ۋولكسۋاگېن شىركىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆرەلمەيدۇ؟
2023.03.03
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى 2017-يىلىدىن بۇيان خەلقئارادىكى ئەڭ قىزىق مەسىلە سۈپىتىدە مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلدى. گەرچە بۇ ھادىسە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتالمىغان، خىتاينى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سوتلاش شارائىتىنى ھازىرلىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتايمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يوچۇق ئىزدەشكە باشلىدى. خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا باغلانغان چەت ئەل كارخانىلىرىنىمۇ يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلاش، دەل خىتاينىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر.
مەلۇمكى، گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) گورۇھىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر تۈرلۈك ئىسپاتلار بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارىلانغانىدى. ئەمما مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتايدىكى تارمىقىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى رالف براندستاتتېر ئۇيغۇر ئېلىدىكى فابرىكىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ھېچقانداق ئىشنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
رالف براندستاتتېر فېۋرالنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتتا ھېچقانداق بىنورماللىقنى بايقىمىغانمىش. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاممىۋىي مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى توماس ستېخمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتايدىكى شىركىتى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ قۇرۇلغان شىركەت بولغاچقا، شىركەتنىڭ ھەرقانداق قارارى مەلۇم چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. توماس ستېخ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ «تېرورلۇق قىلمىشى» سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما بىر قىسىم ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى ئېيتقان. توماس ستېخ مۇخبىرنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتى ھەققىدىكى سوئالىغا، بۇ دوكلاتتىن ئەندىشەلەنگەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
رالف براندستاتتېر بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋولكىسۋاگېن زاۋۇتىدا 240 تەك ئىشچى بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ 17 پېرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇ زاۋۇتتا 8 يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئۇ ھالدا، ئۇيغۇر ئېلىدا زاۋۇت قۇرغان گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن زادى ئالاقىسى بارمۇ - يوق؟
2022-يىلى دىكابىردا ئەنگلىيە شېفلىد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى (Sheffield Hallam University) كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھازىرقى زامان قۇللۇق تۈزۈمى مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور لاۋرا مۇفىي رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يەنە بىر مۇھىم دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا پۈتكۈل يەر شارىدىكى ماشىنا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئالاقىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. لاۋرا مۇفىي خانىم «نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز دائىرىسىدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان».
يۇقىرىقى دوكلات بويىچە قارىغاند، گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغانلىقى شەكسىز. ئۇ ھالدا ۋولكىسۋاگېن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن قاچان ۋە قانداق چېتىلغان؟
2010-يىلى ئاتالمىش «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم بېرىش» سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنى «شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم» گە چاقىرغان ئىدى. بۇ دەل بىز ئىزچىل دەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي رايونلىرىغا بۆلۈپ بېرىلىشى ئىدى. بۇ چاغدىن باشلاپ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارىخانىلىرى «باشلامچى كارخانىلار» (龙头企业) سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كەلگەن ۋە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش »نى باشلۋەتكەن. يەنى دۆلەت كارىخانىلىرى دۆلەت مەبلىغى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا «نوقتىلىق ياردەم» گە كىرىپ كەلگەنىدى.
خىتايدىكى ۋولكسۋاگېن شىركەتلىرى بولسا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى بولۇپ، بۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» پىلانىغا قاتناشقان كارىخانىلاردۇر.
ۋولكسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى، دەل ئۇنىڭ «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش پىلانى»غا قاتناشقانلىقىدۇر.
شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھىغا قاراشلىق ۋولكسۋاگېن شىنجاڭ شىركىتى «مائارىپقا ياردەم» تۈرىدە، شاڭخەي دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرغان ھەمكارلىق سۇپىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن «كارخانا بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىقى» شەكلىدە ئالاقە ئورناتقان. مەسىلەن، 2013-يىلى 8-ئايدا شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا 1مىليون 500 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، «كارخانا بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىقى» ئۇسلۇبىدا، مەزكۇر مەكتەپ بىلەن بىرلىكتە ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان تەربىيەلەش تەجرىبەخانىسى قۇرۇپ چىققان. ئارقىدىنلا شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىم 6-تارماق ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىمزالىغان. مەزكۇر 6-تارماق ئەترەت 2010-يىلىدىكى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن ئالاھىدە سەپلەنگەن قوراللىق قىسىمدۇر. شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتى شىنجاڭ قوراللىق ساقچى 6-تارماق ئەترىتىگە ماشىنا ئىئانە قىلغان.
ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014 – يىلىدىن بۇيان يولغا قويغان «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» (访惠聚) سىياسىتىگە قاتناشقان مەكتەپلەرنىڭ بىرىدۇر. بىزگە مەلۇم ئاتالمىش «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» بولسا، خىتاي مەمۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، دەسلەپكى ئۈچ يىلدا (2014 -2017) ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىچكىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، ئارخىپلاشتۇرۇپ، تۈرلەرگە ئايرىپ، چوڭ تىپتىكى سانداننى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلارنى ئائىلىسى، ئېتىقادى ۋە تۇغقانلىرى بويىچە ئۈچ چەمبىرەكلىك مۇناسىۋەت تورىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ چىققان ۋە گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى لاگىرغا، تۈرمىگە تۇتقۇن قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا 1980- ، 1990- ۋە 2000 – يىللار ئارىسىدا تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن «زەھەرلىك ئىدىيەلەردىن قۇتقۇزۇپ قېلىش ئىمكانى بار» دەپ قارالغانلار ياكى پۈتۈنلەي «گۇناھسىز» دەپ قارالغانلىىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش» ئارقىلىق ئامال بار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇش ۋە بارغان يەرلىرىدە ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
ئاتالمىش شىنجاڭ يېزا – ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى تورىدا «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە بېرىلگەن بولۇپ، ماقالىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئۇنىۋېرسىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىقى ئېنىق يېزىلغان.
ماقالىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر دەرىجىدە نامرات بولغان 10 يېزا 37 كەنتكە 2018 – يىلى يانۋاردىن باشلاپ بىرىنچى قول باشلىق ياردەمچىسى ئەۋەتكەن بىردىنبىر ئورۇن ئىكەنلىكى يېزىلغان. شۇنداقلا بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزىلاردىكى بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باشقا يەردىن بۇ كەنتكە خىزمەت چۈشكەن گۇرۇپپىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىگىچە كىرىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، ئارخىپلاشتۇرغانلىقىنى؛ 8300 دەك نامرات كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ، ئايلىق تەكشۈرۈش، «بىر ئائىلىگە بىر ئارخىپ، بىر ئائىلىگە بىر لايىھە» تۈزۈش ئارقىلىق نامرات دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى يازغان. بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى يەنە كەنت ئەترەت يېتەكچىلىكى، دېھقانلارغا كاللا يۇيۇش ئېلىپ بارىغان ئاتالمىش «دېھقانلار كەچلىك كۇرسى»نىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەشۋىقاتچى.....قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىمۇ جان پىدالىق بىلەن ئورۇنلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنى مەكتەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيە تاپشۇرغان «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماسلىق»، «قەسەمنى ئېسىدە تۇتۇش» ۋەدىسى بويىچە «ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن»لىكىنىمۇ يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزىغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىمى مۇ شىڭخۇانىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى 808 نەپەر دېقھاننىڭ ھەقسىز سۆرىتىنى تارتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ئۈرۈمچى كەسپى تېخنىكا مەكتپىنىڭ 2018 – يىلى ئېلان قىلغان يىللىق خىزمەت دوكلاتى (نۆۋەتتە توردىن يۇيۇۋېتىلگەن) دا بولسا تېخىمۇ كۆپ ۋە كەڭ دائىرىلىك مەلۇماتلار بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەشتىن تارتىپ، قوش تىل مائارىپى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش قاتارلىق نۇرغۇن جىنايەتلەرگە بىۋاسىتە قاتناشقانلىقى خاتىرىلەنگەن.
يەنى يۇقارقىلاردىن مەلۇمكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى گېرمانىيە ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ۋە ئۇلارنىڭ زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي ياردىمىنى قوبۇل قىلغان بىر مەكتەپ. يەنى ۋولكىسۋاگىن خىتاي شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېت ئارىسىدا «كارخانا بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىقى» ئورنىتىلغان.
«كارخانا بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىقى» تۈرى «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم» سىياسىتىنىڭ مائارىپقا ياردەم تۈرىدىكى نۇقتىلىق تۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر بويىچە كارخانىلار «ئىشچىلارنى ئېھتىياجغا قاراپ تەربىيەلەش» ئۈچۈن مەكتەپلەرگە «زاكاز» بېرىدۇ. مەكتەپلەر ئىشچىلارنى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەپ، كارخانىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ ھادىسىنى نۆۋەتتە «زامانىۋى قۇل سودىسى» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن. 2020-يىلى تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «نەنكەي دوكلاتى» دا بۇ جەريانلارغا ئالاقىدار بولغان تەپسىلاتلار ئىسپاتلىق كۆرسىتىلگەن.
«شىنجاڭ شىڭ پېڭدا ئىشچىلار مەكتىپى» 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ساھەسىنى ئاساس قىلغان يەككە ئىگىلىكتىكى ئىشچىلار كەسپىي مەكتىپى. بۇ مەكتەپ ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەكتەپ بىرىنچى ماشىنىسازلىق ۋولكسۋاگېن شىنجاڭ شىركىتى، گېرمانىيە BOSCH شىركىتى شىنجاڭ تارمىقى قاتارلىق داڭلىق كارىخانىلارنىڭ مەخسۇس ئىشلەمچى تەربىيەلەش بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. تەربىيەلەيدىغان ئىشلەمچىلەر ئاساسەن يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى نىشان قىلىدىكەن. بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار كەسىپ ئۆگىنىشتىن باشقا خىتاي تىلى ۋە دۆلەتنى سۆيۈش قاتارلىق سىياسىي دەرسلەرنى ئۆگىنىدىكەن. باشقۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، تولۇق ھەربىي تۈزۈم بويىچە يېپىق ئۇسۇلدا باشقۇرۇلىدىكەن. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سىم تورلار بىلەن پېچەتلەنگەن سۈرىتى ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە پىسىخىكا دەرسى بېرىلىۋاتقان، ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تور بېكىتىگە چاپلاپ قويۇلغان.
تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاي ئۆزىنىڭ ئاشكارا بايانلىرىدا ئېنىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەسپىي تەربىيەلەشنىڭ مەقسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى پەقەت رادىكاللىق، تېرورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىكنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى يۇيۇپ، خىتاي بولۇشنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس.
يىغىپ كەلسەك، ۋولكسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانلىرى بىلەن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ئالاقىسى بولغانلىقىدا شەك يوق. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ۋە كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى، گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ پولاتتەك پاكىتلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرسىمۇ، بۇ جىنايەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىشىدۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.