كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قانداق بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ (4)
2024.11.06
2009-يىلى ياز پەسلىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى» شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدوڭنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشچىلارغا قىلىنغان زوراۋانلىق ھۇجۇمىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنماسلىقىغا بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدۇ. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى زاۋۇتتىكى توقۇنۇشتا ئۇيغۇرلاردىن 2 ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 10 نەچچە ئىشچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئۆلگەن ئىشچىلارنىڭ 10 نەچچە ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەسىلىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى. ئەمما ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تېخىمۇ مۇرەككەپ دېيىشكە بولىدۇ.
ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق پاجىئەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولۇپ، بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن كېيىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن سەلبىي تەشۋىقاتلارنىڭ كۆپىيىشى، خىتايلاردا ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىپ، «26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» دەك پاجىئەلەرگە سەۋەب بولغان.
ھالبۇكى ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، «ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ ساھىبى، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئوخشاش چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن ئەۋجىگە چىققان «غەربنى ئېچىش»، «غەربكە ياردەم بېرىش» ناملىرىدا، رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە تېخىمۇ كۆپلەپ توشۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، رايوندىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئىشسىزلىق كۈچىيىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىنىڭ بارغانچە تارىيىپ كەتكەن. بۇلارغا قوشۇلۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەۋەتىلىپ خىتايچە ئوقۇتۇلۇشى، 2006-يىلدىن باشلاپ مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدىكى خىتايچە مائارىپىنىڭ كېڭەيتىلىشى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەت-زاۋۇتلارغا «ئەرزان ئەمگەك كۈچى» قىلىپ يۆتكىلىشى قاتارلىق بىر قاتار تەڭسىز ئامىللار ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتىپ، 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى» غا سەۋەب بولغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىشنىڭ داۋامىنىڭ زوراۋانلىق توپىلىڭىغا ئايلىنىپ، 197 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 1700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە 6-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، قاتارلىق شەھەرلەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 1800 دەك ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
لېكىن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇستەقىل تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا، ئۆلگەن ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ سانىنىڭ نەچچە مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ھەتتا 10مىڭدىن كۆپلۈكى تەكىتلىنىپ، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى خەلقلەر ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى» نى قانلىق باستۇرغانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بارغان.
ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لى جى 6-ئىيۇل كۈنى تېلېۋىزوردا قىلغان سۆزىدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى چەت ئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن قوزغالغان تېررورلۇق توپىلىڭى» دەپ ئېلان قىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆزىنى قوغداشقا كۈشكۈرتكەن. نەتىجىدە 7-ئىيۇل كۈنى قوللىرىغا توقماق كۆتۈرگەن خىتايلارنىڭ كوچىلاردا ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 8-ئايدا يۈز بەرگەن «يىڭنە ۋەقەسى» يەنى «ئۇيغۇرلار يىڭنە بىلەن خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلدى» دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەر تارقىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بارغانچە كۈچىيىشى، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋە 7-كۈنى قوللىرىغا توقماق كۆتۈرگەن خىتاي پۇقرالارنىڭ كوچىلاردا ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئادەم يارىلاندۇرۇش ھەتتا ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن.
ئەينى چاغدا بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا بېيجىڭدىكى ئىلھام توختى ئەپەندى، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، رايوندا زىددىيەتنىڭ كۈچىيىپ بۇ بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، ۋەقەدىن كېيىن مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنى سۆزلىتىپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 26-ئىيۇن گۇاڭدۇڭ شاۋگۇەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما نۇر بەكرى سۆزىدە «ۋەقەدە چەت ئەلدىكى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنىڭ قولى بار»، «، «ئۇيغۇر بىز»، «دىيارىم»، «شەبنەم» گە ئوخشاش ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى «26-ئىيۇن شاۋگۇۇەن ۋەقەسى» ھەققىدە قۇتراتقۇلۇق ئۇچۇرلىرىنى تارقاتتى»، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئايغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا نورمال ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ۋە چەت ئەللەر بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تور بېكىتىنى تاقىدى. بۇ تور بېكەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە يازغۇچىلىرى بولۇپ، غەيرەت نىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلغانىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، كۆرۈنۈشتە ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىپ، «يۇمشاق مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزىدۇ» دەپ تەرىپلەنگەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنشەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ يۆتكەپ كەلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 5-ئايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنى ئېچىپ، رايوننىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە شەھىرىگە بۆلۈپ بەردى. تەڭسىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈلگەن بۇ خىل سىياسەتلەرگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى 2012-، 2013-، 2014- ۋە 2015-يىللاردا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇردى. بۇلاردىن خىتاينىڭ «21-ئەسىر ئىقتىساد گېزىتى» دە 2013-يىلى 29-دېكابىر ئېلان قىلىنغان «2013-يىل ئاز دېگەندە 10 قېتىملىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئاشكارا ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭ 9 قېتىملىقى شىنجاڭدا يۈز بەردى» ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ شۇ يىلقى يىل 10 قېتىملىق زور ۋەقەنى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ۋەقەنىڭ بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «28-دېكابىر تيەنئەنمېن جىنسۈيچاۋ ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى» دىن باشقا قالغان 9 ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنىپ، بۇ ۋەقەلەردە كۆپ ساندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. خىتاينىڭ خەۋىرىدە 2013-يىلى 4-ئايدا مارالبېشىدا يۈز بەرگەن «23-ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى»، 2013-يىلى 6-ئايدا يۈز بەرگەن «26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى»، 2013 يىل 8-ئايدا قاغىلىقتا يۈز بەرگەن «20-ئاۋغۇست يىلقىچى ۋەقەسى»، 2013-يىل 11-ئايدا مارالبېشىدا يۈز بەرگەن «16-نويابىر سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى»، 2013-يىلى 12-ئايدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «سايباغ ۋەقەسى»، قاتارلىق ۋەقەلەر ئەسلىتىلىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئەمەلدارىنىڭ «بىز بۇندىن كېيىنكى ۋەزىپىمىزنىڭ ناھايىتى جاپالىق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىمىز» دېگەن ئىبارىسى كىرىش سۆز قىلىنغان.
2014-يىلى روزا ھېيت مەزگىلىدە يۈز بەرگەن «28-ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ-خاڭدى يېزىلىرى ۋەقەسى» دە خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق ئەسكەرلەر ئارقىلىق بۇ ئىككى يېزىدا يەنە بىر قېتىملىق زور قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «بۇ بىر قېتىملىق ئالدىن پىلانلانغان تېررورلۇق ھەرىكىتى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلگەن. شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەن ئادەم سانىنى «يۈزگە يېقىن» دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە 250 چە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن بۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 3000 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنى «28-ئىيۇل يەكەن قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن، رايوندا يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىكى سەۋەبلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇ بىر قاتار نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك «تېررورىزمغا زەربە بېرىش» نامىدا قوراللىق ئەسكەرلەر ئارقىلىق قانلىق باستۇردى. بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى ئۈزلۈكسىز تەنقىدلەپ كەلگىنى ئۈچۈن، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوتىدا سوتلىنىپ «قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن كېيىن رايوندا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاشنى يولغا قويدى. بۇ باستۇرۇش2017-يىلى دۇنياغا ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللاردا ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، 2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بىر تۇتاش بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇيغۇرچە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى يالقۇن روزىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، مائارىپ نازارىتىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنى جازالاش، ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىدىغان بىر تۈركۈم ژۇرناللارنى نەشردىن توختىتىش، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش ئۇيغۇر پىروفېسسورلىرىنى، قۇربان مامۇتقا ئوخشاش ژۇرنالىست-مۇھەررىرلەرنى، خەلققە باشلامچىلىق قىلالايدىغان دىنىي ئۆلىمالارنى ۋە ئەل ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابلىرىنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۈرمىلەرگە قاماش دولقۇنى قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ كەڭ-كۆلەملىك باستۇرۇشى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى دەپ تەرىپلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە.