ئۇيغۇر دىيارىدىن ياۋروپاغا يول ئالغان پويىز نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەلئوغلى
2016.05.31
urumchi-germaniye-tomur-poyiz-yol.jpg ئۈرۈمچىدىن گېرمانىيەگە تۇتاشتۇرۇلغان تۆمۈر يولنىڭ 2016-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا قاتناش باشلىشى توغرىسىدا ئىككى تەرەپ ئىمزا قويماقتا. 2016-يىلى 17-مارت، ئۈرۈمچى.
english.cri.cn diki munasiwetlik maqalidin élin’ghan

خىتاي دائىرىلىرى ياۋروپاغا قاتناشقا باشلىغان ترانسپورت تېز پويىزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا بازىرىغا توشۇپ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ لىنىيەنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنخۇا تورىنىڭ 30-ماي بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 2016-يىلى 28-ماي كۈنى سائەت 12 دە ئۈرۈمچىدىن گېرمانىيەنىڭ دۇئىسبۇرگ شەھىرىگە بارىدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىققان. ئالاقىدار تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك بۇ يۈك پويىزىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 8000 كىلومېتىر بولۇپ، 10 كۈن ئەتراپىدا مۇساپىنى تاماملايدىكەن.

بۇ پويىز ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ بېشى بولغان ئالاسانكۇ ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، قازاقىستان، رۇسىيە، پولشالاردىن ئۆتۈپ گېرمانىيەنىڭ دۇئىسبۇرگ شەھىرىگە يېتىپ كېلىدىكەن. بۇ ترانسپورت تېز پويىزى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن خىمىيىلىك مەھسۇلاتلار، پەمىدۇر قىيامى، توقۇلما بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ياۋروپا بازىرىغا توشۇلۇپ، گېرمانىيەدىن تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرى يەنى يېمەكلىك، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، ئۆي جاھازلىرى ۋە ئېلېكتر سايمانلىرىنى كىرگۈزۈش مەقسەت قىلىنغان.

بۇ نۆۋەتتە، خىتايدىن ئوتتۇرا ياۋروپاغا تۇتاشقان مۇساپىسى ئەڭ قىسقا، ۋاقىت جەھەتتىن ئەڭ مۇۋاپىق تۆمۈريول ترانسپورتى بولۇپ، ئىچكىرىسىدىن قاتنايدىغان ئوخشاش تىپتىكى پويىزغا قارىغاندا 2000 كىلومېتىر مۇساپە ھەم 2-3 كۈندەك ۋاقىت تىجىلىپ قالىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە ۋە گروزىيەگىمۇ ئاللىقاچان ترانسپورت پويىزلىرى يولغا قويۇلۇپ بولغان بولۇپ، تۈركىيەگىمۇ سىناق سۈپىتىدە قاتناشقا باشلىغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن ياۋروپاغا تۇتاشقان بۇنداق خەلقئارالىق ترانسپورت لېنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىغا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغا شۇنداقلا مىللىي كارخانا ۋە تىجارەتچىلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر ئەھمەد ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى پەرھاد مۇھەممىدى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.