تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىنى چېقىش: خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭنىڭ ئۇيغۇر سۆيگۈسى قانچىلىك؟

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2023.12.02
wang-ming «تۈمەن كىشىلىك شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» يىغىنىدا يازغۇچى ۋاڭ مېڭ سۆزلەۋاتىدۇ، 2023-يىلى 17-نويابىر، بېيجىڭ
شەنشى تورى

يېقىندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق زىيالىيلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى، تور سۇپىسى رىياسەتچىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خادىملىرى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىدىن كەلگەن كىشىلەردىن تەركىب تاپقان «تۈمەن كىشىلىك شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» ئورتاقلىشىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان. كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر يىغىننىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن، شۇنداقلا خىتاي خەلقى ۋە چەت ئەللىكلەرنى ‹ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق› دېگەن سەپسەتىسىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي تەشۋىقات» دەپ قارىماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىكەن. ۋاڭ مېڭنىڭ «يەر شارى تورى» مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ۋە خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق باشقا ئورگان تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇ بېيجىڭدىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە «شىنجاڭ ھازىر ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتە بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا» دېگەندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا «چوڭقۇر سۆيگۈ» سى بارلىقىنى، «شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۈمىدۋار، جۇشقۇن خەلق» ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن.  

ئۇنداقتا، خىتاي يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان «چوڭقۇر سۆيگۈ» سى زادى قانچىلىك؟ ئۆز دەۋرىدە 16 يىلدەك ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ياشىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاش-تۇزىنى يېگەن ۋاڭ مېڭ، بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىگە قانداق ئىنكاستا بولۇۋاتىدۇ؟ 

بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ۋاڭ مېڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەچمىشلىرىگە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.

ۋاڭ مېڭ 1950-يىللاردا «ياشىسۇن ياشلىق» ناملىق رومانى بىلەن خىتاي ئىچىگە تونۇلغان ياش يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ 1950-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئېلان قىلغان «تەشكىلات بۆلۈمىگە كەلگەن ياش» ناملىق ھېكايىسىدە خىتاينىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى بىيۇروكراتلىقنى ۋە شەكىلۋازلىقنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، «ئوڭچى» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ، 1963-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە بولغان 16 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ياشىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ غۇلجا بايانداي يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن بىرقانچە يىللىق ھاياتى ئۇنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە ئېلان قىلغان ھېكايە-پوۋېستلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

ۋاڭ مېڭنىڭ خاتىرەلىرىگە قارىغاندا، ئۇ «ئوڭچى» قالپىقى كىيىپ غۇلجادىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىغا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە چۈشۈرۈلگەندە، قەلەم تۇتۇپ كۆنگەن بۇ خىتاي زىيالىيسى ئۈچۈن «كەتمەن تۇتۇش» ئىنتايىن قىيىن كەلگەن. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ، يېزا ئەمگىكىگە سېلىنغان ۋاڭ مېڭ غۇلجا يېزىلىرىغا يېڭى بارغان ۋاقىتلىرىدا ئىنتايىن قىينالغان. ھالبۇكى، ئۇ ھەر قېتىم تېڭىرقاش، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە گاڭگىراشقا ئوخشاش مۇرەككەپ روھىي ھالەتلەرگە دۇچ كەلگىنىدە، خۇشچاقچاق، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇنىڭغا مەدەت ۋە ئىلھام بەرگەن؛ ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىنسانلىق مېھىر-مۇھەببەت ھېس قىلدۇرغان. ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولغان ياش خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭ ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تەسىرىدە ھاياتقا يەنە ئۈمىد بىلەن قاراشقا باشلىغان.

ۋاڭ مېڭ بايانداي يېزىسىدا ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا، 1965-1971-يىللىرى
ۋاڭ مېڭ بايانداي يېزىسىدا ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا، 1965-1971-يىللىرى
بەيدۇ ئېنسىكلوپېدىيە

ۋاڭ مېڭ سۈرگۈندىكى كۈنلىرىدە غۇلجادىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەچكە، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن قىزىقىش قوزغالغان. ئۇ شۇ يىللاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن بىللە ياشاپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگەن. ئۇ خاتىرىسىدە ھەتتا شۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىشنى مەشق قىلغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاڭ مېڭ 1979-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 16 يىللىق سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭغا قايتقان. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن يازغان بەزى ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىنى تېما قىلغان، غۇلجا يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى، مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى ۋە يۇمۇرىستىك ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ھەتتا غۇلجانى «ئىككىنچى ئانا يۇرتۇم» دەپ تەسۋىرلىگەن.

1980-يىللاردا ۋاڭ مېڭنىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبتا يازغان ئاڭ ئېقىمىدىكى ھېكايىچىلىقى بىلەن خىتاي ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ غۇلجادىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى» ناملىق رومانى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولغان «ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، بۇ ئەسەر 2022-يىلىدىن باشلاپ تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلەش ئۈچۈن سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغان.

ۋاڭ مېڭنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى كېيىنچە ئۇنى خىتايدىكى مەشھۇر ئەربابقا ئايلاندۇرغان. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇ خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان. ھالبۇكى، 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلغان دەپ قاراپ، مەدەنىيەت مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.

ۋاڭ مېڭ داڭلىق خىتاي يازغۇچىسى لۇشۈندىن قالسىلا ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلىنغان خىتاي يازغۇچى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتلارغىچە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن قويۇق شەخسىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىشى، ئۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان. ئىلگىرى ۋاڭ مېڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان، سۆھبەتتە بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە كىشىلىكى ھەققىدە يازغان ئوبزور ۋە ماقالىلىرىدە، «ۋاڭ مېڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادىتى شۇنداقلا روھىي دۇنياسىنى ئىنچىكە، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر يورۇتۇپ بەرگەن بىردىن-بىر خىتاي يازغۇچى» دېگەندەك باھالارنىمۇ بەرگەن. ۋاڭ مېڭنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزىگە قوينىنى ئاچقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىگەن.

ھالبۇكى، مۇشۇنداق تەسىرلىك ۋەدىلەرنى بەرگەن داڭلىق خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئېغىر سىياسىي كۈلپەتلەر كەلگەندە ئوتتۇرىغا چىقالىدىمۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەق گەپ قىلالىدىمۇ ياكى ھېچ بولمىغاندا شەخسىي نامىدىن بايانات بېرىپ، ئۆزى بىر مەھەل مەھلىيا بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «رەزىل كۈچ» ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ باي ۋە قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق بىر خەلقنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يوقىتىشنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بولىدىغانلىقىنى سۆزلىيەلىدىمۇ؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى بىزنى ھەقىقەتەنمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ ۋە ئازابلايدۇ!

1997-يىلى «غۇلجا 5-فېۋال قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇن قىلغاندا؛  2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دا سان-ساناقسىز ئۇيغۇر ياشلىرى غايىب قىلىۋېتىلگەندە؛ ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن «تېررورچى»، «ئۈچ خىل رەزىل كۈچ»، «ئاشقۇن» دېگەن قالپاقلار بىلەن خىتاينىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغاندا، 2017-يىلىدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغىنىدا، ئەڭ قىيىن كۈنلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاش-تۇزىنى يېگەن، ئۇيغۇرلاردىن ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىقنى ئۆگەنگەن داڭلىق خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭ سۈكۈت يولىنى تاللىۋالدى؛ ھېچقاچان ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ئېغىز ھەق گەپ قىلمىدى؛ ھەتتا ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ، خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ياقلايدىغان باياناتلاردا بولدى!

ئەينى ۋاقىتتا ئوبزورچى رەخىم قاسىم «ۋاڭ مېڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىش بىلەن شۆھرەت قازاندى» دەپ باھا بەرگەن ئىدى.  ھالبۇكى، ۋاڭ مېڭنىڭ ئەسەرلىرىگە جان كىرگۈزگەن ئاشۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقتىكى قىسمەتلىرى تىراگېدىيەلەرگە تولغان ئىدى.

ئۆز دەۋرىدە ئۇنىڭغا ئىلھام بۇلىقى بولغان ئۇيغۇر يېزىلىرى بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يېڭى ماكانىغا ئايلانغان؛ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنىپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانلىرىدىن قوغلانغان؛ قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىپ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەھشىيلىكلەرگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ۋاڭ مېڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە مۇھەببەت بىلەن تەسۋىرلىگەن ۋاپادار ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئارزۇلىرى ئاللىقاچان تۇنجۇقۇپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى قاتارىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ھەيدەلگەن، سەۋەبسىز تۈرمىلەرگە تاشلانغان ياكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشىدەك ئېچىنىشلىق تەقدىرگە دۇچ كەلگەن ئىدى.

ۋاڭ مېڭ يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى خىتاي جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلگەن يازغۇچى دەپ قارالغان ئىدى. ۋاڭ مېڭنىڭ ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن تېيىپجان ئېلىيوپ ۋە ئابدۇكېرىم خوجىلارغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەلىرى، ئەسلىمىلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەپ قارالغان ئىدى. ئۇ، ئۆز دەۋرىدە «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى يۈرەك تارىمنى چېكىدۇ، دېگەن ئىدى. ھالبۇكى، بۈگۈن «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئېيتىلىدىغان ئۇيغۇر مەشرەپلىرى يوق قىلىنغاندا، ۋاڭ مېڭ يەنە سۈكۈت قىلدى؛ ئۇ «ئۇيغۇر تىلى» ناملىق ماقالىسىدە «كېچىدە ئويغىنىپ ھاجەتكە چىققىنىمدا ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كۆزۈمگە ئۇچرىغان نەرسىلەرنى ئۇيغۇرچە دېيىشكە تىرىشاتتىم» دەپ يازغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ، ئاخبارات، ئىجادىيەت ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىلىشىنى چەكلىگەندە، ئۇيغۇر تىلىدا يارىتىلغان نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىۋاتقاندا، ۋاڭ مېڭ يەنە ئەڭ تۆۋەن ئىنسانىي ۋىجدانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى!

ئۇيغۇرلاردا «تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چېقىش» دەيدىغان ئىدىيوم بار. بۇ ئىدىيوم، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، ئەمما كېيىن ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان ئەھۋاللارغا تەدبىقلىنىدۇ. ۋاڭ مېڭنىڭ مەيدانىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ بېيجىڭدا «تۈمەن كىشىلىك شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دېسەكمۇ، ۋاڭ مېڭ بۇ يىغىنغا بارماسلىقنى تاللىسا بولاتتى. «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بەخت ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ» دېگەندىن كۆرە، سۈكۈت قىلغىنى ئەۋزەل ئىدى. تەتقىقاتچى دەررېن بايلېر (Darren Byler )مۇ يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ، ئەمما ئۇ يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ ئۇستىلىق بىلەن بۇ خىل سەھنىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ تەشەببۇسچىسىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

دېمەك، خىتاي يازغۇچى ۋاڭ مېڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇنىڭغا سەمىمىي قەلبىنى ئاچقان ۋە ئەقىدىسىنى بەرگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا، يەنىلا خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى تاللىغان. ئۇنىڭ «تۈمەن كىشىلىك شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقات يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ مەيدانىدا سۆز قىلىشى، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان «چوڭقۇر سۆيگۈسى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان «خىتاي سۆيگۈسى» دىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

خىتاي تارىخىغا قارايدىغان بولساق، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئاتالمىش «غەربىي رايون» غا كەلگەن جاڭ چيەن ھونلارنىڭ تۇتقۇنىغا چۈشۈپ قالغاندا، يەرلىكلەردىن بىر ئايالغا ئۆيلىنىپ، ئۇيسۇنلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاش-تۇزىنى يەپ، ئاخىرىدا ھايات پېتى خەن پايتەختى چاڭئەنگە قايتىپ بارالىغان. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تارىخچىلىرى جاڭ چيەننىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون» غا كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ «ئەزەلدىن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسى» قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «شىنجاڭ ئىشخانىسى» نىڭ سابىق باشلىقى شى داگاڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاش-تۇزىنى يېگەن، ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئۆگەنگەن خىتايلار ئىدى. ھالبۇكى، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان زور تۇتقۇن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى شى جىنپىڭنىڭ «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» (Absolutely No Mercy) سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان رەھىمسىز ئىجراچىلارغا ئايلاندى!

دەرۋەقە، داڭلىق خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلغان ئەمەلدارلاردىن ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئاش تۇزىنى يېگەن بۇ داڭلىق خىتاي يازغۇچىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ۋاقىتلاردا ھەق تەرەپتە تۇرماسلىقى ياكى سۈكۈتنى تاللىشى، ھەتتا خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆز قىلىشى، ئۇنى جۇخەيلۇن ياكى شى داگاڭ قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ئىرقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجراچىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈشكە يېتەرلىكمۇ!؟....

***[بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.