شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىتلىكى خىتايدىكى كىرىزىس بىلەن تەڭ چېكىگە يېتەمدۇ؟
2023.09.19
چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئېلان قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەردە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئىزچىل مۇھىم تېما بولۇپ كەلمەكتە. بۇ مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ بىر ياقتىن خىتاينىڭ يەنىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئىكەنلىكى، دۇنيا سودىسى ۋە خەلقئارا مال تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئورنى تۈپەيلىدىن بولسا، يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى مۇھىم ئىقتىسادىي بازا قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق «دۇنيانى قاپلاش ۋە بايلىق توپلاش» پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئىكەن.
چەت ئەل شىركەتلىرى خىتاينى تاشلاپ چىقىپ كەتسە، خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلار خىتايغا قىزىقمىسا، چەت ئەل سەرمايىسى ئازلاپ كەتسە، تاشقى سودىسى چېكىنسە، سىرتتىن تېخنىكا ۋە مەبلەغ كىرمىسە خىتاي يەنە تەرەققىي قىلالامدۇ؟ «ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ» گۈللەنگەن خىتاي بۈگۈن ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ئىشىكنى تاقاپ، «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش قىلىش» ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنى دۆلەت ئىچىدە ئايلاندۇرۇش بىلەن راۋاج تاپالامدۇ؟
17-سېنتەبىر كۈنى، «مۇھاپىزەتچى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي كومپارتىيە باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ پەقەت ھاكىمىيەتنى، يەنى ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەشنىلا ئەڭ چوڭ نىشان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەھلىل قىلىنغان.
«خىتايدىكى كىرىزىس ئېغىرلاشقانچە، شى جىنپىڭ ھەممىنى كونترول قىلىۋېلىشنى بوشىتىش سادالىرىغا دۇچ كەلدى» دېگەن تېمىدا يېزىلغان بۇ ماقالىدە، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى، ئىقتىسادىي چۆكۈش، يوقاپ كەتكەن مىنىستىرلار ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىنىڭ پەقەت ئۆز تەختىنى مۇستەھكەم ساقلاش ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ بۈگۈن خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «8-ئايدا جەنۇبى ئافرىقىدا ئېچىلغان كېسەك دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا شى جىنپىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۆزلەيدىغان يىغىنغا قاتناشمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ ھەققىدە بىر ۋىدىيو تارقالدى: بىر خىتاي كاتىپ شى جىنپىڭنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈگۈرۈپ كەلدى، ئەمما ئىشىك باقار ئۇنى ئىشىكنىڭ سىرتىدا توسۇپ قويدى. ئىشىك ئېتىلگەندىن كېيىن يالغۇز قالغان شى جىنپىڭ ئارقىسىغا قاراپ-قاراپ قويدى، گاڭگىراپ قالدى ۋە تەمتىرىگەن ھالدا ئالدىغا قاراپ ماڭدى. بۇ ئىش بىر تەرەپتىن شى جىنپىڭنىڭ ئۆز سالامەتلىكى، سىياسىي كىرىزىس ۋە قەستلەشلەردىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ ھېچنېمە بىلەن چاتىقى يوق ئۆز يولىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى سىمۋوللۇق شەكىلدە كۆرسىتىپ بەردى» .
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ 2018-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا جېڭى، كوۋىد ۋىرۇسى، ۋاكسىنا سەتچىلىكى، يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش قامال سىياسىتىنىڭ بالاسى ئاپەتلىرى، ئاق ۋاراق ئىنقىلابىدىكى قارشىلىقلار ۋە باشقا مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، ئەمدىلىكتە ئىقتىسادىي چېكىنىش ئەڭ مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو بۇ ماقالىدە بايان قىلىنغان تېما ھەققىدە كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە خىتاي ھازىر قەرز ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما دېگەندەك كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، ئەمما بۇلارنى ھەل قىلىشقا يېقىن كەلمىدى. ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش، پۇقرالارنىڭ پۇل خەجلەش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھالبۇكى شى جىنپىڭ كوللېكتىپقا دۆلەتتىن سەدىقە قىلىش ئىدىيەسىدىن ۋاز كەچمىدى ۋە ئۇنى پاراۋانلىق دەپ ئاتىدى. بۇ ئەسلىدە كوممۇنىستلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى. ئەگەر بۇنداق قىلساڭ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدىكى غەلىبە قىلغۇچىدىن مەغلۇپ بولغۇچىغا ئايلىنىسەن. بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ سىياسىي خەتىرى بەك چوڭ» .
خىتاينىڭ ئىقتىسادى چۆكۈۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاي يەنە داۋاملىق تۈردە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرالامدۇ؟
رايموند كو بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، خىتايدا ئىقتىساد ناچارلاشسا، خىتايغا سىياسىي مەسىلە كەلتۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالامدۇ-يوق، ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى مەنچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بىر ئالامىتى. خىتاي ئىقتىسادى ئاساسەن ئەرزان بىنا، ئەرزان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشكەن، خىتاي بازىرى بۇنىڭغا تويۇنۇپ قالغاچقا، خىتاي خەلقئاراغا يۈزلەندى. ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى خىتايدىكى ئىقتىسادىي چۆكۈش، ناچار قەرز مەسىلىسى بىلەن باغلىغاندا، بۇنى خىتاي ئىقتىسادىي مودېلىنىڭ ئاخىرقى چېكى دېيەلەيمىز» .
ماقالىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ نەزىرىدە، خىتايدىكى تەبىئىي ئاپەت، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككىلەمچى مەسىلىلەر، بىرىنچى مەسىلە، ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇش؛ ئۇ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈردى، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى باشقۇرۇشنى قاتتىق چىڭىتتى، مۇشۇنداق قىلغانچە نارازىلىق كۈچەيدى ۋە ئۇنىڭغا تەھدىت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. دېمەك، شى جىنپىڭ مۇستەبىتلەشكەنسېرى خىتايدا مەسىلىلەر شۇنچە كۆپەيدى، مەسىلىلەر كۆپەيگەنسېرى ئۇنىڭ مۇستەبىتلىكى تېخىمۇ ئاشتى. بۇنداق ناچار دەۋرىيلىنىش ھازىر خىتايدىكى ئەڭ چوڭ كىرىزىسقا ئايلاندى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شى جىنپىڭ دۇچ كەلگەن ئاساسلىق قىيىنچىلىق ئۇنىڭ ھوقۇقپەرەسلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىرىستۇر. ئەگەر سېنىڭ ئەتراپىڭدا ئىشەنچلىك ئادەملىرىڭ ئازلاپ كەتسە، بىر كىمدىن ياخشى ئۇچۇر، مەسلىھەت ئالالىشىڭ قىيىن. خىتايدا ئىقتىساد ۋەيران بولۇشقا باشلىدى، ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى ئاللىقاچان يامرىدى. ئىشسىزلىق ئېغىرلىدى، ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىشنى توختاتتى» .
ئامېرىكا دا ياشاۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت خىتاي ئىقتىسادىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغان ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلاشقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان تاشقى سودا ھازىر تارىيىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسىمۇ چۈشۈشكە باشلىغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى بارلىق ئەمەلدارلار ھازىر مۇتلەق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ ئېغىزىغا قارايدىغان بولۇپ، كەلكۈن كېلىپ بوران چىقىپ، ۋىرۇس تارقاپ خەلققە زىيان بولسا بولسۇنكى، ھېچكىم كاللا ئىشلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپ ئىش قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدىكەن.
شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، خىتاي بارغانچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن يىراقلىشىشقا، ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ياتلىشىشقا ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەردە «چىل بۆرە» دەك يالغۇز قېلىشقا باشلىغان. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «20 دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى» غىمۇ قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئەۋەتىدىغان ئەمەلدارلىرى ھېچنېمىنى قارار قىلالمىغاچقا، بۇ يىغىننىڭ رولىمۇ چوڭ بولمايدىكەن.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «كېسەك دۆلەتلەر يىغىنى شى جىنپىڭ ئۈچۈن ئاساسەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئەگەر شى جىنپىڭ بۇ يازدا بەزى تەنقىد سادالىرىغا ئۇچرىغان ۋە خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىمەن دېسە ئۆزگەرتەلەيدۇ. بەلكىم ئۇ دەسلەپتە خەلقنى باستۇرۇش ئارقىلىق نارازىلىقلارنى يوقىتىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ قىلغانلىرى چېكىگە يەتتى. ئۇ ھەممە ئادەمنى تۈرمىگە سولىيالمايدۇ. ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئاي-يىللاپ چەكسىز داۋاملاشتۇرالمايدۇ، ھەقىقىي كىرىزىس تېخى ئۇنىڭغا كۆرۈنمىدى» .