خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 75 يىلدا ئۇيغۇرلار: «ئەكسىلئىنقىلابچى» دىن «ئۈچ خىل كۈچ» كىچە

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.10.16
Bingtuen-70-yil--wangjin-xitay-esker-1920 تارىخى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قوشۇنلىرى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندىن كىيىن، 1954-يىلى 10-ئايدا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دەپ ئاتالغان مەزكۇر قوشۇنلار ۋە گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەسلىم بولغان قىسىملىرىدىن مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىلغان.
Photo: RFA

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى دۆلەت قۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى سىياسىي ھەرىكەتلىرىدىن بىرى دەل «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى يوقىتىش ھەرىكىتى» دۇر. «ئەكسىلئىنقىلاب» ياكى «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» بولسا، ھاكىمىيەتكە قارشى كىشىلەر ياكى كۈچلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپ فىرانسىيە چوڭ ئىنقىلابىدا قوللىنىلغان. ئىنقىلاب يۈز بەرگەن يەردە، ئىنقىلابقا قارشى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىر نورمال ھادىسە ئىكەنلىكى ئېنىق. ھالبۇكى، «ئەكسىلئىنقىلاب» دېگەن بۇ ئاتالغۇ «ئىنقىلاب» ئاتالغۇسىغا ئوخشاشلا نورمال ئاتالغۇ بولسىمۇ، لېكىن كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىنقىلاب تارىخىدا بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى پۈتۈنلەي سەلبىيلەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ ئورتاق ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغان. دېمەك، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى دەسلەپكى 30 يىلدا (1949-1979) ئۇيغۇرلار «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» نامىدا كاتېگورىيەلەشتۈرۈلۈپ، بىڭتۈەننىڭ قاراۋۇللۇقىدا «سىياسىي جىنايەتچىلەر» چە باستۇرۇلغانىدى. كېيىنكى 40 (1980-2020) يىلدا بولسا «ئۈچ خىل كۈچ» نامىدا كاتېگورىيەلەشتۈرۈلۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» دەپ كاتېگورىيەلەشتۈرۈلگەنلىكى تولىمۇ ئېنىق. يەنى بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان خىتاي نەزىرىدىكى «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» ئاتالغۇسىنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەرنى، كىشىلەرنى كۆرسىتىدىغان سەلبىي ئاتالغۇ بولغانلىقىنى بىلىمىز. كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە باستۇرۇپ كىرگەن ۋاقىتتا، بۇ زېمىننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنىڭ ئۇيغۇرلار بولغانلىقىمۇ ھەممىگە مەلۇم. بۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە تارىخىي بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان كوممۇنىست خىتايلارغا قارشى چىقىشى تەبىئىي. بۇ ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» دەپ كاتېگورىيەلەشتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارا.

دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى خەلقتىن كېلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. خەلق خالىمىغان ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمۇ بۇ نۇقتىدىن ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، خىتاينىڭ بىر پارتىيەلىك تۈزۈمدىكى كوممۇنىست خاراكتېرىنىڭ ئۆزىلا خىتاي مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن 75 يىلدا كوممۇنىست خىتاينىڭ پەرقلىق سىياسىي ئىبارىلەر بىلەن ئوخشاش مەقسەت ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىياسىي ھەرىكەتلىرى ئاستىدا ئىزچىل زۇلۇم چەككەنلىكىنى بايقايمىز. يەنى، 1949-يىلى ۋاڭ جېن باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدىكى يەرلىك ئىنقىلابچىلارنى قىرغىن قىلغان. 1950 يىلى خىتاي مەركىزىي كومىتېتى ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى» بىلەن تەڭلا «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدىكى كۆرسەتمە» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ۋاڭ جېن تېخىمۇ غالجىرلاشقان. مەزكۇر «كۆرسەتمە» دە مۇنداق تۆت تۈرلۈك كۆرسەتمە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، قولىدا قورالى بولغان، توپلىشىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى قورال كۈچى بىلەن يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش؛ ئىككىنچىسى، قارشىلىق كۆرسىتىش نىيىتىدە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە خەلقنى يارىلاندۇرغان، ئۆلتۈرگەن، بۇزغۇنچىلىق قىلغان، بۇلىغان، ساپاسىزلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ياكى مەڭگۈلۈك تۈرمە جازاسى بېرىش؛ ئۈچىنچىسى، ئۆز ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىشنى رەت قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ياكى مەڭگۈلۈك تۈرمىگە قاماش؛ تۆتىنچىسى، ئەكسىلئىنقىلابچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان، ئۇلارنى يوشۇرغان ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا جىنايىتىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ، ئۆلۈم جازاسى ياكى مەڭگۈلۈك تۈرمىگە قاماش جازاسى بېرىش قاتارلىقلار. يەنى، «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» دەپ قارالغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاساسەن ئۆلۈم، قىسمەنلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك قاماق جازاسى بولغانلىقى ئېنىق.

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتايچە بۆلۈمى» 2018-يىلى 2-ئۆكتەبىردە «شىنجاڭنىڭ باستۇرۇلۇش تارىخى: ئادەم ئۆلتۈرۈشتە غالجىرلاشقان ۋاڭ جېن» ناملىق بىر ماقالىنى ئېلان قىلغان. ماقالىدە ۋاڭ جېننىڭ تاكى 1953-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدا «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى يوقىتىش» نامىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى قىرىپ ئۆلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ھەمدە بۇ مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ سوخۇ تورىدا ئېلان قىلىنغان، ۋاڭ جېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تارىخى ھەققىدىكى بىر ماقالىدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. يەنى ماقالىدا، ۋاڭ جېننىڭ «شىنجاڭدىكى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، كەلگۈسى 50 يىلدا بىرمۇ ئەكسىلئىنقىلابچى چىقمايدىغان قىلىۋەتتىم» دېگەن سۆزى بېرىلگەن بولۇپ، ۋاڭ جېننىڭ 1953-يىلى خىزمىتىدىن چېكىندۈرۈلۈشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتىللىقنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك يۈز بەرگەنلىكى؛ ۋاڭ جېن بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۇنى تەنقىتلىگەنلىكى؛ ۋاڭ جېننىڭ تەنقىدلىنىشى ئۇنىڭ بېيجىڭدا «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرى» بولۇشتەك مەنسەپكە قويۇلۇشىغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى؛ ۋاڭ جېننىڭ غالجىرانە ئادەم ئۆلتۈرۈشى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا بالىلىرىنى قورقىتىشقا توغرا كەلگەندە «ۋاڭ جېن كەلدى! » دەپ قورقۇتىدىغان بولۇپ قالغانلىقى… قاتارلىقلار يېزىلغان.

دېمەك، ۋاڭ جېننىڭ سۆزىدىنلا، شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن قايسى دەرىجىدىكى دەھشەتلىك قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپ بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز تەس ئەمەس. لېكىن بۇ قىرغىنچىلىقلار ئۇيغۇرلارنى ۋاڭ جېن دېگەندەك «50 يىل باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتكەن» ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋام قىلغان. بۇ ۋەجىدىن دىڭ شياۋپىڭ 1978-يىلىدىكى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندا «ئىسلاھات» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە كۆپ ئويلانغان. ھەتتا ۋاڭ جېن بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە بىرگە بېرىشى ۋە 1975-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن بىڭتۈەننى 1982-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىشىنىڭ ھەممىسى دەل ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك يۈز بەرگەن دېيىشكە بولىدۇ. ھالبۇكى، بىڭتۈەننىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەنلا ئۇيغۇرلارنى يەنە 50 يىل باش كۆتۈرەلمىگۈدەك قوراللىق قىرغىن قىلىشقا ئامالسىز قالغان. چۈنكى «ئىسلاھات» شوئارى بىلەن ئىشىكىنى دۇنياغا ئاچقان خىتاينىڭ، بىر مىللەت ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە قوراللىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيتتى. يەنى بۇنداق قىلىش خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا باشقىچە ئۇسۇل تېپىشقا مەجبۇر بولغان.

دەرۋەقە، دىڭ شياۋپىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق يوقىتىش ھەققىدە باش قاتۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1985 ۋە 1988-يىللىرى ئېلىپ بارغان «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك» نامىدىكى نامايىشلىرى ئۇنى تېخىمۇ چۆچۈتكەن. چۈنكى بۇ يىللار پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى كوممۇنىزم لاگېرلىرىدا زور داۋالغۇش يۈز يۈز بېرىۋاتقان يىللار ئىدى. 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇن ئېلىشى ھەتتا بۇ ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئايلىنىشى، خىتاينى تېخىمۇ ساراسىمىگە سالغان بولۇپ، دىڭ شياۋپىڭنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوراللىق باستۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشىدەك غالجىرلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

1992-يىلى دىڭ شاۋپىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونى (يەنى، خىتايلار زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دېڭىز ئەتراپىدىكى شاڭخەي، شېنجېن، گۇاڭجۇ، جۇخەي قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن جايلار) نى كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا، خىتاينىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئاساس بولغان مەشھۇر بىر نۇتۇقىنى ئېلان قىلغان. دىڭ شياۋپىڭنىڭ بۇ نۇتۇقى خىتاي تارىخىدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك مۇھىم «نۇتۇق» دەپ تەرىپلەنگەن ۋە خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى قۇدرەت تېپىشىنىڭ يول خەرىتىسى دەپ باھا بېرىلگەن. دىڭ شياۋپىڭ مەزكۇر نۇتۇقىدا، خىتاي نوپۇسىدىن تەشكىل تاپقان دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇلار تەرەققىي تاپقاندىن كېيىن، نامرات قالغان شىمالىي رايونلار (ئۇيغۇر رايونى، موڭغۇل رايونى، تىبەت رايونى، تۇڭگان رايونى، جۇاڭزۇ رايونى) نىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىشى ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. شۇنداقلا، ئالدىن تەرەققىي تاپقان خىتاي رايونلىرىنىڭ نامرات رايونلارغا ياردەم قىلىشى نەتىجىسىدە ئاتالمىش «ئورتاق تەرەققىيات» ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە نامراتلىقنىڭ سوتسىيالىزم ئەمەسلىكى، بەلكى سوتسىيالىزمنىڭ نامراتلارنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. دىڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇب سەپىرىدە تىلغا ئالغان «نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، سوتسىيالىزم نامراتلىقنى يوقىتىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزىدىن كېيىنكى، 1994-يىلى خىتاي مەركىزىي كومىتېتى پۈتكۈل خىتايدا ئاتالمىش «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش پىلانى» نى باشلىغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق ئىككى ۋىلايەت بىر ئوبلاست دەرىجىدىن تاشقىرى نامرات رايونلار تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، بۇ رايونلارنىڭ نامراتلىققا پېتىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى بىڭتۈەننىڭ زوراۋانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ساۋاتسىزلىقى، قالاقلىقى، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشى ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقلار» غا ئارتقان.

1996-يىلى 3-ئايدا ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن «ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان «7-نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت» نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ھۆججەت 1996-يىلى بېيجىڭدا چاقىرىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش» توغرىسىدىكى يىغىنىنىڭ خاتىرىسى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» دە، «نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق خەۋپ-تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ‹ئۈچ خىل كۈچ› » دەپ كۆرسىتىلگەن. دېمەك، بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» تۆھمىتىنىڭ نامى «ئۈچ خىل كۈچ» كە ئۆزگەرگەن. شۇنداقلا خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يولى بىلەن يوقىتىشنىڭ قانۇنى ئاساسىي ھازىرلانغان.

دەرۋەقە، ۋاڭ جېننىڭ قوراللىق قىرغىنچىلىقى، دىڭ شياۋپىڭنىڭ پىلانلىق نامراتلاشتۇرۇپ ۋە تۇغۇت چەكلەش بىلەن يوقىتىشى، جياڭ زېمىننىڭ خەلقئارا تېررورىزمغا باغلاپ يوقىتىشىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قانۇنلۇق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنىڭ شارائىتى شى جىنپىڭ دەۋرىدە تولۇق پىشىپ يېتىلگەن. خۇددى دىڭ شياۋپىڭ ئېيتقان «100يىللىق پىلاننى ئۈچ قەدەمدە مېڭىش» تەك، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە باش كۆتۈرۈشنى، دىڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە باي بولۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ دەۋرى 100 يىللىق پىلاننى تاماملايدىغان دەۋرگە كىرگەنىدى. ھالبۇكى خىتاينىڭ 100 يىللىق پىلانى ئامېرىكانى بېسىپ چۈشۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىش بولغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. خىتايدا ئۇيغۇرلار يوقالمىسا، «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» نى يوقاتقان ھېسابلانمايدۇ. «ئەكسىلئىنقىلابچىلار» يوقىتىلمىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا خەتەردىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ خۇددى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بەرپا قىلغان دۇنيا تۈزۈلمىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خىتايچە كۈن تەرتىپ ئورنىتىلمىسا، خىتاي يەنىلا ئۆزىنى تەھدىت ئىچىدە ھېس قىلىدىغانلىقىدەكلا بىر مەسىلە.

دېمەك، خىتاينىڭ 75 يىللىق «ئەكسىلئىنقىلاب» قا قارشى كۈرىشى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قوراللىق قىرغىنچىلىقلىرى بىلەن باشلىنىپ، بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي كومپارتىيەسى جىنايەت ئۈستىگە جىنايەت سادىر قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۆتكەن 75 يىلدا خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز جىنايەتلىرىنى تۈرلۈك ساختا تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق پەردازلاپ، خىتاي خەلقىنى ئىشەندۈرگەن بولسا، مانا بۈگۈن بۇ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ھالبۇكى، خىتايچە كوممۇنىست تۈزۈلمىسىدە ئىشقا يارىغان ساختا تەشۋىقاتلار خەلقئارالاشتۇرۇلسا، خۇددى خىتاي خەلقىنىڭ كاللىسى يۇيۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەكسىلئىنقىلابچى» ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» بولغانلىقىغا ئىشەندۈرۈلگەندەك ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى زادى قانچىلىك؟

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.