ئۇيغۇر دىيارى خىتايدىكى ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي چۆكۈشنى ھەل قىلىدىغان «سېغىن كالا» غا ئايلانماقتا
2024.03.01
خىتايدىكى ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە دۇنيا تاراتقۇلىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. كۆپلىگەن خىتاي كۆزەتكۈچىلىرى خىتايدا كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاۋاتقان «ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي چېكىنىش» نىڭ سەۋەبى ئۈستىدە خىلمۇخىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا تاشلىماقتا. بۇ قاراشلاردىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىراقلىشىۋاتقانلىقىدۇر.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنياۋىي كارخانىلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا باغلانغان بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش مېخانىزمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلاپ بەرگەنىدى. ھالبۇكى، خىتايدىكى چەت ئەل مەبلەغلىرىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا بىرەر پايدىسى بولغانلىقى ھەققىدە بىرەر ئېنىق دەلىل تېخى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. ئەكسىچە، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشى، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەر ياكى ئانالىزلار خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا كەڭ تارقالماقتا.
ئۇنداقتا، خىتايدا راستتىنلا ئىقتىسادىي ۋە ئىشسىزلىق كىرىزىسى يۈز بېرىۋاتامدۇ ياكى بۇ ئاتالمىش «كىرىزىسلار» نىڭ كەينىدە بىزگە نامەلۇم بولغان باشقا سەۋەبلەرمۇ بارمۇ؟
2016-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «سودا ئۇرۇشى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بۇ ۋەجىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈندىن كۈنگە دىققەتنى تارتىپ، ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قانچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرىدا ئېتىراپقا ئېرىشكەنىدى، شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى قوللانغانىدى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان خىتاينىڭ غەرب دېموكراتىك تۈزۈلمىسىگە رىقابەت ئېلان قىلىشى، چەت ئەل مەبلەغلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشىدا بەلگىلىك مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، چەت ئەل مەبلەغلىرىنىڭ چېكىنىشى، ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇدەك دەرىجىدە تېز ۋە كۆپ بولغان ئەمەس. گەرچە بىر قىسىم چەت ئەل كارخانىلىرى ئاستا-ئاستا چېكىنىش يولىنى تۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە «تېسلا» غا ئوخشاش كارخانىلار خىتايغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالماقتا.
دەرۋەقە، بىر قىسىم چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ چېكىنىشى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى تەبىئىي. 29-فېۋرال خىتاينىڭ «پارتىيە قۇرۇلۇشى» ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگوچە زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى» ناملىق ماقالىدە يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ باشقا بىر تەرىپى نامايان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ دىڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە يولغا قويغان «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئەسلىدىنلا نوپۇسى كۆپ بولغان خىتاي رايونلىرىنىڭ نوپۇسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋەتكەن. گەرچە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپىيىشى مەزكۇر رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ «پاسسىپ تەرىپى» مۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ ۋەجىدىن خىتاي بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن رايون خاراكتېرلىك نوپۇس تەڭشەشنى پىلان قىلغان. 1999-يىلى خىتاينىڭ «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسى» مۇ دەل نوپۇس تەڭشەشنى باش نىشان قىلغان.
ئاتالمىش «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» تىكى غەرب ئاتالغۇسى، ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. دېمەك، يۇقىرىقى ماقالىدا ئېيتىلغىنىدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» نى يولغا قويۇشى، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇشنى تۈپ نىشان قىلغان سىياسەت دېيىشكە بولىدۇ.
«خەلق تورى» نىڭ 2020-يىلى سېنتەبىردىكى «خەلق مۇنبىرى» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «يېڭى دەۋردىكى غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى» ناملىق ماقالە بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ماقالىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، خىتاي «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» نى ئىككى باسقۇچلۇق ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچ 1999-2010-غىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش، بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مەبلەغ سالغۇچىلارنى چاقىرىش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش… ۋەھاكازالار. ئىككىنچى باسقۇچ 2010-2020-يىلىغىچە بولۇپ، بۇ ئالدىنقى ئون يىلدا قىلغانلارنى تېخىمۇ پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىپ، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى نىشان قىلغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار مانا بۇ مەزگىلدە «ئۈچ خىل كۈچ» قالپىقى كىيدۈرۈلۈشتىن باشلاپ تاكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىنغۇچە بولغان قاباھەتلىك يىللارنى باشتىن كەچۈردى.
خىتاي، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» نى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭمۇ ئۈستىگە قويۇپ كەلگەن. يەنى نوپۇسى ئاز، زېمىنى كەڭ بولغان غەربىي رايونلارغا خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەش بولسا، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئاساسىي دەپ قارالغان. دېمەك، ئاتالمىش «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» نىڭ باش نىشانى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش بولغانىكەن، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئالدىنقى شەرتكە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ھېچقانداق بىر يەرلىك خەلق، ئۆز كىملىكى ۋە تۇپراق ھوقۇقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلغان كۆچمەنلەرنى قارشى ئالمايدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق!
بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، خىتاينىڭ 1999-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. يەنى خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش بەدىلىگە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا «خاتىرجەم» كۆچۈپ كېلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆچۈشىگە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بەردىمۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىگىرمە نەچچە يىلدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ سانائەت-ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كەلگەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۈرلۈك شارائىتلىرىنى ياخشىلىغان ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولغان ياردەم سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما كۆچمەنلەرنى زور كۆلەمدە يۆتكەش يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ «جۈ يۇۋاڭ» تورىدا 2023-يىلى مايدا ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدەش يۆنىلىشى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى» دا مەلۇماتلار بېرىلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا دېيىلىشىچە، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن «خىزمەت ئورنى ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغان غەربىي رايونغا بېرىشنى تاللىغانلار ئاران 2 ئوقۇغۇچى بولغان» . بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش 2022-يىلىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ دوكلاتتىمۇ خىتاي ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىشنى خالىسىلا، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقى، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چىقارغان سىياسىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «دۆلەتلىك نوپۇس تەرەققىياتى پىلانى (2016-2030) » ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدىمۇ، خىتاي پۇقرالىرىنى «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» گە ئاۋاز قوشۇپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەكىتلەنگەن.
يۇقىرىقى ئامىللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشىمىز مۇمكىنكى، خىتايدا ئاتالمىش ئىقتىسادىي ياكى ئىشسىزلىق كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. چۈنكى ئاتالمىش «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» يولغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەشنىڭ ئۆزىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل ئىدى. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى يىگىرمە نەچچە يىل ئاۋۋال بىلمەي قالارمىدى؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق ئەمەس! زور مىقداردىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا كەڭ كۆلەمدە يۆتكەپ كېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ياشاش كىرىزىسى پەيدا قىلىشتۇر. دەرۋەقە، بۇ كىرىزىس نۆۋەتتە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پەيدا قىلىندى!
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.