نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار 2024-يىلىمۇ يەنىلا خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلق بولۇپ قالدى؟
2024.10.30
خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا خىتايدىكى 31 ئۆلكىنىڭ 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ۋە چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، ھالبۇكى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى» نىڭ تور بېكىتىدە 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بىڭتۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئورگان تور بېكىتى ۋە خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ «ئانار بۇلۇت» سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغان.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە قانداق مەلۇماتلار بېرىلگەن؟
مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ پەسىلدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 18 مىڭ 811 يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 32 مىڭ 142 يۈەن بولۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 6173 يۈەن بولغانلىقى ئىستاتىستىكىلانغان. دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى، يېزا ئاھالىلىرى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 5 ھەسسىدىن كۆپ بولغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە شەھەر-بازار بىلەن يېزا ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق ناھايىتى زورايغان دېيىشكە بولىدۇ.
بىز ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر-بازار ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان چىقىم ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى:
ئۆتكەن ئۈچ پەسىلدە دائىمىي ئولتۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە چىقىمى 23 مىڭ 73 يۈەن، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە چىقىمى 10 مىڭ 551 يۈەن بولغان. يەنى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ پەسىلدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە چىقىمى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك بولغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئاھالىلىرى بىلەن شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ پەسىللىك كىرىم-چىقىم ئىستاتىستىكىسىدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ پەسىللىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ئۇلارنىڭ چىقىمى، كىرىمىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە قانچىلىك نىسبەتتىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ شەھەر-بازارلاردا ياشايدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تېپىش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جيەنشىننىڭ 2015-يىلى «غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز. لى جيەنشىننىڭ «شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكى» ناملىق بۇ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنىڭ شەھەر-بازارلاردا ياشايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ شەھەر-بازارلاردىكى نىسبىتى تەخمىنەن 20 پىرسەنت ئەتراپىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. يەنى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى يۇقىرىقى 6173 يۈەن كىرىمى بىلەن 10 مىڭ 551 يۈەن چىقىم قىلغان يېزا نوپۇسىغا مەنسۇپتۇر.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم نوپۇسىنىڭ تۆۋەن كىرىملىك بولۇشى بىر تاسادىپىي ئەھۋالمۇ ياكى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالمۇ؟
بۇ ھەقتە بىز خىتاينىڭ 2024-يىلىدىن ئاۋۋالقى يىللاردىكى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا مۇراجىئەت قىلىمىز: خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ 2023-يىلى 27-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ 434 يۈەن بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 5 پىرسەنت ئاشقانلىقى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ پەسىللىك ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 5673 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.6 پىرسەنت ئاشقانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما چىقىم ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئاھالىلىرى بىلەن شەھەر-بازار ئاھالىلىرى ئارىسىدا غايەت زور ئىقتىسادىي پەرقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. تېخىمۇ مۇھىمى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىزچىل ھالدا شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىدىن 5-6 ھەسسە تۆۋەن ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىدا پەرق مەۋجۇتمۇ؟
بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى خىتاينىڭ تەرەققىي تاپقان ئۆلكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرالمايمىز. چۈنكى ئۇلار «ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان» بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاپتونوم رايونلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، پەقەت خىتاي تەرىپىدىن «نامرات رايونلار» دەپ قارىلىدىغان غەربىي شىمال رايونلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا كۇپايە.
تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي مۇھىتى ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئەمما ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا يەنىلا پەرقلەر مەۋجۇت. 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە تىبەتتىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ 547 يۈەن، چىقىمى 8334 يۈەن بولغان؛ نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 12167 يۈەن، چىقىمى 10 مىڭ 885 يۈەن؛ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 753 يۈەن، چىقىمى 13 مىڭ 279 يۈەن؛ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 391 يۈەن بولۇپ، چىقىمى 11 مىڭ 790 يۈەن بولغان.
خىتاينىڭ غەربىي شىمال رايونىغا جايلاشقان 4 ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم ۋە چىقىم قىممىتىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى كىرىم ۋە چىقىم ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن، چىقىمىنىڭ كىرىمىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. دېمەك، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئاتالمىش 5 «ئاپتونوم رايون» خەلقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ نامرات خەلق ئىكەنلىكى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى 56 مىللەت ئىچىدە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ كەينىدىن سانىغاندا 1-ئورۇندا، يەنى ئەڭ نامرات ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشقا خىتايدىكى 4 ئاپتونوم رايونمۇ خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات رايونلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان بىر ئەھۋال.
بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى ئاز، زېمىنى كەڭ ۋە غايەت زور مىقدارىدىكى تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن بۇ بايلىقلار 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل تالان-تاراج قىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاي گەرچە پۈتكۈل دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كۈچ ۋە ئىقتىساد ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسلىق يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ئۆتكەن يەتمىش نەچچە يىلدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق ئەھۋالىنى جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا ئارتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قانلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. ھالبۇكى، خىتاي بۇ خىل تەشۋىقات ئالدامچىلىقىنىڭ بەك ئۇزۇنغا داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن خىتاي ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى بىلەن خىتاي نوپۇسى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پەرقىنى قانداق يوشۇرۇش ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي نوپۇسىنى كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىش، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، لاگېرلارغا قاماش، كوللېكتىپ كۆچۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئازايتىشنىڭ كويىغا چۈشتى. شۇنداقلا بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇپ قېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قاراپ كەلدى. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز 2021-يىلى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىش: بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق دوكلاتىدىمۇ بۇ ھەقتە بىر قىسىم مەلۇماتلار بەرگەنىدى. ئادرېئان زېنزنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا 2040 - يىلىغا بارغاندا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 2 مىليون 630 مىڭدىن 4 مىليون 530 مىڭغىچە ئازىيىپ كېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان.
شۇ نەرسە ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ئازايتىپ، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتكەندىلا، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى خەلقئارادىن ئەپچىللىك بىلەن يوشۇرۇپ قالالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. چۈنكى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغا ئورۇنلاشقان خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى. بۇنداق ئەھۋالدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى پۈتۈنلەي تارقاقلاشتۇرۇلمىغان ئەھۋالدىمۇ، يەنى سان جەھەتتە خىتاي نوپۇسى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان نىسبەتنى ساقلاپ قالسىلا، نامراتلىققا دائىر سان-سېفىرلارنىڭ ئىستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلاردا بەك تۆۋەن ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشىدىن ساقلىنالايدۇ.
دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانى ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا داۋاملىق نامراتلىقتا قالدۇرۇش، ئاساسىي ئېقىمدىن چەتلەشتۈرۈش، ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا باشقا رايونلارغا، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۆزلۈكسىز يۆتكەش، خۇددى «نەنكەي دوكلاتى» دىكى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ئېيتقىنىدەك، ئۇيغۇرلارنى ھەر يەرلەرگە قۇمدەك چېچىپ، خىتاي مىللىتىنىڭ گەۋدىسىگە سىڭدۈرۈۋېتىش ۋە ئېرىتىپ تاشلاشتۇر. شۇڭا پۈتكۈل دۇنيا، بولۇپمۇ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى تۈپ پىرىنسىپ قىلغان ھۆر دۇنيا، تارىختا پارلاق سەھىپە يارىتىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس ئۆلۈش قوشقان ئۇيغۇرلاردەك بىر خەلقنىڭ مۇستەبىت بىر كۈچنىڭ تەھدىتى ئاستىدا يوقىلىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە يۇقىرى بېسىملىق تەھدىتى ئەمەلىيەتتە يەر يۈزىدىكى مەلۇم بىر خەلققە ياكى ئىجتىمائىي توپلۇققىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتتۇر.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]