ئۇيغۇر ئۇسسۇلى قانداقلارچە «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» بولۇپ قالدى؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.05.20
uyghur-ussul-chong-bazar.jpg ئۈرۈمچى چوڭ بازار ئالدىدا ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىرى.
Baidu

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈل تاجىسى بولغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئۇسسۇلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر قورالىغا ئايلاندۇرۇلماقتا.

ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇللىرى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، قەدىمىيلىكى، رەڭدارلىقى، كۈچلۈك يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت قاتلىمىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ يەرلىشىشكە جەلپ قىلىش ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنى بىر تۈرلۈك «خېرىدار جەلپ قىلىش قورالى» سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرماقتا. ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى، مىللىي پىسخىكىسى ۋە مىللىي ئاڭ فورماتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەدەنىيەت تىپى بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن ئۆز خاسلىقى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي رولىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ئىسمىدىن تارتىپ جىسمىغىچە ئۆزگەرتىلىش، ۋەيران قىلىنىش ۋە سۇيىئىستېمال قىلىنىش قاتارلىق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە تور سۇپىلىرىدا «ئۇيغۇر ئۇسسۇلى» نى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دېگەن نام بىلەن تەشۋىق قىلىش ئومۇملاشتۇرۇلماقتا. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلىۋاتقان بۇ ئۇسسۇل تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئاساس قىلىنغان؛ موڭغۇلچە، تاجىكچە ۋە قازاقچە قاتارلىق كۆپ مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇل ئېلېمېنتلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ئەبجەش ئۇسسۇلدىن ئىبارەت.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ ئاتاشتىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات-ھۆججەتلەردە بۇ ئۇسسۇلنى بىر تۈرلۈك «مەدەنىيەت مەھسۇلاتى» دەپ تىلغا ئالغان. ئاتالمىش «مەدەنىيەت مەھسۇلاتى» دېگەن سۆزدىنلا مەلۇم بولىدۇكى، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تاۋارلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجى غايەت زور بولغان ساياھەتچىلىك ساھەسىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇلغان. ئۇنداقتا، بۇ خىل ئوخشىتىش بىلەن قىياسلىساق، مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئەمگەك ھەقلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىندى، دېگەن سوئال بىزنى قىزىقتۇرىدۇ.

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەشر ئەپكارلىقىدىكى «خەتچېت» (Hatchet) گېزىتىنىڭ 2024-يىل 16-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئېتنوگرافىيەسى كەسپىنىڭ پىروفېسسورى رەيچېل ھاررىس خانىم (Rachel Harris) جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمىدە ساياھەتچىلىك بىلەن ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىنىڭ ئىچكى باغلىنىشى توغرىلىق مەخسۇس ئانالىز يۈرگۈزگەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ تارىخىنى يېڭىدىن شەرھىيلەش ئېھتىياجى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رەيچېل خانىم يەنە ئۇيغۇر ئايال ئۇسسۇلچىلىرى ئەمەلىيەتتە «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغۇچىلار» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىرىنىڭ ئۇسسۇللىرى خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ «شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش»، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىشىپ قېلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. رەيچېل خانىم بۇ پىلاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىستېمىلىق پىلانلانغان جىسمانىي زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ ئۇقۇمنى تېخىمۇ تەپسىلىيرەك يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» غا ئايلاندۇرۇلۇپ، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىۋاتقانلىقىدەك ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ساياھەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ كاتالىزاتورى قىلىشى، 2014-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە باشلانغان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېر-تۈرمىلەرنى قۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش» تۇغىنى كۆتۈرۈۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى «دىنىي ئاشقۇن»، «تېررورىست» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن چۆكۈرۈشكە، ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى يەرلىك تۈركىي خەلقلەر كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەنئەنىلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەيران قىلىندى؛ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىدى؛ ئۇيغۇر مۇقاملىرى، مەشرەپلىرى، مازار تاۋابىتى، يەرلىك سەيلە-باراۋەتلىرىنىڭ ھەممىسى چەكلەندى؛ مۇقامچىلار ۋە خەلق ئىچىدىكى ئەلنەغمىچىلەرمۇ كۆزدىن يوقىتىلدى.

2019-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى بىر مەھەللىك سۈر-ھەيۋىنىڭ شاۋقۇنى ئاستا-ئاستا پەسىيىپ، تەشۋىقات ئويۇنىنىڭ پەردىسى ئالماشقاندەك باشقىچە كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. يەنى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئىلگىرىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئائىت مەزمۇنلار ئازىيىشقا باشلىدى. ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان تىمتاس كوچا-كويلارنىڭ ئورنىنى بىردىنلا ھەر يەردە رەڭگارەڭ ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ جۇشقۇن ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئىگىلىدى.

دەرۋەقە بۇ ئەھۋاللارنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى سىياسىتىدە پەردە ئالماشتۇرۇش ئويۇنى مەۋجۇت ئىدى. يەنى 2019-يىلنىڭ ئاخىرى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئېغىزىدىن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى، كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك جەمئىيەتكە قايتقانلىقى» نى جاكارلاتقۇزدى. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ تاشقىي دۇنياغا قاراتقان بۇ باياناتى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇتقۇن، لاگېر، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ھاشارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. لاگېرلاردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلار مەخپىي ھالدا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىندى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

شۇنىڭدىن باشلاپ سەھنىلەر، مەيدانلار، ئېتىزلىقلار، كوچا-كويلار، زاۋۇت-فابرىكىلار، مەھەللە-كويلار. . . قىسقىسى، ھەر يەرنى «شادىمان ئۇسسۇل شاتلىقى» قاپلىدى. پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونى گويا غايەت زور ساياھەت باغچىسىغا ئوخشاپ قالغانىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىمۇ بۇنىڭغا ماسلىشىپ، چەت ئەلدىن ۋە خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىن پىلانلىق تەكلىپ قىلىنغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئاغزىدىن «ئۇيغۇرلار ئىنتايىن خۇشال ۋە بەختلىك ياشىماقتا» دېگەن مەزمۇندىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەپ تارقىتىشقا باشلىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەن تاشقىي دۇنياغا ئۇيغۇر رايونىدا ھەممە ئىشلارنىڭ «نورماللاشقانلىقى» توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمەكچى بولۇۋاتاتتى. بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي ئۇيغۇر رايونىدا پىلانلىق قوزغاتقان «ئۇسسۇل قىزغىنلىقى» غا تېخىمۇ ئوت تۇتۇشۇپ، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەردىمۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» ئۆگىنىش كۇرسلىرى ئېچىپ، خىتايلاردىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» ماھىرلىرىنى تەربىيەلەشكە باشلىدى. بۇ ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قوللۇق لايىھەلىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا چىققان تەشۋىقات قۇرۇلۇشى ئىدى.

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» نى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە ئىدى؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» دەپ نام بېرىپ، ئۇنى ساياھەتچىلىكنىڭ كاتالىزاتورى قىلىش سىياسىتىنىڭ كەينىگە قانداق غەرەزلەر يوشۇرۇنغان؟

دەرۋەقە، بۇ ئويۇنلار خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكى بىلەن خەلقئارا مەدەنىيەت دىپلوماتىيە تەشەببۇسىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2022-يىلى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغىنىدا، رايوننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى خىتاي مىللىتىگە باغلاشنى مەقسەت قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ۋە «كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزە» تەشۋىقاتلىرىنى تەكىتلىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شى جىنپىڭنىڭ بۇ كۆرسەتمىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي يۆنىلىشنىڭ قىبلىنامىسى قىلىنىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا قارالماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكى» نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلغان بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەتنىڭ «نورماللاشقانلىقى» غا «گۇۋاھچى» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللانغانلىقى، چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلاردىن مېلىسسا شانى براۋن (Melissa Shani Brown) بىلەن دەيۋېد ئوبرايىن (David O’Brien)، 2023-يىلى «خىتاي ھازىرقى زامان مەسىلىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمتاياق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بازارغا سېلىۋاتقان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەشۋىقاتى ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي تۈردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن خەلق ئارىسىدىكى مىراسلارنى قوغداپ قېلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. گەرچە «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا، ئەسلىدىكى تېكىست ۋە كۈي يىلتىزىدىن ئۈزۈپ تاشلانغانلىقى، دىندىن خالىي تېكىستلەر قوشۇلۇپ، خىتايچە ئۇسلۇبتىكى مۇقامغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى نەزەرىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا بولغان ھەۋىسى خىتاي سۇلالىلىرى دەۋرىدىنلا باشلانغان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «خۇشۇەنۋۇ» يەنى پىرقىرىما ئۇسسۇل، سۇ مۇز ئۇسسۇلى ۋە داپ ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللار ھەققىدىكى تەسىرات ۋە تەسۋىرلەر خىتاي كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەم خىتاي تارىخنامىلىرىدە ئورۇن ئالغان. يېقىنقى زاماندىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنى «يەرلەشتۈرۈش» نەيرىڭى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان كونتروللۇقىنى چىڭىتىشنىڭ بىر مۇھىم قورالى قىلىپ كەلگەن.

1947-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ جىجۇڭ «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» تەشكىللەپ، داڭلىق ئۇسسۇلچى قەمبەرخان خانىم باشچىلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسىنى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىغا ئەۋەتىپ ئويۇن قويدۇرغان. 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مىليونلىغان خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ يەرلىشىشكە تەشەببۇس قىلغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تەشكىللىشى ۋە پىلانلىشى بىلەن كۆپلەپ ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلارنى قەرەللىك تۈردە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىپ، چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى قويۇپ، ئۇسسۇل كۇرسلىرىنى ئېچىپ خىتايلارنى تەربىيەلىمەكتە. بۇنىڭغا سەپەرۋەر قىلىنغانلار ئارىسىدا داڭلىق ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىرىمۇ بار. شۇنداق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ نەدە، قانداق ۋاقىتتا، قايسى تاماشىبىنلار ئۈچۈن ئوينىلىدىغانلىقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تولۇق ئۆز قولىغا ئېلىۋالدى.

خىتاي ساياھەتچىلەر تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن خىتاي ئاپپاراتلىرىنىڭ يالغۇز چوڭ سەھنىلەردە ئوينىلىدىغان ئۇسسۇللارنى كونترول قىلىپلا قالماستىن، يېزا-كەنتلەردىكى ئائىلىلەرنىمۇ بوش قويمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېزىلاردا «سەنئەت ئۆيى»، «دولان مۇقامى ئائىلە سەھنىسى» دېگەندەك ناملاردا يېمەك-ئىچمەك ۋە ناخشا-ئۇسسۇل كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن سورۇنلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ خىتاي ساياھەتچىلەرنى كۈتۈشكە ياخشى شارائىت يارىتىلغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارنىڭ بېشىدىكى ھىجابلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، مەجبۇرىي ھالدا ئۇسسۇلغا سېلىنىش، ھەتتا خىتاي ساياھەتچىلەرگە ھەمراھ بولۇپ ئۇسسۇل ئويناش، سۈرەتكە چۈشۈش، تاماق يېيىش، ھەتتا ھاراق ئىچىشكە زورلىنىشتەك قىسمەتلەرگە دۇچار بولماقتا. ئەقەللىيسى ئۇسسۇلچىلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈپ ئۇسسۇل ئوينىغىنىدا يالغاندىن كۈلۈمسىرەشكە مەجبۇر قىلىنغان. ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنغان، يەر-زېمىنلىرى تارتىۋېلىنغان بىر ھالەتتە ئۇلار قانداقمۇ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ كۈلەلىسۇن؟!

گېرمانىيەدىكى «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرلىرى 2023-يىلى ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا بېرىپ بىر يېرىم ھەپتە تەكشۈرۈشتە بولغان. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2023-يىل 17-مايدىكى خەۋىرىدە، مۇخبىر گىللىس سابرى (Gilles Sabrié) نىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى بايانلىرى بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە ئىپادىلەپ بەرگەن: «ھازىر شىنجاڭدا بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ خىل دۇنيا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندەك قىلىدۇ: بىرىنچىسى، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ياسالغان تەسەۋۋۇرغا تولغان ئاجايىپ بىر جاي. ئىككىنچىسى، گەرچە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدىغان، ئەمما داۋاملىق تۈردە باستۇرۇشنىڭ سايىسى مەۋجۇت بولغان دۇنيا. ئۈچىنچىسى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان يۇقىرىقى ئىككى خىل دۇنيانىڭ ئارىسىدىكى دۇنيادۇر».

قىسقىسى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى خىتايچە تەسەۋۋۇر بىلەن قايتا پىروگراممىلاپ، ئۇنى خىتايلارنىڭ ھەۋىسىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇسسۇلى» بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر رايونىدىكى بارچە مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇللىرىنى كىرىشتۈرۈپ، قايسىي مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ئەبجەش پۇراق ھاسىل قىلماقتا. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەسىرلەر بويى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن بۇ قەدىمىي تۇپراقتا ھەر مىللەت ئارىلاشتۇرۇلغان ئەبجەش مەدەنىيەت تىپى يارىتىش، ئۇيغۇرلارنى رايوننىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىدىن چەتلەشتۈرۈش، ئاندىن ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىشتەك رەزىل سىياسىي قارا نىيىتىنىڭ سۇ يۈزىگە چىقىشىدۇر، خالاس!

***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.