ۋولكىسۋاگېننىڭ مەغلۇبىيىتى: ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن نەتىجىلەنگەن «تىركىشىش»
2024.12.02
گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ بىر باياناتچىسى، 27-نويابىر مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى شاڭخەي لىنگاڭ گۇرۇھىغا تەۋە بىر شىركەتكە سېتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. مەزكۇر باياناتتا يەنە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ تۇرپاندىكى ماشىنا سىناق قىلىش ئورنىنىمۇ سېتىۋەتكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ ئىشنىڭ ۋولكىسۋاگېننىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ئەھۋالنى، «ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ بىلەن ھېچقانداق سودا مۇناسىۋىتى قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ شەرھلىگەن. ئۇنداقتا ئەھۋال راستتىنلا شۇنداقمۇ؟
قارايدىغان بولساق، 2022-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ خىتايدىكى كارخانا مۇلازىمىتىگە بۇنىڭدىن كېيىن كېپىللىك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەينى چاغدا، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار توختىماي ئاشكارىلىنىپ، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى خەلقئارادا ئېغىر تەنقىدكە دۇچ كەلگەن. بۇ ۋاقىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە قارشى تۈرلۈك شەكىلدە نارازىلىقلارنى باشلىۋەتكەنىدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ۋولكىسۋاگېننىڭ باش ئىجراچىسى ھېربېرت دىس گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسىدە، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاينى داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ كۈچ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختاتمايلا قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانىدى. 2023-يىلى مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتايدىكى تارمىقىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى رالف براندستاتتېر ئۇيغۇر ئېلىدىكى فابرىكىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ھېچقانداق ئىشنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى مەسئۇلى توماس ستېخمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق قىلمىشى» سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ھەقلىق» كۆرسەتكەندەك سۆزلەرنى قىلغانىدى.
ئۇنداقتا، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ تېخى بىر يىل بۇرۇنلا خەلقئارانىڭ ئەيىبلەشلىرىگە پىسەنت قىلمايدىغان تەكەببۇرلۇقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن قەتئىي چېكىنمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى بۈگۈن نېمىشقا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قالدى؟
بۇنداق بولۇشىدا مۇنداق بىر بىر قانچە سەۋەبلەر بار. بىرى، بۇ يىل فېۋرالدا، ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىغا مەنسۇپ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ماشىنىلارغا ئىشلىتىلگەن، خىتاي ئىشلەپچىقارغان زاپچاسلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇنىڭ بىلەن نەچچە مىڭلىغان ئاۋدى (Audi)، بېنتلىي (Bentley) ۋە پورش (Porsche) قاتارلىق گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان ئاپتوموبىللىرى، ئامېرىكا پورتىدا تۇتۇپ قىلىنغان. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بۇ ھەقتە باياناتنامە ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى، ئەگەر تەمىنلەش زەنجىرىدە ھەقىقەتەن قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار، يەنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلانسا، تەمىنلەش سودىگەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى دەرھال ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان تەمىنلەش سودىگەرلىرى دەل ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆرسىتىدۇ؛
يەنە بىرى بولسا، بۇ يىل سېنتەبىردە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى (Financial Times)» دە گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىغان. يەنى ۋولكىسۋاگېن شىركىتى «مالىيە ۋاقتى گېزىتى (Financial Times)» گە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشتە، «خەلقئارا ئۆلچەم SA8000» گە تايانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، «مالىيە ۋاقتى گېزىتى (Financial Times)» نىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋولكىسۋاگېنغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان شىركەتنىڭ، «خەلقئارا ئۆلچەم SA8000» نى بېكىتكۈچى ئورگاننىڭ تىزىملىكىدە يوقلۇقى ئاشكارىلانغان. بۇنداق بىر ئىسپاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈش» نەتىجىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىزلىكىنى دەلىللىگەن. بۇ ئىش ئاقىۋەتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى 50 نەچچە نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىرلەشمە ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىشىغا سەۋەب بولغان. مەزكۇر بىرلەشمە ئىمزالىق خەتتە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زاۋۇتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمىغانلىقى سەۋەب، بۇ شىركەتنىڭ بۇ جايدىن چېكىنىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان؛
دەرۋەقە، بۇ قېتىم ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تۇيۇقسىز چېكىنىپ چىقىشى سەۋەبسىز بولماستىن، بەلكى ئامالسىزلىقتىن بولغان. چۈنكى بۇ شىركەت، خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇش تەرەپدارى بولۇپ كەلگەنىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئىسپاتلارغا قىلچە پىسەنت قىلمىغان. ھەتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «تەكشۈرۈش دوكلاتى» ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچىمۇ بولغان. لېكىن، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنغان ماشىنىلىرىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىش ۋەقەسى ۋە ئاتالمىش تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ۋولكىسۋاگېننى خەلقئارادا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئاقىۋەتتە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئامالسىزلىقتىن «ئۆز لەۋزىدە تۇرۇپ، شىنجاڭدىن چېكىنىش» كە مەجبۇر بولغان.
بۇنداق بىر نەتىجىنى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى دېمەي تۇرالمايمىز! چۈنكى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىشىنىڭ ئۆزىلا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ئېتىراپ قىلىش ئۆز نۆۋىتىدە يالغۇز گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بەلكى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا غەرب شىركەتلىرىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قېلىش، بۇ شىركەتلەرنى زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي زىيانغىلا ئۇچرىتىپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگىمۇ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ھەرقانداق دۆلەت ئاتلىغان شىركەت ئۈچۈن ئىقتىساد ۋە ئىناۋەتنى تەڭلا يوقىتىش، ئۇنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىشقا ئېلىپ بارالايدۇ.
ۋولكىسۋاگېننىڭ مەغلۇبىيىتى ئەلۋەتتە ئىشلارنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقى ئەمەس. چۈنكى بۇ شىركەت ئۆزىگە قارشى ئەيىبلەشكە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئامالسىزلىقتىن ئېتىراپ قىلدى. دېمەك، ئامالسىزلىقتىن ئېتىراپ قىلىنغان مەغلۇبىيەتنىڭ ئارقىسىدا ئويۇنلارنىڭ يەنىلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا بۇ ئويۇن زادى نېمە؟
بۇ ئويۇن دەل ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ، خىتايدىن چېكىنمەسلىكىدۇر. خىتايدىن چېكىنمەسلىك دېگىنىمىزدە، بىرى، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركىتىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ يەنىلا شاڭخەي ماشىنىسازلىق شىركىتى بىلەن قېرىنداش شىركەت بولغانلىقى؛ يەنە بىرى بولسا، ۋولكىسۋاگېن بىلەن شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يەنىلا داۋام قىلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. چۈنكى، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارخانىسىنى سېتىلىۋالغان شىركەت تەۋە بولغان «لىنگاڭ گۇرۇھى» بىلەن «شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھى» نىڭ قۇرغۇچىلىرى دەل شاڭخەي دۆلەت مەبلىغى كومىتېتى (上海国资委) دۇر. ئېنىقراقى، ئۇلار بولسا يىلتىزى بىر، تىجارىتى بىر بولغان قېرىنداش شىركەتلەردۇر!
دەرۋەقە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارخانىسىنى سېتىۋېتىش بىلەن تەڭلا، شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى يەنە 15 يىل ئۇزارتىش كېلىشىمىنى تۈزۈشى سەۋەبسىز ئەمەس. بەلكى بۇ خەلقئارانىڭ تەنقىدىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن «قوللانغان ۋاسىتە» دەپ قارالسا تېخىمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن. بىز شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئاۋۋالقى ئوبزورلىرىمىزدا بايان قىلغانىدۇق. دېمەك، بۇ يەردە گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھى بىلەن بولغان 40 يىلدىن بۇيانقى ھەمكارلىقىنىڭ، يەنە 15 يىل ئۇزارتىلىدىغانلىقى ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۇنداق ئاسان ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۈگۈن ئۇيغۇرلار ۋولكىسۋاگېن بىلەن بولغان كۈرەشتە، ھەقىقەتەن چوڭ بىر غەلىبىگە ئېرىشتى. لېكىن بۇ غەلىبە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن يەنىلا يىراق. چۈنكى ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋام قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسى يەنىلا داۋاملىشىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشان، ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش. ھەتتا خىتايدىكى تېخىمۇ كۆپ غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتۇر.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]