، خالمۇرات غوپۇر خىتاي ئەيىبلىگەندەك «ئىككى يۈزلىمىچى» ياكى «ئۈچ خىل كۈچ» ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز.

 

2003-يىلى خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان، كېيىن خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان «شىپايى» ماركىسىدىكى قار لەيلىسى «6-نۆۋەتلىك خىتاي خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى» دە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 2023-يىلى 5-نويابىر.
2003-يىلى خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان، كېيىن خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان «شىپايى» ماركىسىدىكى قار لەيلىسى «6-نۆۋەتلىك خىتاي خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى» دە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 2023-يىلى 5-نويابىر.
tcm.china.com.cn

خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ جەۋھىرىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش غەرىزى يېقىندىلا ئوتتۇرىغا چىققان بولماستىن، بەلكى 2010-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان. يەنى ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەندىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ 2023-يىلى 5-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن «6-نۆۋەتلىك خىتاي خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى» دە، «شىپايى» ماركىسىدىكى قار لەيلىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇ ماركىنى بازارغا سالغان «شىنجاڭ چىمۇ دورىگەرلىك تەتقىقات ئورنى» 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تېبابىتى (مىللىي تېبابىتى) تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان. ئەمەلىيەتتە «شىپايى» ماركىسى 2003-يىلى خوتەندىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بولۇپ، كېيىن خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان.

دېمەك، يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەسكى، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ جەۋھىرىنى ئېلىپ، خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئاشكارا. يەنى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىنى يوقىتىش خىتاي ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش بىلەن ئوخشاشلا مۇھىم. بۇ سەۋەبتىن، خۇددى ئۇيغۇر مازارلىقلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان دوكتور راھىلە داۋۇت خىتاينى قانداق ئەنسىرەتكەن بولسا، ئۇيغۇر تېبابىتىنى خىتاي تېبابىتىگە قوشۇۋېتىشكە قارشى چىققان خالمۇرات غوپۇرمۇ ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تېۋىپلارمۇ خىتاينى شۇنچە ئەنسىرەتكەن. ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇرنىڭ بارلىق بايلىقلىرىغا ئىگە چىقىدىغان مۇشۇنداق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يوقالمىسا، خىتاي قانداقمۇ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالىسۇن؟

***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.